• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

 رامىزان كەلدى، ئەمما ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى يەنىلا رۇزا تۇتالمايدۇ

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى

ئاخبارات باياناتى

2023- يىلى 03- ئاينىڭ 26- كۈنى

contact@uyghurstudy.org

 

رۇزا ئىسلامدىكى بەش چوڭ پەرزنىڭ بىرى. ھەر يىلى رامىزان ئېيىنىڭ كېلىشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار خۇشاللىق بىلەن بۇ پەرزنى ئادا قىلىشقا باشلايدۇ. رامىزان رەھمەت، مەغپىرەت ۋە تېنچلىق ئېيىدۇر. بۇ ئايدا ئاللاھ گۇناھلارنى ئەپۇ قىلىدۇ. مۇسۇلمانلار بىر-بىرى بىلەن ياخشىلىقتا بەسلىشىدۇ. دۇنيا مېھرى-مۇھەببەتكە تولىدۇ. روزىنىڭ ھېكمىتى شۇكى، ئۇ ئىنسانلارغا ئۆز-ئارا چۈشۈنۈشنى ۋە ھېسداشلىق قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.

 ھالبۇكى، خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەر يىلقىغا ئوخشاش بۇ يىلمۇ بۇ ئولۇغ نىئ‍مەتتىن مەھرۇم ياشىماقتا. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۈرمىلەردە، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا، مەكتەپلەردە، دۆلەت ئورگالىرىدا، مەجبۇرىي ئەمگەك مەركەزلىرىدە ھەر قانداق دىنىي ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىشى بىردەك چەكلەنگەن. خىلاپلىق قىلغانلار خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق جازالىنىدۇ. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى رۇزا تۇتالمايدۇ، تەراۋىھ نامىزى ئوقۇيالمايدۇ، ئاللاھقا يېلىنىپ دۇئا قىلالمايدۇ. قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تامامەن تارتىۋېلىنغان بولۇپ، ئۇلار بۈگۈن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئەڭ ئېغىر كۈنگە قالغان كىشىلەر ساھىپ بولغان ئەڭ ئەقەللىي ھەقلەرگىمۇ ئىگە ئەمەس.

 ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىمىزنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي دائىرلىرى ھەر يىلى رامىزان ئېيىنىڭ كېلىشى بىلەن شەرقىي تۈ ركىستاندىكى دىنىي زىيانكەشلىكنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ. مەھەللىلەرگە ۋە ئۆيلەرگە بولغان نازارەتنى كۈچەيتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى ۋە خىزمەتچىلەرنى چۈشتە تاماق يىيىشكە مەجبۇرلايدۇ. بۇ ئىسلامغا ئۇرۇش ئاچقانلىققا باراۋەردۇر. خىتايدىكى بۇ خىل ئىسلام دۈشمەنلىكىنى دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە كۆرەلمەيسىز. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئىسلام دۇنياسى خىتاينىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ كەلدى. مەيلى ئىسلامىي قېرىنداشلىق نوقتىسىدىن بولسۇن، مەيلى ئىنسانىيلىق نوقتىسىدىن بولسۇن، بۇ خىل پەرۋاسىزلىقنى قۇبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. مۇسۇلمانلار ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئ‍الدى بىلەن ئۆزلىرى ئىگە چىقمىسا، دۇنيادا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىناۋىتى بولمايدۇ.»

 رامىزان ئ‍ۆزئارا ئەسلەش، ئۆزئارا ياردەم قىلىش ئېيىدۇر. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنى شەرقىي تۈركىستاندا رۇزا تۇتۇشتىن، تەراۋىھ ئوقۇشتىن ۋە دۇئا قىلىشتىن مەھرۇم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى ئۇنۇتماسلىققا، ئۇلار ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىشقا ۋە دۇئا قىلىشقا چاقىرىمىز.  

 

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ