• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

پروفېسسور ھاردى مۇليونو سۇرباقتى: «ئۇيغۇر تارتىۋاتقان زۇلۇمنى يەڭگىللىتىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز»

12-ئاپرېل كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ مەدان شەھىرىدىكى مۇسلىم نۇسانتارا ئال ۋاشلىياھ ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندىكى نۇقتىلىق سۆزلىگۈچىلەر مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور ھاردى مۇليونو سۇرباقتى (Hardi Mulyono Surbaqti),، ئال ۋاشلىياھ جامائىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ماسيھۇرىل كھامىس (Masyhuril Khamis) ئەپەندى ۋە مالايسىيا ئابىم ئىسلام ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خايىرۇل ئانۋار ئەپەندى بولۇپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇمنى يەڭگىللىتىشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور ھاردى مۇليونو سۇرباقتى (Hardi Mulyono Surbaqti) ئەپەندىنىڭ قىلغان سۆزى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇ، سۆزىدە قۇرئاندىن ئايەتلەرنى دەلىل كەلتۈرۈپ، ‹بىز ئۇيغۇرلار بىلەن دىن، ئېتىقاد ۋە ئىنسانىيەت نۇقتىسىدىن قېرىنداش، ئۇلارنىڭ تارتىۋاتقان ئازابى بىزنىڭمۇ ئازابىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىكى ئازاب-ئوقۇبەتنى يەڭگىللەشتۈرۈشمۇ بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز. بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بۇرۇنمۇ ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئاڭلاتقان ئىدۇق. مانا بۈگۈنمۇ خەلقئارالىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بۇنىڭ جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىشتا پايدىسى زور بولىدۇ دەپ ئويلايمەن› دېدى».

خەۋەرنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن ئوقۇڭ:

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/turkiyede-uyghur-04142023183200.html

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ