• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

زۇلۇمغا قارشى دەست تۇرۇش: ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 13 يىللىقى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى

2022- يىلى 05- ئىيۇل

Contact@uyghurstudy.org

 

بۈگۈن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرىگە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغىنىشىغا دەۋر بۆلگۈچ تەسىر كۆرسەتكەن  مۇھىم ۋەقە ئۈرۈمچى قەتلىئامىغا 13 يىل بولدى.

2009- يىلى 07- ئاينىڭ 05- كۈنى كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا تۆكۈلۈپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا بىگۇناھ ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ خىتاي ئىشچىلار تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە قارشى نامايىش قىلغانىدى.

ئۇيغۇر ياشلىرى تېنچ نامايىش قىلىش ئارقىلىق شاۋگۇەن شەھىرىدىكى ۋەقەنى تەكشۈرۈپ چىقىشنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى. بىراق، خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ زوراۋانلارچە باستۇرۇشى بىلەن، بۇ تېنچ نامايىش قانلىق تۇقۇنۇشقا ئايلاندى. نەتىجىدە، خىتاي ساقچى ۋە ھەربىيلىرى تېنچ نامايىش قىلغان كىشىلەرنى ۋەھشىيلەرچە باستۇردى. ئارقىدىن، ئاتالمىش «شىنجاڭ»نىڭ ئەينى چاغدىكى پارتكوم شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن تېلېۋىزورغا چىقىپ، نۇمۇس قىلماستىن نامايىشچىلارنى «بۇلاڭچىلىق، ئادەم ئۇرۇش، ئوت قۇيۇش ۋە قاتىللىق…» بىلەن ئەيىپلىدى.

خىتاي دائىرىلىرى «بەشىنچى ئىيۇل» قەتلىئامى جەريانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قولغا ئالدى ياكى ئىز-دېرەكسىز يۇقۇتۇۋەتتى. نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. پاتىگۈل غۇلام پەرزەنتلىرى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي يۇقۇتۇۋېتىلگەن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ بىرى.

خىتاي رېجىمى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ مەزكۇر نامايىشنى خەۋەر قىلىشىنى چەكلىدى ۋە بۇ ھەقتە خەۋەر تارقاتقان ئۇيغۇر تور بىكەت قۇرغۇچىلىرىنى قولغا ئالدى. بۇنىڭدىن سېرت، ختاي دائىرىلىرى ئۇچۇرنىڭ سېرتقا تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رايوندا 10 ئاي ئىنتېرنىتنى قامال قىلىپ، تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىنى تامامەن كېسىپ تاشلىدى.

ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن كېيىن، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىچى سىياسەتلىرىنى تېزلەتتى ۋە زور دەرىجىدە كېڭەيتتى، شۇنداقلا 2014- يىلىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تەييارلىقىنى باشلىدى.

ئۈرۈمچى قەتلىئامى يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر خەلقىنى ئويغاتتى، خىتاي رېجىمىنىڭ «بىللە ياشاش» سەپسەتىلىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئاشكارلىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئەسلا تېنچ ياشىيالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىسنىڭ ئېيتىشىچە، «2009- يىلى يۈز بەرگەن «بەشىنچى ئىيۇل قەتلىئامى» خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى باستۇرۇش ۋە يەكلەشتىن ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش ۋە نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۆزگەرتكەن تارىخىي پەيتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ».

بۈگۈن بىز «ئۈرۈمچى قەتلىئامى»دا ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنى ۋە بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن تراگىدىيەلەرنى ئەسلەش بىلەن بىرگە، خەلقئارا جەمئىيەتنى، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ۋە ئىسلام تەشكىلاتلىرىنى 21- ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمىز. شۇنداقلا، ئەركىن دۇنيادىكى ئەركىنلىكسۆيەر كىشىلەردىن ئ‍ۆز ھۆكۈمەتلىرىنى زومىگەر خىتاي رېجىمىغا قارشى ئورنىدىن دەست تۇرۇشقا چاقىرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

ئاخىرىدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى دۇئالىرىدا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى ئۇنۇتماسلىققا، ھەمدە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تۇنۇتۇش ۋە توختىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە كۆرەش قىلىشقا چاقىرىمىز.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ