• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

بېريۇسسېلدا «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

مۇشۇ ئاينىڭ 9- ۋە 10- كۈنلىرى بىلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېل شەھىرىدە «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» مۇھاكىمە يىغىنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە خەلقئارا «ھاسەنە» تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق ساھىبخانلىقىدا ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا 20 دەك دۆلەتتىن 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتنانشتى. يىغىن قاتناشچىلىرى سىياسەتچىلەر، پارلامېنت ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئۆلىمالار، ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ھەر ساھەدىكى زاتلاردىن تەشكىللەندى.

يىغىن بېريۇسسېلدىكى ياۋرۇپا پارلامېنتى زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىننىڭ ئېچىشىلىش مۇراسىمىدا ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ۋە يىغىننى تەشكىللىگۈچى تەشكىلاتلار رەھبەرلىرى سۆز قىلدى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتچىلار، دېپلوماتلار، پارلامېنت ئەزالىرى، لاگېر شاھىتلىرى ھەم سىياسىي ئاكتىپلارنىڭ پىكىرلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ئۈچۈن كونكىرېت نېمە ئىشلارنى قىلىش لازىملىقى توغرىسىدا بىر قارارغا كېلىش باش تېما قىلىندى.

يىغىنغا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى (ئۇ ت م)دىن مۇدىر ئابدۇلھەكىم ئىدرىس، باش مەسلىھەتچى دوكتور رىشات ئابباس، مەسلىھەتچى ئۆركەش دۆلەت، تەتقىقات يىتەكچىسى ئىلشات ھەسەن، پروگرامما باشقۇرغۇچى ئابدۇلمۇقتەدىر ئۇدۇن ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇلھەپىز تۇرانىي قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت ئىشتىراك قىلدى. يىغىنغا ئۆركەش دۆلەت ۋىلنىستىن تەيبېيگە قايتىش سەپىرىدە ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ قاتناشتى.

ئۇ ت م ھەيئىتى بۇ جەرياندا يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەست تۇر» ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن دوكتور سالمان بۇت، ئىسلاموفوبىيا مۇتەخەسسىسى دوكتور خالىد بەيدۇن ۋە باشقا مۇسۇلمان تەشكىلات مەسسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، كەلگۈسى پائالىيەتلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

ئۇ ت م ھەيئىتى يەنە 9- نۇيابىر دۇنيا ئۇيغۇر ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدا ياۋرۇپا پارلامېنتىدا قايتىدىن تەشكىللەنگەن «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى»نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى، شۇنداقلا 10 – نويابىر كۈنى بېريۇسسېلدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى بىلەن سۆزلەشتى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركزىنىڭ تەتقىقات دېرىكتورى ئىلشات ھەسەن يىغىن ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر مۇنبىرى ناھايىتى ياخشى بىر يىغىلىش بولدى. يىغىنغا تۇنۇلغان مۇتەخەسسىسلەر، قانۇنشۇناسلار ۋە ئادۋۇكاتلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ قاتناشتى. باشقىسىنى دېمىگەندىمۇ، بىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان ۋە بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن مۇشۇنداق بىر خەلقئارا سەۋىيەدىكى يىغىننىڭ ئېچىلىشىنىڭ ئۆزىلا بىر چوڭ مۇۋەپپەقىيەت. بىز مەسىلىمىزنى ئىسلام دۇنياسىغا ئاڭلاتماقچى بولساق، ئالدى بىلەن ئىشنى ئەتراپىمىزدىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشتىن باشلىشىمىز كېرەك. مېنىڭچە، بۇ يىغىن ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يەتتۇق. يىغىپ قارىغاندا، مەن بۇ يىغىننى ئۈچ جەھەتتىن ئوتۇقلۇق بولدى دەپ قارايمەن: بىرىنچىدىن، سىياسىي جەھەتتە ئوتۇقلۇق بولدى. چۈنكى يىغىن ياۋرۇپا پارلامېنتىدا ئېچىلدى. يىغىنغا ياۋرۇپا پارلامېنت ئەزالىرىدىن سېرت يەنە ئەنگلىيە، كانادا… قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامرنت ئەزالىرى قاتناشتى. ئىكىنچىدىن، قانۇنىي جەھەتتىن ئوتۇقلۇق بولدى. چۈنكى يىغىنغا داڭلىق قانۇنشۇناسلار ۋە ئادۋۇكاتلار قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى شەرھىيلەپ ئۆتتى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا قانۇن بۇيىچە مۇستەقىل بولۇش ھۇقۇقى بارلىقى تەكىتلەندى. ئۈچىنچىدىن، ئىلمىي جەھەتتىن ئوتۇقلۇق بولدى. يەنى ئۇيغۇر مىللىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا قانداق تۇنۇتۇش مەسىلىسىدە ياخشى مۇھاكىمىلەر بولدى. مەسىلەن: ئادرىيان زېنىز  ۋە رىيان سام… قاتارلىق ئۇيغۇرشۇناسلار نۆۋەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇشتا ئاساسلىقى لاگىرغا مەركەزلىشىپ قالغانلىقىمىزنى، خىتاينىڭ تاكتىكا ئۆزگەرتىپ لاگىردىكىلەرنى تۈرمىلەرگە يۆتكەش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە ئۆيلىرىگە قايتۇرۇپ نەزەربەنت قىلىش… دېگەندەك ئۇسۇللارنى قوللىنىۋاتقانلىقىنىڭ نەزەردىن ساقىت بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قىسقىسى، بۇ يىغىن بىز ئۈچۈن قايتا ئويلىنىش، ئىستېراتېگىيەلىرىمىزنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ قايتىدىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولدى.»

يىغىندىن كېيىن ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ