• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى پورتۇگالىيەدە مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس 25- سىنتەبىردىن 29- سىنتەبىرگىچە پورتۇگالىيەنىڭ پايتەختى لىزبوندا بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. بۇ جەرياندا، ئۇلار پورتۇگالىيەدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.

پائالىيەتلەر ئالدى بىلەن، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا «ھەدەمنى ئىزدەپ» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرسىتىش بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن ئامېرىكا ئەلچىخانىسى روشەن ئابباسنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەردى. زىياپەتكە كۆپ ساندا سىياسەتچىلەر، مۇخبىرلار ۋە باشقا مۇھىم ئەربابلار قاتناشتى. زىياپەتتە ئامېرىكىنىڭ مۇۋىن باش ئەلچىسى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تېرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى پورتۇگالىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلدى. پارلامېنتتىكى ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا بىر گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن روشەن ئابباس ئۆز ئائىلىسنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەردى. گۇۋاھلىق سۆزىدە، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ يېڭى ۋەزىيەت ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە ئائىت مەلۇمات بەردى. گوۋاھلىق يىغىنى ئىنتايىن تەسىرلىك بولدى. يىغىن نەق مەيداندىن تارقىتىلدى.  يىغىندىن كېيىن، ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ۋە روشەن ئابباس ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى. سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە باشقا مىللەت ۋەكىللىرى بۇنىڭدىن كېيىن پارلامېنتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

لىزبوندىكى پائالىيەتلىرى قاتارىدا، ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن روشەن ئابباس قانۇن كەسپىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا لېكسىيە بەردى. ئامېرىكا – پورتۇگالىيە سودا-سانائەت ئۇيۇشمىسى  مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتايدىن كېلىدىغان سودا تەھدىدى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. پورتۇگالىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋەكىللىرى بىلەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىسدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

ئۇلار يەنە پورتۇگالىيە ئىسلام دۇنياسى تەتقىقات مەركىزىدىكىلەر بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، ئىسلام دۇنياسى ۋە خىتايدىكى ئىسلام دۈشمەنلىكى سىياسىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئ‍ۆتكۈزدى.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ