• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

غۇلجا قەتلىئامى: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي زىيانكەشلىكلىرىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى

ئاخبارات باياناتى

2023- يىلى 02- ئاينىڭ 05- كۈنى

contact@uyghurstudy.org

 

بۈگۈن غۇلجا قەتلىئامىنىڭ 26 يىللىقى. غۇلجا قەتلىئامى 1995- يىلى 2- ئاينىڭ 5- كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ قەتلىئامدا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئەركىنلىك ۋە ھەق-ھۇقۇق ئۈچۈن غۇلجىدا تېنچ نامايىشقا قاتناشقان يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن، مەجبۇرىي يوق قىلىۋەتكەن ۋە تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىلەرگە تاشلىغان.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا، كەڭ كۆلەملىك ئىشسىزلىق، ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئەۋج ئالغان بىر پەيتتە، غۇلجا ئۇيغۇرلىرى مەشرەپنى ئەسلىگە كەلتۈردى. مەشرەپلەردە ئۇيغۇر ياشلىرىغا مەنىۋى يېتەكچىلىك قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ۋە كۈلتۈرەل قىممەتلىرى توغرىسىدا تەربىيىلەيدىغان نۇتۇق ۋە مەدەنىيەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى. مەشرەپ ناھايىتى تېزلا ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ، غۇلجا ياشلىرى ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا باشلىدى. بىراق، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ زەھەر چېكىشىگە كۆز يۇمغان خىتاي ھاكىمىيىتى بۇنى تەھدىت دەپ قارىدى. نەتىجىدە، خىتاي دائىرىلىرى مەشرەپنى چەكلەپ، تەشكىللىگۈچى ياش رەھبەرلەرنى قولغا ئالدى.

1997- يىلى 2- ئاينىڭ 5- كۈنى غۇلجىدا 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تىنچ نامايىش قىلىپ، ئەركىنلىك ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قولغا ئېلىنغان ياشلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. خىتاي ساقچى قىسىملىرى نامايىشچىلارنىڭ توغرا تەلىپىنى ئاڭلاشنىڭ ئورنىغا، نامايىشنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇپ، يۈزلىگەن نامايىشچىلارنى ئۆلتۈردى ۋە قولغا ئالدى. دەپسەندىچىلىكلەر بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالمىدى. كېيىنكى ئايلاردا، غۇلجا شەھىرىدە داۋاملىق تۈردە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە يوق قىلىۋېتىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى. نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر ۋەيران قىلىندى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس غۇلجا قەتئىئامى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ ئازابلىق كۈنلەرنىڭ بىرى. بۇ خ ك پ نىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا قىلغان زىيانكەشلىك ۋە ھۇجۇمىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئىدى. خىتاي ھاكىمىيىتى نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلدى ۋە غۇلجادىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر ئائىلىسىنى ۋەيران قىلدى. نۆۋەتتە، خىتاي كوممۇنىست دائىرىلىرى مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا داۋاملىق غايەت زور ئازابلارنى ئېلىپ كەلمەكتە. خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى جىنايى قىلمىش ھېسابلاپ، ئۇيغۇرلارغا ئېتىقاد قىلىشقا ھېچقانداق بوشلۇق قالدۇرمىدى. ئىسلام ئۈممىتى چوقۇم بۇ رېئاللىقنى كۆرۈپ يىتىشى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشى كېرەك. بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى ئىسلام تونىغا ئورۇنۇۋېلىپ، يۇشۇرۇشىغا يول قويماسلىقى كېرەك، خۇددى ئالدىنقى ئايدا خىتاي دائىرىلىرى ساختا تەشۋىقات ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن ئاتالمىش مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ قىلمىشىغا ئوخشاش».

بۈگۈن بىز زۇلۇم ۋە ئىستىبداتقا قارشى كۆرەش قىلىپ شېھىت بولغان بارلىق كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز ۋە دۇئا قىلىمىز. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرىكەتكە كېلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرىمىز. بىز يەنە ئىسلام دۇنياسىنى، بولۇپمۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى خ ك پ نىڭ قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان دىنىي زىيانكەشلىكلىرىنى ئەيىبلەشكە چاقىرىمىز. ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق ئىسلامىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەشتە ناھايىتى چوڭ مەسئۇلىيىتى بار.

 

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ