• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئىسپانىيە ۋە فىرانسىيەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئىسپانىيە ۋە فىرانسىيەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئىككىيلەن ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىد شەھىرى بىلەن فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدە بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان.
3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىد شەھىرى بىلەن فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدە ئارقا-ئارقىدىن پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسى ۋە ئالغان تەدبىرلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى ئالدى بىلەن ئىسپانىيەنىڭ مادرىد شەھىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ پائالىيەت بولۇپ باقمىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ قېتىم مادرىددىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتتە، ئارقىدىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان يىغىنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقاندىن سىرت بۇندىن كېيىن ئىسپانىيەدە نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى مادرىددىكى ئاتوئۇم ئۇنىۋېرسىتېتىدا. 2022-يىلى مارت، ئىسپانىيە.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى مادرىددىكى ئاتوئۇم ئۇنىۋېرسىتېتىدا. 2022-يىلى مارت، ئىسپانىيە.
ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى ئىسپانىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 21-مارت كۈنى مادرىددىكى ئاتوئۇم ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بەرگەنلىكىنى، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى قىزىقىپ ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى 23-مارت كۈنى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدە ياۋروپا ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى بىلەن ئورتاق پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
روشەن ئابباس خانىم گوللاندىيە ۋە بېلگىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن 17-مارت كۈنىدىن 23-مارت كۈنىگىچە ئىسپانىيە بىلەن فىرانسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن ئۆتكەن ئايدىن ھازىرغىچە تۈركىيە، چېخىيە، گوللاندىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق ئونغا يېقىن دۆلەتتە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ