• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

«خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى خاتىرىلەندى

مۇشۇ ئاينىڭ 11- كۈنى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىمىز بىلەن تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.يىغىنغا تۇنۇلغان ئالىملار، تەتقىقاتچىلار، ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ، 70كە يېقىن كىشى قاتناشتى.

يىغىنىدا «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى»نىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى مۇھاكىمە قىلىندى. شۇنداقلا بۇ ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا… قاتارلىق شەخسلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى. مۇھاكىمە يىغىنىغا پروفىسسور ئەركىن ئەمەت رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش قىسمىدا ھەر قايسى تەشكىلات ۋەكىللىرى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىمىزنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ۋە تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئېچىلىش سۆزى قىلدى.

يىغىننىڭ دوكلات قىسمىدا تۇنجى بولۇپ، پروفىسسور ئەسەت سۇلايمان  «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ <شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي ئىنقىلاب تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە بايان قىلىنمىغان ئۈچ نوقتا» ناملىق دوكلاتىنى سۇندى. ئەسەت سۇلايمان بۇ دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلاب تارىخىدىكى بىر قىسىم مۇھىم تېمىلارنى تارىخىي پاكىتلار بىلەن يۇرۇتۇپ بەردى.

ئەسەت سۇلايماننىڭ كەينىدىن پروفىسسور ئالىمجان ئىنايەت سۆزگە چىقتى. ئالىمجان ئىنايەت «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كىشىلىكى» ناملىق دوكلاتى ئارقىلىق ئۇنىڭ سىياسىي، ھەربىي، دىنىي ۋە ئەدەبىي ھاياتىنى ئەمەلىي ئۆرنەكلەر بىلەن تۇنۇشتۇردى.

ئارقىدىن دوتسېنت نۇرەخمەت قۇربان «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇش مەزگىلى ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى دىنىي ئېقىملار» دېگەن تېمىدا دوكلات سۇندى. بۇنىڭغا ئۇلاپ تەتقىقاتچىلاردىن ئابدۇللاھ ئۇغۇز ۋە مەۋلان تەڭرىقۇت ئايرىم-ئايرىم ھالدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئ‍ۆتتى.

يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىمىز تەرىپىدىن تەييارلانغان «شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابچە كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرۇلدى. يىغىننىڭ ئاخىرىدا دوكلات سۇنغۇچىلارغا مەركىزىمىز تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ، تەكلىماكان كىتابخانىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان «خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى» ناملىق كىتاب سوۋغا قىلىندى.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ