• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

مەسئۇت سابىرى بايقۇزى

 

ھاشىر ۋاھىدى

سابىت ئۇيغۇرى

  

مەسئۇت سەبرى بايقوزى

 

«ھەقىقەت ئېگىلىدۇ، سۇنمايدۇ» – خەلق ماقالى.

1

ئېلىمىزدە باشلانغان دېمۇكراتىيە ھەرىكىتى خەلقىمىزگە، ئۇلاردىن تارتىۋېلىنغان دېموكراتىك ھوقۇقلارنى قايتۇرۇپ بەرمەكتە. سۆز – مەتبۇئات ئەركىنلىكى بېرىپ، خەلقنىڭ ھەقىقەتنى ئېيتىشىغا، ئېيتقاندىمۇ ئاشكارا – تەلتۆكۈس ئېيتىشىغا ئىمكان يارىتىپ بەرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭىپ كەتكەن كونا كۆز قاراشلارنى، دوگما ئەقىدىلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، يېڭىچە تەپەككۇر قىلىشقا ئۆگەتمەكتە. بۇ مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلانغان خەلقىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشىگە ۋە ھازىرىغا يېڭىچە نەزەر تاشلىماقتا. تارىخىي ۋەقەلەر بىلەن تارىخىي شەخسلەرگە يېڭىباشتىن باھا بەرمەكتە. قىسقىسى، خەلقىمىز ئۆزىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىنى يېڭىباشتىن يازماقتا.

بىز كېيىنكى يىللاردا، سىتالىن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ خەلققە قارشى جىنايەتلىرى ئاشكارىلىنىپ، تارىخنىڭ قارىلىشىغا، خەلقنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ شاھىدى بولدۇق. شۇنىڭدەك، ئۆز ۋاقتىدا ”خەلق دۈشمىنى“ دېگەندەك يالغان تۆھمەتلەر بىلەن سىتالىن تەقىبىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن مىليونلىغان ئاقكۆڭۈل، ئادىل كىشىلەرنىڭ ئاقلىنىپ، تارىخنىڭ تۆرىدىن، خەلقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنىڭمۇ گۇۋاھچىسى بولدۇق. قىسقىسى، جەمئىيىتىمىزدە ھەققانىيەت ۋە ئادالەت تەنتەنە قىلماقتا. تارىخىي ۋەقەلەر بىلەن شەخسلەرگە باھا بېرىشتىكى خاتالىقلار تۈزىتىلىپ، تارىخنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەكتە.

سوۋېت ئېلىدە ياشاۋاتقان باشقا خەلقلەرگە ئوخشاش، بىز ئۇيغۇرلارمۇ دېمۇكراتىيە ۋە ئاشكارىلىق شارائىتىدە يېڭىچە تەپەككۇر قىلىپ، قېتىپ قالغان ئەقىدە رامكىلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، ئۆزىمىزنىڭ بۈگۈنىمىزگە ۋە ئۆتمۈشىمىزگە يېڭىباشتىن نەزەر تاشلىماقتىمىز. تارىخىي ۋەقەلەر بىلەن تارىخىي شەخسلەرگە يېڭىباشتىن باھا بەرمەكتىمىز. ھەربىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ قەلبىنى بىئارام قىلىپ كەلگەن سوئاللارغا يەنى تارىختا شۇنچە شان – شۆھرەتكە ئىگە بولغان خەلقىمىز قانداقلارچە خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالدى؟ بىزنىڭ مىللىي ئىستىقلال ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىمىز، تۆككەن قانلىرىمىز نېمە ئۈچۈن كۈتكەن نەتىجىلەرنى ئېلىپ كەلمىدى؟ دېگەندەك سوئاللارغا تارىختىن جاۋاب ئىزدىمەكتىمىز. بىز، تارىخقا مۇراجىئەت قىلىپ، قانچىلىك چوڭقۇر ئۆگەنگەنسېرى ھەقىقەتكە شۇنچىلىك يېقىنلىشىۋاتىمىز. ھەقىقەتكە يېقىنلاشقانسېرى، مېڭىمىز سەگەكلىشىپ، كۆزىمىز روشەنلىشىپ، ئۆتمۈشتە تارىخقا، تارىخىي ۋەقەلەرگە باھا بېرىشتە چوڭ خاتالىقلارغا يول قويغانلىقىمىزنى سېزىۋاتىمىز.

بىز كېيىنكى يىللاردا، ئاشكارا بولغان پاكىتلارنى ئۆگىنىپ، يېڭىباشتىن پىكىر يۈرگۈزگىنىمىزدە، نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ قىياپىتى باشقىچە بولۇپ كۆرۈنمەكتە. بۇرۇن بىز ”ئىجابى“ دەپ قاراپ كەلگەن شەخسلەر ”سەلبىي“ ؛ بىز ”سەلبىي“ دەپ قاراپ كەلگەن شەخسلەر بولسا ”ئىجابىي“ بولۇپ چىقماقتا. مۇنداق باھالاش، سىرتتىن قارىغاندا گويا تارىخنى ئاستىن – ئۈستىن قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈشى مۇمكىن. ھەقىقەتتە بولسا، بىزنىڭ كۆز قارىشىمىزدىكى ئىلگىرىكى خاتالىقلار تۈزىتىلىپ، تارىخنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەكتە. كېيىنكى يىللاردا، مەتبۇئاتىمىزدا ئېلان قىلىنغان تارىخىي ماقالىلار ئەنە شۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

داۋامىنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ:

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ