• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ھىندونېزىيەلىك قانۇن پروفېسسورى ئاتىپ لاتىفۇلھايات: «ئۇيغۇر مەسىلىسى قانۇنىي يول بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەك»

7-ئاپرېل كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ باندۇڭ شەھىرىدىكى كەداتون مېھمانخانىسىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىندىكى نۇقىتىلىق سۆزلىگۈچى، ھىندونېزىيە پادجاجاجان ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى، ئىسلام ئۈممىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قانۇنشۇناس دوكتور ئاتىپ لاتىفۇلھايات خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ قەغەز ئۈستىدىلا قالغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بەرمىسە، خەلقئارا قانۇن بويىچە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر زېمىنىنى بېسىۋېلىش سىياسىتى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدۇ. ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ، خىتاينىڭ ئىشغال سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى. بۇ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق نىزامنامىسىگە خىلاپتۇر. ئۇيغۇر رايونى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك دائىمىي كېڭىشىگە ئەزا 5 دۆلەتنىڭ بىرى بولغان خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ مەسىلىگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشى كېرەك».

مەزكۇر يىغىندا، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى ھەزرەتئالى ھوشۇر، مالايسىيا ياش مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خايرۇل ئەنۋەر قاتارلىقلارمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.

خەۋەرنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن ئوقۇيالايسىز:

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/uyghur-mesilisi-04072023151628.html

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ