• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

دۇنيا خىتايدىكى ئىسلاموفوبىياغا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى

ئاخبارات باياناتى

2023- يىلى 03- ئاينىڭ 15- كۈنى

contact@uyghurstudy.org

 

2019- يىلى 03- ئاينىڭ 15- كۈنى يېڭى زېنلاندىيەنىڭ كرىستچېرچ شەھىرىدە بىر ئاق تەنلىك ئىرقچى قۇراللىق ھالدا ئىككى مەسچىتكە ھۇجۇم قىلىپ، جۇمە نامىزى ئوقۇۋاتقان مۇسۇلمانلارنى ۋەھشىيلەرچە ئوققا تۇتتى. بۇ ۋەقەدە 51 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 41 كىشى يارىلاندى.  بۇ قانلىق قەتلىئامنى خاتىرىلەش ۋە دۇنيانىڭ دىققىتىنى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىسلاموفوبىياغا قارىتىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2022- يىلى ھەر يىلى 15- مارتنى خەلقئارا ئىسلاموفوبىياغا قارشى تۇرۇش كۈنى قىلىپ بىكىتتى. بۇ يىل 15-مارت بولسا تۇنجى خەلقئارا ئىسلاموفوبىياغا قارشى تۇرۇش كۈنىدۇر.

بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلار دۇنيا نوپۇسىنىڭ 24% ىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئىسلاموفوبىيا ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئەندىشە، ئۆچمەنلىك ۋە بىرتەرەپلىمە قاراشلارنى كۆرسىتىدۇ. مۇسۇلمانلار تارىختا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆپ قېتىم ئىرقىي قىرغىنچلىققا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ روھىنگىيا ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارھىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچلىق ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا.

خىتايدا ئىسلاموفوبىيا ئۇزۇن تارىخىي ۋە كۈلتۈرەل ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە. بۇ بىر تەرەپتىن خىتاي كۈلتۈرىدىكى يات مەدەنىيەتلەرنى يەكلەش خاھىشىغا باغلانسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي دۆلىتىىنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان بىرتەرەپلىمە ۋە دۈشمەنلىك قارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 1949- يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان سوتسىيالىستىك بىر دۆلەت بولۇپ، قۇرۇلۇشىدىنلا ئاتېئىزمنى دۆلەت ئىدېئولوگىيىسى قىلغان. بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ دۆلەت سىتېمىسىدا ئەزەلدىن بارلىق دىنلارغا قارىتا بىر خىل دۈشمەنلىك ۋە كەمسىتىش خاھىشى مەۋجۇت. خ ك پ بارلىق دىنلاردىن ئەنسىرەيدۇ ۋە گۇمان بىلەن قارايدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا مىللەتچىلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشى بىلەن چەتئەل كۈلتۈرلىرى ۋە چەتئەللىكلەرگە قارىتىلغان ئۆچمەنلىك كۈچىيىشكە باشلىدى. نەتىجىدە، خىتايدا يات دىنلار دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىسلام، خىرىستىيان دىنىغا ئوخشاش دىنلار ۋە ئۇلارغا ئېتىقاد قىلغان كىشىلەرگە قارىتىلغان كەمسىتىش ۋە باستۇرۇش تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. بۇنىڭ تەسىرىدە، خىتايدا ئىسلاموفوبىيا مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچىيىپ كەتتى. خىتاي نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئىسلاموفوبىك دۆلەتتۇر.

خىتايدىكى ئىسلاموفوبىيانىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. 2017-يىلىدىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا بارلىق دىنىي ئىبادەتلەر ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى جىنايەت دەپ بېكىتىپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى جازا لاگېرلىرىغا سولاش ئۈچۈن باھانە قىلدى. ئۆتكەن بىر قانچە يىل مابەينىدە خىتاي دائىرلىرى ئىسلامنى «خىتايچىلاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا نۇرغۇنلىغان مەسچىتلەرنى يېقىپ تاشلىدى. خىتاي رېجىمى تۈرلۈك ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، مۇسۇلمانلارنى ياشاش شەكلى ۋە ئادەتلىرىنى «خىتايچىلاشتۇرۇش»قا زورلىدى. خىتاي دائىرىلىرى ھەتتا ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى ئىسلامىي ئېلمېنىتلارنىمۇ يوقىتىشقا ئۇرۇندى. بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار ھەتتا تىنچىلىق سالامى بولغان «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم« نىمۇ دېيەلمەيدۇ.

غەربتىكى ئىسلاموفوبىيانىڭ ئەكسىچە، خىتايدا دۆلەت تەرىپىدىن سىستېماتىك يۈرگۈزىلىۋاتقان ئىسلاموفوبىيا ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى تارتمىدى. غەربتە مەيدانغا كەلگەن ھەر قانداق بىر ئىسلاموفوبىك ھەرىكەتلەرگە دەرھال نارازىلىق بىلدۈرىدىغان ئىسلام دۆلەتلىرى خىتاي رېجىمى پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بىر بولسا سۈكۈت قىلدى، بىر بولسا ئاشكارە خىتاينىڭ مەيدانىنى قوللىدى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنى، جۈملىدىن  ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئىسلاموفوبىياغا قارشى قوش ئۆلچەم قوللانماسلىققا، خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىغا ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرىمىز.

 

 

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ