• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار

1. شەرقىي تۈركىستان قەيەر؟ 

شەرقىي تۈركىستان ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مەركىزىگە، تۈركىستان جۇغراپىيىسىنىڭ يۈرىكىگە جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئورنى خەرىتىدە شەرقىي مېرىدىئان 960 – 75، شىمالىي پاراللېل 500 – 35 ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ يەر مەيدانى بىر مىليون 828 مىڭ 414 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان شەرق تەرەپتە خىتاينىڭ تاپىنى ئاستىدىكى كەڭسۇ (گەنسۇ)، كۆكنۇر، (چىڭخەي) قاتارلىق ئۆلكىلىرى بىلەن؛ شەرقىي شىمالدا موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن؛ شىمال تەرەپتە رۇسيە ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن؛ كۈن پېتىشتا قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى، تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن؛ غەربى جەنۇب تەرەپتە ئافغانىستان جۇمھۇرىيىتى، پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە ھىندىستان بىلەن؛ جەنۇب تەرەپتە خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى تېبەت بىلەن چېگرالىنىدۇ. چېگرا سىزىقىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 8142 كېلومېتىر كېلىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاننى شىمال تەرەپتىن ئالتاي، زايسان، تارباغاتاي ۋە جۇڭغار تاغلىرى؛ كۈن پېتىش تەرەپتىن پامىر تاغلىرى؛ جەنۇب تەرەپتىن كوئىنلۇن، قاراقۇرۇم تاغلىرى؛ غەربىي جەنۇب تەرەپتىن ئالتۇنتاغ ۋە قۇرۇم تاغ تىزمىلىرى ئوراپ تۇرىدۇ. بۈيۈك تەڭرىتاغ تىزمىسى تەبىئىي بەلۋاغ بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى غەربتىن شەرققە كېسىپ ئۆتۈپ، ئىككىگە بۆلىدۇ. ئۇنىڭ جەنۇب تەرىپىدە تارىم ئويمانلىقى، شىمال تەرىپىدە بولسا يايىق (جۇڭغارىيە) ئويمانلىقى بىلەن ئىلى ۋادىسى سوزۇلۇپ ياتىدۇ. بۇ بىپايان ۋادىلارنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى بىر مىليون كۋادرات كېلومېتىرغا يېقىن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنىڭ قالغان قىسمىنى تاغلار ۋە ئىدىرلار تەشكىل قىلىدۇ.

2. ئۇيغۇرلار كىم؟

ئۇيغۇرلار تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئاساسىي تارمىقى بولۇپ، پۈتۈن تۈرك خەلقلىرى ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئۇزۇن تارىخى ۋە شانلىق مەدەنىيىتى بىلەن، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان قەدىمكي مەدەنىي مىللەت ھېسابلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلار كېلىپ چىقىش جەھەتتىن ھۇنلار، تۈركلەر بىلەن قان قېرىنداش بولۇپ، «ئۇيغۇر» دېگەن سۆز «ئۇيۇشماق، ئىتتىپاق بولماق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇيغۇر تىلى: ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى تۈركىي تىللار ئائىلىسىنىڭ ئۇيغۇر – قارلۇق گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى: ئۇيغۇرلار مىلادىي 10 – ئەسىردىن باشلاپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان  بولۇپ، مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، مۇقەددەس ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ ۋە ئۇنى ھايات ئۆلچىمى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ