شۇنداق، ئۇلار خىرىستىيان بولغانلىقى، دىنغا ئىتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈنلا قولغا ئېلىندى
ئەرتېكىن ئوغۇز
ئالدىنقى ھەپتە ۋاشىنگتوندا خەلقارا دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىكى توغرۇلۇق يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتايدىكى دىنىي باستۇرۇشلار ئەيىپلەنگەن ئىدى. يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە توختالغان. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى خەلقارا دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتى بۇ مەزگىلدە „خىتاينىڭ دىنىي رەھبەرلەرگە قارىتا زىيانكەشلىكى“ ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى يورۇتۇپ بەرگەن ئىدى.
ئارىدىن 10 كۈن ئۆتكەندە، يەنى 10-ئاينىڭ 9-10-كۈنلىرىدىن باشلاپ خىتاي ھاكىمىيىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىر بۆلۈك شەھەرلەردە بىرلا ۋاقىتتا ئوپىراتسىيون ئېلىپ بېرىپ، ئۆي-ئۆيلەرگە باستۇرۇپ كىرىپ، 30 دىن ئارتۇق خىرىستىيان راھىپلىرى ۋە مۇرتلىرىنى تۇتۇپ كەتكەن. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى روبىيو 11-ئۆكتەبىر ئىپادە بىلدۈرۈپ، تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولدى.
بۇ خۇسۇستا خەلقارا مەتبۇئاتلاردىن ئورۇن ئالغان خەۋەر-ماقالىلاردا „ئۇلار خىرىستىيان بولغانلىقى، دىنغا ئىتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈنلا قولغا ئېلىندى، ئۇلارنىڭ باشقا گۇناھى يوق ئىدى“ دېگەن ئىبارىلەر ئالاھىدە تەكىتلەندى.
شۇنداق، ئۇلار خىرىستىيان بولغانلىقى، دىنغا ئىتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈنلا قولغا ئېلىندى. بىز بۇنداق گەپلەرنى بۇندىن 8-9 يىل ئىلگىرىلا دېيىشكە باشلىغان ئىدۇق. يەنى „بىزنىڭ خەلقىمىز ئۇيغۇر بولغانلىقى، مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا لاگىرلارغا قامىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ باشقا گۇناھى يوق ئىدى!“
بۇ يەردە، خىتاينىڭ شى جىنپىڭدىن باشقا خۇدانىڭ بولىشىغا، كوممۇنىستىك ئىدىئولوگىيەدىن باشقا دىننىڭ بولىشىغا يول قويمايدىغان سىياسىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى ۋە بۇددا دىنىنى كۆرۈنىشتە بولسىمۇ يوقىتىپ بولغاندىن كېيىن، يەر ئاستى پائالىيەتكە كۆچكەن خىرىستىيانلارغا ھۇجۇم قوزغاشقا باشلىغانلىقى مەلۇم.
شەرقىي تۈركىستانلىقلار 2016-يىلىدىن كېيىن خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىغا تۈركۈملەپ قامىلاشقا باشلىغاندا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرىشىنى كۈتۈپ، قولىدىن كەلگەن تۈرلىك پائالىيەتلەردە بولۇندى. پەقەت 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى پومپىيو ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىتىراپ قىلغاندىن كېيىن، جەمئىي ئونغا يېقىن دۆلەتنىڭ پارلامېنتى ئەگىشىپ ئىتىراپ قىلدى. ئۇيغۇرلار شۇ چاغدا، ئالدىنقى رىم پاپاسىنىڭمۇ خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىلىكلىرىگە ئىنكاس بىلدۈرىشىنى كۈتكەن ئىدى. بىراق ئۇ، ئۆزىنىڭ „چۈش كۆرۈشكە جۈرئەت قىلايلى“ ناملىق كىتابىدا „بىچارە ئۇيغۇرلار“ دېگەن بىر ئىبارىنى قوللانغاندىن باشقا ئىپادىدە بولمىدى. „كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن، موزاينىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ“ دېگەندەك، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى، تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەر بۈگۈن خىتاي خىرىستىيانلىرىنىڭمۇ بېشىغا كەلمەكتە.
دۇنيادا بىر ۋەتەن، بىر مىللەتنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە، ئەگەر ئۇلار تېگىشلىك ئىنسانىي ياردەملەرگە ئېرىشەلمىسە، ئۆزىنى ئۇ قەدەر يالغۇز، ئۇ قەدەر بىچارە ھېس قىلىپ، جاھاننىڭ ئادالىتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزىدىغان دەرىجىگە يېتىدىكەن. 1930-1940-يىللىرى يەھۇدىيلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ۋە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىن قوغلاپ چىقىرىلغاندا، ھاياتنىڭ بۇ ئاچچىق ئەلەملىرىنىڭ تەمىنى تېتىغان. 1995-يىلى بوسنىيەلىكلەر دۈشمەنلىرىگە تاقابىل تۇرغۇدەك كۈچى بولمىغانلىقتىن سېرپلار تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىپ، ھىچقانداق تاشقىي ياردەمگە ئېرىشەلمىگەندە „دۇنيانىڭ ئادالىتى مۇشۇمۇ؟ ئىنسانىيلىق مۇشۇمۇ؟ مۇسۇلماندارچىلىق مۇشۇمۇ؟…“ دەپ نالىلار قىلىشقان ئىكەن. بۈگۈن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ، ئەركىن ياشاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ شۇ زاماندىكى نالىلىرىگە ھازىر بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋارىسلىق قىلىۋاتىمىز.
بىزگىمۇ بىر كۈنلىرى بۇ نالە-زارلاردىن قۇتۇلۇپ، دۆلەت قۇرتۇش پۇرسەتلىرى نېسىپ بولار، ئىنشائاللاھ!
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ

Leave Your Comments