• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ھىندىنۇزىيەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە بىر خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندىنۇزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا يەرلىك تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا يەنە بىر خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىردى. ھىندىنۇزىيە بىرلەشكەن ئىنسانلىق پروجېكتى بىلەن جاكارتا بانتېن ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەت 22- مارت جۈمە كۈنى مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ يىغىن زالىدا ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلار ۋە ياشلاردىن تەشكىللەنگەن كۆپلىگەن ئ‍ىشتىراكچىلار تور ۋە نەق مەيدان ئارقىلىق قاتناشىتى. يىغىنغا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ۋە پروجېكىت باشقۇرغۇچىسى ئابدۇلمۇقتەدىر ئۇدۇن تور ئارقىلىق ئىشتىراك قىلدى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىدىن ئابدۇلمۇقتەدىر ئۇدۇن،  گېئوپولىتېكا ۋە ئىنسان ھەقلىرى كۈزەتكۈچىسى ئاھمەد ئەرافات، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس  تەرىپىدىن يېزىلغان «خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىنى مۇستەملىكە قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ناملىق كىتابنى ھىندىنۇزىيە تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىمام سوفيان ۋە ھىندىنۇزىيە بىرلەشكەن ئىنسانلىق پروجېكتىنىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى خوتمان سىمانجۇنتاك قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

يىغىندا ئابدۇلمۇقتەدىر ئۇدۇن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا يىغىن ئەھلىگە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. ئارقىدىن قالغان سۆزلىگۈچىلەر بىر-بىرلەپ سۆز ئالدى. يىغىن ئاخىرىدا قاتناشقۇچىلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىلدى. ھىندىنۇزىيە بىرلەشكەن ئىنسانلىق پروجېكتىنىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى خوتمان سىمانجۇنتاك يېپىلىش سۆزى قىلىپ، يىغىن قاتناشچىلىرىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئۈستىدە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشنى ۋە ھۆكۈمەتنى بۇ مەسىلىدە ھەرىكەتكە چاقىرىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى «ھىندىنۇزىيە بىرلەشكەن ئىنسانلىق پروجېكتى ياشلارنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىشقا چاقىرىدۇ» دېگەن ماۋزۇدا ھىندىنۇزىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىندى.

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ