• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى 73 يىللىق ئازاب-ئوقۇبىتى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى

ئاخبارات باياناتى

2022- يىلى 10- ئاينىڭ 01- كۈنى

contact@uyghurstudy.org

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1949- يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنىڭ 73- يىللىق خاتىرە كۈنى. ئۆتكەن 70 يىل مابەينىدە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى خىتاي كوممۇنسىت دائىرىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز باستۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلدى.

خىتاي كوممۇنىست رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىنلا 1950- يىللاردا ۋە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە دىنىي ئۆلىمالارنى تۈرمىلەرگە سولىدى، سۈرگۈن قىلدى ۋە قەستلەپ ئۆلتۈردى؛ ئىسلامىي مەدىرىسەلەرنى تاقىدى، دىنىي مائارىپنى چەكلىدى؛ مەسچىت-جامىلەرنى تاقىدى، ئۆزگەرتتى ۋە يىقتى؛ قۇرئان ۋە باشقا دىنىي كىتابلارنى كۆيدۈردى؛ ئۇيغۇر ۋە باشقا شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنى كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسىنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىدى. شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھاياتىدىن ئىسلامنى يۇقۇتۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ باستۇرۇشلار 2016- يىلىدىن كېيىن تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە چىقتى. 2016- يىلىدىن باشلاپ، خىتاي رېجىمى ئىسلامنى «روھىي كىسەللىك» دەپ جاكارلاپ، ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش ئاچتى. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەممە نەرسە چەكلەنمەكتە، شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى يىغىۋېلىش لاگىرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە سۇلاشنىڭ باھانىسى سۈپىتىدە قوللىنىلماقتا. ئالايلۇق، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھازىر سالام-سائەتتە «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»مۇ دېيەلمەيدۇ. خىتاي دائىرىلىرى 2017- يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا 16 مىڭ مەسچىتنى ۋەيران قىلغان بولۇپ، بۇ مەسچىتلەرنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى 1980- يىللاردىن كېيىن قايتا سالغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن 8500 مەسچىت تامامەن تۈزلىۋېتىلگەن.

ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرى 1993- يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ رەسمىي تىللىق ئورنىنى بىكار قىلغان بولسا؛ 2017- يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ۋە نەشرىياتچىلىرىنى كەڭ دائىرىدە تۇتقۇن قىلدى؛ ئۇيغۇر بالىلىرىنى مەكتەپتە پەقەت خىتايچىلا ئۆگىنىشكە ۋە سۆزلەشكە زورلىدى؛ بىر مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ياتاقلىق ئەسلىھەلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگېنىش پۇرسىتىنى تارتىۋالدى. بۇنىڭدىن سېرت يەنە، خىتاي دائىرىلىرى 2017- يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر نۇپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا تېخىمۇ قاتتىق نۇپۇس چەكلەش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى. بۇ سىياسەتلەر ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ تەسىرىدە، 2018- يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى 84% تۆۋەنلەپ كەتتى. خىتاي رېجىمى يەنە 2016- يىلى شەرقىي تۈركىستاندا يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى قۇرۇپ، مىليونلارچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى تۇتقۇن قىلدى. تۇتقۇنلار بۇ لاگىرلاردا خورلاش ۋە مەجبۇرىي مىڭە يۇيۇشقا ئۇچرىدى، ھەمدە ئۆز دىنىنى ئەيىبلەشكە زورلاندى.

قانداقلا بولمىسۇن، ئۇيغۇرلار ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۆرەشلىرىنى ھېچقاچان توختاتقىنى يوق. ئەسىرلەر مابەينىدە سانسىزلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى زۇلۇمغا قارشى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى. بارىن ئىنقىلابى، غولجا قەتلىئامى، ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە يەكەن قەتلىئامى جەريانىدا، مىڭلىغان ئۇيغۇرلار زالىمغا قارشى قوزغىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھۇقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۆرەش قىلدى.

ئىجرائىيە مۇدىرىمىز ئابدۇلھەكىم ئىدرىس شۇنداق دەيدۇ: «ناۋادا بىز ئۆتكەن 70 يىلغا قارايدىغان بولساق، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن توختىماي ئورۇنسىز باھانىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. لېكىن، ئەپسۇسلىنارلىقىنى شۇكى، خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش ئېچىپ تۇرۇقلۇق، ئۆزلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ دوستى كۆرسىتىش ئارقىلىق، مەلۇم دەرىجىدە ئىسلام دۇنياسىنى ئالداپ كىتەلىدى. دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي رېجىمىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى تۇنۇپ يىتىشى كېرەك. ئىسلام ئۈممىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئورنىدىن دەست تۇرۇشى ۋە خىتاي كوممۇنىست رېجىمىغا ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى خورلىيالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قۇيۇشى لازىم.»

 

 

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ