• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىنغان دىنىي زىيانكەشلىكلەرگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىدۇ

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى

ئاخبارات باياناتى

2023- يىلى 01- ئاينىڭ 09- كۈنى

contact@uyghurstudy.org

 

2022- يىلى 11- ئايدا، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلامىي ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە مەسچىتلەر ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىغا قارشى ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىردى.

بۇ چاقىرىق 2022- يىلى ئۆكتەبىردە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى مۇنازىرە قىلىش قارار لايىھىسى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن باشلانغان. ئەينى ۋاقىتتا، سومالىدىن باشقا مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەر قارار لايىھىسىگە قارشى بىلەت تاشلىغان ياكى  بىلەت تاشلاش ھۇقۇقىدىن ۋاز كەچكەن. مەزكۇر چاقىرىققا كانادانى ئاساس قىلغان ھالدا دۇنيادىكى 70 تىن ئارتۇق ئاممىۋى تەشكىلات، مەسچىت ۋە پايدا ئالمايدىغان ئورگانلار بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە دىنىي باستۇرۇشىغا سۈكۈت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. چاقىرىقتا بۇنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ ئۆز نىزامنامىسىدە بىكىتكەن «ئەزا بولمىغان دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان توپلۇلۇقلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھۇقۇقى، ئىززەت-ھۆرمىتى، دىنىي ۋە كۈلتۈرەل كىملىكىنى قوغداش» مەجبۇرىيىتىگە خىلاپ ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

چاقىرىقتا «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ يېقىندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاندا ئىشغالىيەت ئاستىدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپىگە قارشى تۇرغانلىقى ياكى بىلەت تاشلاشتىن ۋاز كەچكەنلىكىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۇق ۋە قايغۇردۇق» دېيىلدى.

چاقىرىقتا يەنە خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنى جىنايەتلەشتۈرگەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاندا 16 مىڭغا يېقىن مەسچىتنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقى، ھىجابلىنىش، بالىلارغا مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇش، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا سولىغانلىقى بايان قىلىندى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامىي ئىبادەتلەرنى جىنايى ئىشلار بىلەن ئەيىبلەۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى. يېقىندىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرى نۆل كوۋىد سىياسىتىگە ئاساسەن، تېخى چېقىلمىغان مەسچىتلەرنى كارانتىن مەركىزى قىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق سۆزىدە باستۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ قەتئىي داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ئىسلام دۇنياسى، بولۇپمۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان خەلقئارالىق تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە دىنىي زىيانكەشلىكلىرىنى توختىتىشقا چاقىرشى كېرەك».

خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئەزەلدىن ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇسۇلمانلارغا دوستانە ئوبرازىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك زىيانكەشلىك قىلىشتىن توختىغىنى يوق. ھەتتا 2017- يىلى تارقىتىلغان خىتاينىڭ بىر رەسمىي ھۆججىتىدە ئىسلام دىنى «روھىي كېسەل» دەپ ئاتالدى.

چاقىرىقتا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىنغان دىنىي زىيانكەشلىكلەرگە قارشى سۆز قىلىشى ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈشى مۇراجىئەت قىلىندى. بىرلەشمە خەت ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ھۆسەيىن بىراھىم تاھا ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كانادادىكى باش ئەلچىخانىلىرىغا ئەۋەتىلدى.

چاقىرىقنىڭ تولۇق تېكىستىنى تۆۋەندىكى قىستۇرمىدىن ئوقۇڭ:

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ