رۇسسىسكايا گازېتا (Российская газета)دىكى تەتۈر تەشۋىقات
ئەرتېكىن ئوغۇز
ئۆكتەبىرنىڭ 14-كۈنى خىتاينىڭ موسكۋادىكى باش ئەلچىسى جاڭ خەنخۈي رۇسىيەنىڭ ھۆكۈمەت گېزىتى بولغان <<رۇسسىسكايا گازېتا>> دا <<تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇب-شىمالىدا جۇلالانغان يېڭى مەنزىرە، ئىتتىپاقلىق ۋە تەرەققىيات بەرپا قىلغان شان-شەرەپلەر>> دېگەن مەزمۇندا بىر ماقالە ئېلان قىلغان. خىتاي گېزىتلىرى 15-ئۆكتەبىر بۇ ئاتالمىش „مەشھۇر ماقالە“نى بەس-بەستە كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا باشلىغان.
ماقالىدا „شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى“ نىڭ داغ-دۇغىلىق خاتىرلەنگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، بۇ 70 يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن „ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر“ سانلىق مەلۇماتلار بويىچە تەپسىلى بايان قىلىپ ئۆتۈلگەن.
بىز 10-ئاينىڭ 3-كۈنى تور بېتىمىزدا ئېلان قىلغان „خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كۆپەيتىپ، ئۆمرىنى ئۇزارتىۋاتامدۇ؟“ ناملىق قىسقا ئەسلەتمىمىزدە، خىتاينىڭ 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەن چاغدىكى ۋەتەننىڭ نوپۇسىنى „5 مىليون 118 مىڭ كىشى“ دەپ ئالغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىستاتېستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدۇق.
خىتاينىڭ موسكۋادىكى باش ئەلچىسى جاڭ خەنخۈي بۇ ماقالىسىدا بولسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1953-يىلىدىكى نوپۇسىنى „4 مىليون 783 مىڭ 600، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 4 مىليون 451 مىڭ 500 كىشى ئىدى“ دەپ يازغان. ئەگەر بۇ مەلۇماتنى توغرا، دەپ ھېسابلاپ تۇرۇپ، ئوتتۇرىدىكى پەرقتە ھاسىل بولغان 332 مىڭ 100 كىشىنىڭ ھەممىسىنى خىتاي دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ، 1953-يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان خىتايلارنىڭ سانىنىڭ 350 مىڭغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك، 30-40-يىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىنىڭ بىر پارچىسى بولغان كەڭسۇ (گەنسۇ)دا 30-40-يىللىرى 30 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ياشىغان.
نىمە ئۈچۈن خىتاي مەنبەلىرى ئالدىنقى ھەپتە ۋەتەننىڭ 1949-يىللىرىدىكى نوپۇسىنى „5 مىليون 118 مىڭ كىشى“ دەپ ئالدى ۋە جاڭ خەنخۈي بۇ ماقالىسىدا „4 مىليون 783 مىڭ 600 كىشى“ دەپ ئالىدۇ؟
ماقالىدا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ 1949-يىللاردىكى 30 ياشتىن 2024-يىللىرى 77 ياشقا ئۇزارغانلىقىدىن ئىبارەت يالغان تەكرارلانغان.
ماقالىدا شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان)نىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ تارىختىكى ھەرقانداق دەۋىرگە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خىتاي رەئىسىنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ توغرىلىقى مەدھىيىلىنىدۇ ۋە شى جىنپىڭنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ:
<<ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پەقەت بىرلا ئائىلىسى بار، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو. ھەممەيلەننىڭ ئورتاق بىر كىملىكى بار، ئۇ بولسىمۇ جۇڭخۇئا مىللىتى. ھەممەيلەننىڭ ئورتاق بىر ئىسمى بار، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگولۇق. ھەممەيلەننىڭ ئورتاق بىر ئارزۇسى بار، ئۇ بولسىمۇ جۇڭخۇئا مىللىتىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشى>>.
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تىلغا ئالماي تۇرۇپمۇ، شى جىنپىڭنىڭ يۇقارقى سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ئىرىقچىلىق، مىللەتچىلىك، دېكتاتورلۇق تەبىئىتىنى ئوچۇق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
خىتاينىڭ موسكۋادىكى باش ئەلچىسى ماقالىسىدا، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋېتىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولغانلىقى، ئامېرىكا ۋە غەرب كۈچلىرىگە ئوخشاش „ئىرقىي قىرغىنچىلىق“، „مەجبۇرىي ئەمگەك“ قاتارلىق „پىتنىلەرنى تېرىپ“، كىشىلىك ھوقۇقنى دەسمىي قىلىۋېلىپ خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغانلىقى ئۈچۈن پۇتىنغا ۋە رۇسىيە رەھمەت ئېيتىدۇ.
رۇسىيەنىڭ بولسا ئۇكرائىنانى ۋەيران قىلىۋاتقان تاجاۋۇزچى بىر دۆلەت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ تىزگىنىنىڭ دېكتاتور پۇتىننىڭ قولىدا ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ بولسا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقان بىر زالىم مەملىكەت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ خەرىتىسىنى شى جىنپىڭنىڭ لايىھىلىگەنلىكى ئاشكارە. بۈگۈن ھەر ئىككىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق، قانخۇمارلىق خاراكتېرى دۇنياغا مەلۇم. ئۇلاردىن ھېساب سورىلىدىغان كۈنلەر چوقۇم كېلىدۇ.
https://ru.china-embassy.gov.cn/dshd/202510/t20251014_11733066.htm
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ

Leave Your Comments