• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

رۇشەن ئابباس خانىم ۋە ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىم ب د ت دا ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاتماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەرگە سوزۇلغان «ئۇزۇن قوللىرى» نىڭ ئەڭ تىپىك مەلۇم بولغان كارتىنىلىرىنىڭ بىرى خەلقئارالىق ھۆكۈمەتلەر بىرلەشمىسى شەكلىنى ئالغان ئەڭ ئالىي خەلقئارالىق تەشكىلات، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەرگە سوزۇلغان «ئۇزۇن قولى» نىڭ بىر ئۇچى ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا سوزۇلغانغانلىقى مەلۇم. يېقىنقى خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ب د ت نىڭ كۆپلىگەن ئورگانلىرىنى كونترول قىلىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆز پايدىسى ئۈچۈن پايدىلانماقتا ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارا قوللانغان ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى ئۆزلىرىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېقىندى بولغان دۆلەتلەرنى ب د ت يىغىنلىرىدا خىتاي ئۈچۈن پايدىلىق بولغان تەكلىپلەرگە ئاۋاز بېرىشكە تەشكىللەش بولسا، يەنە بىرى خىتاي ئۈچۈن «زىيانلىق» بولغان شەخسلەرنىڭ ب د ت مۇنبىرىگە يېقىنلىشىشىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن چەكلەشتە ئىپادىلەنگەن.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بىرنەچچە قېتىملىق ب د ت يىغىنلىرىدا دۇچ كەلگەن ئاۋارىچىلىقلىرى بۇنىڭ ئەڭ جانلىق مىساللىرى ھېسابلىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ب د ت خادىملىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە دائىر بەزى مەلۇماتلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى مەلۇم بولغان بولسا، يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋاسىتە ئارقىلىق ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىنى سېتىۋېلىشى ئەۋج ئالغانلىقى توغرىسىدىكى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى

18-ماي كۈنى ب د ت غا دائىر ئەنە شۇ خىل سەتچىلىكنىڭ بىرى قاتارىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت خادىمىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قانداق سېتىۋالغانلىقى ھەمدە بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى رەسمىي ھۆججەتلەر ئاساسىدا پاش بولدى. «ب د ت نى كۆزىتىش» تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ھىللېل نۇر (Hillel Neuer) ئىمزاسىدا شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان «ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەلۇماتچىسى خىتايدىن 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تاپشۇرۇۋالغان» سەرلەۋھىلىك ئوبزور ماقالىسىدە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە مەلۇماتچىسى ئالېنا دۇخان (Alena Douhan) نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق «ياردەم» ئالغانلىقى ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىرقاتار «سودا پائالىيەتلىرى» تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ