• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ھىندونېزىيە پروفېسسورى: «بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوغدىشىمىز ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىمىزدۇر»

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ھىندونېزىيەدە بىر قاتار پائالىيەت پروگراممىسىنى باشلىدى. 4-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى جاكارتادىكى مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى مەسسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئىدى. مەزكۇر يىغىندا ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچى ھەققىدە توختالغان مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئاسەپ سەتىئاۋان مۇنداق دېدى: «ھىندونېزىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئېنىق ئەمەس. ھەتتا ھىندونېزىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ‹ئۇيغۇرلار غەرب ئاخباراتلىرى ۋە ئامېرىكا تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك ئەمەس› دېگەن پوزىتسىيەدە بولغان. شۇڭا بىز مۇھەممەدىيە جامائىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىمىز ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتنى ئاڭلىتىشىمىز كېرەككى، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى ئاكتىپ ھالدا قوللاشقا مەجبۇرلىشىمىز كېرەك. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش بىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىمىزغا يېزىلغان. ئۇنداقتا بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوغدىشىمىز ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىمىزدۇر. شۇنداقلا ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە مەسئۇلىيىتى ناھايىتى ئېغىر».

شۇ كۈنى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس جاكارتادا ھىندونېزىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئارسۇل سانى ئەپەندى ۋە باشقا بىر قىسىم ئەربابلار بىلەن كۆرۈشكەن. ئارسۇل سانى ئەپەندى ئۇنى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىپ سۆھبەتلەشكەن. كۆرۈشۈشتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلار ھەققىدە ئابدۇلھېكىم ئىدرىس رادىيومىزغا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئارسۇل سانىدىن ھىندونېزىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارىشىنى سورىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشتا مەن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۆزىدىن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىشلاردىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟ دەپ سورىدىم. ئۇ، ‹ئەلۋەتتە خەۋىرىم بار. تۈنۈگۈن ئامېرىكانىڭ جاكارتادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنىڭ ئىپتار زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلدىم. ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ گېپى بولدى. ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار مېنى زىيارەت قىلغاندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزى بولدى. خىتاي ئەلچىسى مېنى ئۇيغۇر رايونىغا تەكلىپ قىلدى. ئەمما مەن بۇ تەكلىپنى رەت قىلدىم. چۈنكى مەن ئۇ يەرگە بېرىپ خىتاينىڭ ياسىغان يالغانلىرىغا شېرىك بولۇپ قالماي دېدىم›، دەپ جاۋاب بەردى».

خەۋەرنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/hindoneziye-uyghur-04042023151737.html

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ