• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

سۇلتان ئابدۇلھەلىم مۇئەززەم شاھ خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2023- يىلى 04- ئاينىڭ 13- كۈنى مالايسىيانىڭ كېداھ شەھىرىگە جايلاشقان سۇلتان ئابدۇلھەلىم مۇئەززەم شاھ خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ تېنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ساداقىتى» ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر يىغىننى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى بىلەن سۇلتان ئابدۇلھەلىم مۇئەززەم شاھ خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقا بىرقانچە يەرلىك تەشكىلات بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە يولۇقۇۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى مۇھاكىمە قىلىندى.

مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇقۇغۇچىلار رەھبىرى نۇرىففاھ ئاتىقاھ رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دوكتور روھانى بىنتى دېسا، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس، مالايسىيا ياشلار تەشكىلاتى ئابىمنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى موسد خەيرۇل ئەنۋەر ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرى مەسئۇلى ھەزرىتى ئەلى ھۇشۇر… قاتارلىقلار سۆز قىلدى. مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا كۆپچىلىك بىرلىكتە ئىپتار قىلدى.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ