• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان ئاتالمىش مۇسۇلمان ئۆلىمالار ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى نەزەردىن ساقىت قىلدىمۇ؟

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى

ئاخبارات باياناتى

2023- يىلى 01- ئاينىڭ 10- كۈنى

contact@uyghurstudy.org

 

بۇ ھەپتە، خىتاي رېجىمى ئالبانىيە، بەھرەيىن، بوسنىيە، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۈرىيە، تۇنىس ۋە كۇۋەيت… قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن بىر تۈركۈم مۇسۇلمان ئۆلىما ۋە ئاكادېمىكلارنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشنى يۆگەش ئۈچۈن ھازىرلىغان سەھنىلىرىنى زىيارەت قىلغۇزدى.

ئەلۋەتتە، بۇ زىيارەت بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئۈچۈن قوزغىلىشىتىن تۇسۇش ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ساختا ئۇچۇر تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.زىيارەت جەريانىدا، خىتاي ئەمەلدارلىرى ساختا تەشۋىقات ۋە ئۇچۇرلىرىنى سەھنىدىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئالدانغان مۇسۇلمان ۋەكىللەرنىڭ ئاغزىدىن تارقاتتى. خىتاينىڭ زوۋانى بولغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، زىيارەتكە باشچىلىق قىلغان ئەبۇزەبىدە تۇرۇشلۇق «دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشىنىڭ» رەئىسى، دوكتور ئەلى رەشىد ئەل نۇئەيمىي «رايوننىڭ تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن». ئەل نۇئەيمىي يەنە تېۋىتېردا ئۇچۇر يوللاپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش پىلانىنىڭ تاماملانغانلىقى» نى تەبرىكلىدى.

ئېنىقكى، بۇ زىيارەتكە قېتىلغان مۇسۇلمان ئۆلىمالار ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان. 2022- يىلى 8- ئايدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيلىققا قارشى تۇرۇش جىنايىتى… قاتارلىق خەلقئارالىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئوخشاشلا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرىكى دوكلاتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ جىنايەتلەر دائىرىسىدە، شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمان ئاياللار ھىجابلانغانلىقى ئۈچۈن جازا لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلدى؛ مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىيىشىنى چەكلەش ئۈچۈن مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىلدى؛ بالىلىرىغا ئىسلامچە ئىسىم قويغان ۋە ئۇلارغا ئىسلامنى ئۆگەتكەن ئاتا-ئانىلار جىنايەتچى دەپ قارىلىپ تۈرمىگە تاشلاندى؛ ساقال قويغان ۋە ئىسلام پرىنسىپى بويىچە ھالال ۋە ھارامنى پەرقلەندۈرگەن كىشىلەر ئاشقۇنلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىلەرگە تاشلاندى؛ جازا لاگېرلىرىدىكى ئاياللار سىستېمىلىق جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىدى؛ ئاتا-ئانىسى قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر بالىلىرى دارېلتام ۋە خىتاي ئائىلىلەرگە ئەۋەتىلىپ، ئاتېئىست قىلىپ يىتىشتۈرۈلدى؛ يېقىنقى ئالتە يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىكى 16000 مەسچىت ۋەيران قىلىندى؛ قۇرئان كەرىم كۆيدۈرۈلدى؛ مەسچىتلەردىكى نەقىش ئايەتلەر ئۆچۈرۈلۈپ، كوممۇنىست تەشۋىقاتى بىلەن ئالماشتۇرۇلدى. يىغىنچاقلىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بارلىق ئىزلىرىنى ئۆچۈرمەكچى بولدى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس مۇنداق دەيدۇ: «سېربلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى جەريانىدا مۇسۇلمانلار قىرغىن قىلىنغان بوسىنىيەدىن، ئەزھەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ يۇرتى، ئىسلام بىلىملىرىنى ئىزدەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئەڭ داڭلىق مەنزىلى بولغان مىسىردىن، ئىككى ھەرەمنىڭ قوغدىغۇچىسى سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن كەلگەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقات قورالىغا ئايلانغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندۇق. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۆز تۇپرىقى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ۋە ئېتىقادىغا قارشى ئۇرۇشقا دۇچ كەلمەكتە. ھالبۇكى، بۇ ئىسلام ئۆلىمالىرى كۆزىنى ئېچىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەقىقىتىگە يۈزلىنىشنىڭ ئورنىغا، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقات ماشىنىلىرىنىڭ زوۋانىغا ئايلاندى».

تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى سەۋەبىدىن جازالىدى. نۇرغۇن غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئابدۇلھەكىم ئىدرىس مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشەلمىدۇق. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۈگۈن خىتاي كومپارتىيىسى ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى ئۆزىنىڭ ئويۇن مەيدانىغا ئايلاندۇردى. بۇ دۆلەتلەر خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرالمايۋاتىدۇ؛ ئەكسىچە، خ ك پ نىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىغا گول بولۇپ، بۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سەل قاراۋاتىدۇ».

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئەزەربەيجان، ھىندونېزىيە، مالايسىيا ۋە ئىئوردانىيە قاتارلىق مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ھەر قايسى دۆلەتلەردە تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ باردى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ياكى خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ چىنلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئابدۇلھەكىم ئىدرىسنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، خىتاي ئىسلام دۇنياسىدا ئاخبارات ۋاستىلىرىنى سېتىۋېلىش، ئۇنىۋېرسىتېت ۋە سىياسىي قاتلاملارغا سىڭىپ كىرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يۇشۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئېلىپ بارغان تونۇشتۇرۇش ئۇرۇنۇشى خىتاينىڭ ئىنكاسىنى قوزغىغان. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىئاسپورادىكى بۇ پائالىيەتلىرىگە قارىتا، بېيجىڭ مەزكۇر مۇسۇلمان ئۆلىمالارنى شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە ئېلىپ بارغان.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى، بولۇپمۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى، ئىسلام ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئورگانلىرىنى ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىدۇ. «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىدىغان پەيت كەلدى. مۇسۇلمان دۆلەتلەر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان ۋە دەپسەندە قىلىنىۋاتقاندا، سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك. بولمىسا، ئۇلار تارىختا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى جىنايىتىگە شېرىك بولغان، ئۆز قېرىنداشلىرىنى تاشلىۋەتكەن ۋە ئۆز دىنىغا قارشى ئۇرۇشقا سۈكۈت قىلغانلار سۈپىتىدە خاتىرىلىنىدۇ».

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ