• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

«خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشى» ناملىق دوكلات ئېلان قىلىندى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئۆتكەن يىلدىن بېرى ئىشلەۋاتقان «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشى» ناملىق دوكلات (ئىنگلىزچە) بۈگۈن ئېلان قىلىندى. بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ يەرشارىۋى ئەھمىيىتى ئېشىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىسىتراتېگىيەلىك سىڭىپ كىرىشىنى ئانالىز قىلىنىدۇ. دوكلات شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە خىتاينىڭ بۇ رايونغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئاساسى بولغان بىر بەلۋاغ بىر يول تۈرىنىڭ مۇھىم رولىنى تەكشۈرۈشتىن باشلىنىدۇ ۋە خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كارىدور سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئانالىز چوڭ تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى، ئىككى تەرەپلىك سودىنى كۈچەيتىش ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەدبىرلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدا توختىلىدۇ.

ئۇندىن باشقا، دوكلاتتا بۇ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنىڭ ئاقىۋەتلىرى، ئىقتىسادىي ئالاقىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇل ئەسلىھە ۋە سودا ئالاقىلىرىنىڭ قانداق قىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ قەرز توزىقىغا باشلاپ كىرىپ، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان بېقىنىشىنى ئاشۇرغانلىقى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. دوكلات يەنە خىتاينىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تەسىرىنىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە توختىلىدۇ.

دوكلاتنىڭ باشقا تىللاردىكى نۇسخىلىرى پات يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدۇ.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ