• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

مالايسىيادا بىر قاتار ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇشۇ ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە مالايسىيادا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئالدىن مۆلچەرلىگەندىن كۆپ ئۇتۇقلۇق بولدى.

بۇ جەرياندا مەركىزىمىزنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس مالايسىيانىڭ ھەر ساھەسىدىكى كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا مالايسىيادىكى مۇناسىۋەتلىك جەمئىيەت ۋە شەخسلەر بىلەن بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئ‍ېلىپ بېرىپ، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى.

زىيارەت ئەسناسىدا ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن روشەن ئابباس مالايسىيادىكى مۇسۇلمان جەمئ‍ىيەتلەر، كىشىلىك ھۇقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارنى زىيارەت قىلىپ، جەمئىيەت مەسئۇللىرى، كىشىلىك ھۇقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە دوكتور- پروفىسسورلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

ئۇلار يەنە مالايسىيانىڭ سىياسىي ھاسەسىدىكى زاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاڭلاتتى، شۇنداقلا مالايسىيا پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ، پارلامېنت باشلىقلىرى ۋە مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن روشەن ئابباس مالايسىيا ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىدىن ب د ت كىشىلىك ھۇقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشنى تەلەپ قىلدى.         .

مالايسىيادىكى پائالىيەتلىرى جەريانىدا ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن روشەن ئابباس ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ يېغىنىغا ئىتىراك قىلىپ، كومىتېت باشلىقى ۋە ھەر قايسى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ كومىتېتتىكى ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تۇنۇشتۇردى ۋە خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان دۈشمەنلىكلىرىنى مەلۇم قىلدى.

مالايسىيادىكى ھەر ساھەنىڭ قىزغىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن، بۇ قېتىملىق سەپەر ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق ۋە مول مەزمۇنلۇق بولدى.

 

 

 

 

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ