• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

غەنى باتۇر

غەنى باتۇر

 

ئابدۇسالام ئاۋۇت

 

غەنى باتۇرنىڭ ئسمى ئابدۇغەنى مۇھەممەتباقى بولۇپ، 1901 – يىلى 5 – مايدا، ھازىرقى غۇلجا ناھىيەسىگە قاراشلىق قاش يېزىسىنىڭ تۇردىيۈزى مەھەللىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

ئابدۇغەنى ئۆسمۈر چاغلىرىدىن تارتىپلا ئاجايىپ زېرەك ۋە ئىشچان بالا بولۇپ يېتىلىدۇ. ئۇ گەرچە نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇيالمىغان بولسىمۇ، ئائىلىسىنىڭ ئىشلىرىغا جانكۆيەرلىك بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىگىلا ئېپى بار بولغاچقا، ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇراتتى. مەھەللىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە ياكى چېلىشىشلاردا، ئۆز دېمەتلىكلىرىلا ئەمەس، ھەتتا ئۆزىدىن چۇڭلارمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيتتى. ئۇنىڭ داڭقى بارا – بارا يېزىغا، كېيىن پۈتۈن قاش ۋادىسىغا پۇر كېتىدۇ.

ئابدۇغەنى بۇرۇتى ئەمدىلا خەت تارتقاندىن كېيىن، ئېيىقتەك تەمبەل يىگىتكە ئايلىنىشقا باشلايدۇ. ئۇ تارانچى قالپىقىنى قىرلاپ كىيىپ، گۈللۈك پوتىنى باغلاپ، سالماق قەدەم بىلەن ئۆيىدىن چىققان، ھويلىغا كىرگەن چاغلىرىدا مېھرىبان ئانىسى مايىمخان ئۆز ئوغلىنىڭ ئالدى – ئارقىسىدىن زۇقلىنىپ: ‐ خۇدايىم، ئوغلۇمنى يامان تىل، يامان كۆزدىن ساقلىغايسەن، تىلى ياماننىڭ تىلىغا، كۆزى ياماننىڭ كۆزىگە تاش – كېسەك ياغدۇرغايسەن! – دەپ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلاتتى…

داۋامىنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ:

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ