• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

مالايسىيا پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

2023- يىلى 04- ئاينىڭ 14- كۈنى مالايسايانىڭ كېمور شەھىرىگە جايلاشقان مالايسىيا پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابى ۋە دۇنيادىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ تەقدىرى» ناملىق مەخسۇس بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت، مالايسىيا ياشلار تەشكىلاتى ئابىم، مالايسىيا يەر شارى تېنچلىق تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر – مالاي مۇناسىۋەتلىرى جەئمئىيتى… قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىنغا مەدرىسە ئەل ھىكمەنىڭ مۇدەررىسى ئۇستاز ئۇكاسياھ ئەزھەرىي رىياسەتچىلىك قىلدى. يېغىندا مالايسىيا ياشلار تەشكىلاتى ئابىمنىڭ مەسئۇللىرىدىن موھد خەيرۇل ئەنۋەر ۋە ئۇستاز سەيفۇددىن لەتىف سۆز قىلدى.

يىغىندا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىدىن ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ۋە ھەزرىتى ئەلى ھۇشۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ