• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر كۈلتۈرىنى قوغداش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئ‍ۆتكۈزۈلدى

مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر كۈلتۈرىنى قوغداش ھەققىدىكى تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 9- ۋە 10- كۈنلىرى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى، جورج ۋاشىڭگتون ئۇنىۋېرسىتېتى، دۇنيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى… قاتارلىق كۆپلىگەن تەشكىلاتلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئامېرىكا، كانادا، ئاۋۇستېرالىيە، ياۋرۇپا، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كۆپلىگەن تەشكىلات مەسئۇللىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى.

ئىككى كۈن داۋام قىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا قانداق قىلغاندا مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر كۈلتۈرىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ قالغىلى بولىدۇ دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلدى. يىغىن جەريانىدا، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ۋە پروگرامما يىتەكچىسى ئابدۇلمۇقتەدىر ئۇدۇن ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇر كۈلتۈرىنى قوغداشتىكى رولى ۋە ئانا تىل ئوقۇتۇشىدا ئىسلامىي كىملىكنى تەكىتلەشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە لېكسىيە بەردى.

  يىغىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسىسلەر، ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئانا تىل ئوقۇتۇشى ۋە مىللىي كۈلتۈرنى قوغداش  ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرنىڭ  قىزغىن مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرىلىرى بىلەن ئوتۇقلۇق ئاخىرلاشتى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئالدى-كەينىدە يەنە «9- دىكابىر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ