• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئىتالىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئىككەيلەن ئىتالىيە پايتەختى رىم شەھرىدە بىر قاتار پائالىيەتلەردە بولغان.
ئۇلار ئامېرىكانىڭ رىمدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىتالىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا گۇۋاھلىق بەرگەن. گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا ئىتالىيە پارلامېنتى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەر قايسىي سىياسىي پارتىيەلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن سان گىئورگىئو فېدە، خون پىئېرو فاسسىنو، م پ پائولو فومەنتىنى ۋە سان لۇكىئو مالان قاتارلىق كىشىلەر ئىشتىراك قىلغان.

3-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسى ۋە ئالغان تەدبىرلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ نېمەلەرنى قىلىش توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
ئابدۇلكېرىم ئىدرىس ئەپەندى ئۇچرىشىش توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «ھەممە پارتىيەلەردىن پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار لايىھەسى سۇنغان پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بار. بىز بۇلارغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردۇق. بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا 6 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى قاتناشتى. بۇ پائالىيەت ئامېرىكانىڭ رىمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلدى.»
ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇچرىشىشتا ئىتالىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئىتالىيە پارلامېنتىدا قايسىي قانۇن لايىھەلىرىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن قايسى جەھەتلەردە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
ئۇ بۇ توغرىلىق توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى داۋامىدا پارلامېنت ئەزالىرى بيىزدىن قايسى خىل قانۇن لايىھەلىرىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىدىغانلىقىمىزنى سورىدى. بىزمۇ بۇ ھەقتىكى تەلەپلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇلاردىن سىرت ئۇيغۇرلارنى ئىتالىيە پارلامېنتىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىرقىي كەمسىتىلىش، مۇھىت ئاسراش ۋە ئۇيغۇر خانىم-قىزلار مەسىلىسى توغرىسىدا ئىتالىيە خەلقىنى مەلۇماتلاندۇرىدىغان پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى قارارلاشتۇردۇق.»
رىمدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزكۇر ھەيئەت ئۆمىكى يەنە ئىتالىيەنىڭ رىم شەھرىدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتلارغا «ھەدەم نەدە؟» ماۋزۇلۇق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرسەتكەن. بۇ پائالىيەتكە ئامېرىكا، بۇلغارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رىمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى ئىشتىراك قىلغان. روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.
ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى 25-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىتالىيە پايتەختى رىم شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتتە، جامائەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقاندىن سىرت، بۇنىڭدىن كېيىن ئىتالىيەدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن قانداق ھەمكارلىشىش توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغىچە گوللاندىيە، بەلگىيە، ئىسپانىيە، فرانسىيە تۈركىيە ۋە چېخىيە قاتارلىق ئونغا يېقىن دۆلەتتە بۇ خىل پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان.

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ