• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ھىندۇنېزىيەدە پائالىيەت ئېلىپ باردى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە ھىندۇنېزىيەنىڭ جاكارتا، مىدان ۋە باندۇڭ شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولدى. زىيارەت ئەسناسىدا، ئۇلار ھەر ساھەدىكى كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن روشەن ئابباس ئالدى بىلەن ھىندۇنېزىيەدىكى تەسىرى چوڭ مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنى زىيارەت قىلدى. بۇ قاتاردا ھىندۇنېزىيەدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان تەشكىلاتى «ئۆلىمالار مەجلىسى» ۋە ئۇنىڭ تارماق تەشكىلاتلىرىدىن «نەھدەتۇل ئۆلىما»، «پەرسىس»، «مۇھەممەدىيە»، «ئەلۋەسىيلە» ۋە «ھىندۇنېزىيە مەسچىتلەر بىرلىكى»… قاتارلىقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن تۇنۇشتۇردى. شۇنداقلا، ئۇلارغا مەركىزىمىز تەرىپىدىن تەييارلانغان «شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار» ناملىق قوللانمىنى تەقدىم قىلدى.

ئۇلار يەنە ھىندۇنېزىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھىندۇنېزىيە خەلقى، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. بۇ جەرياندا، ئۇلار ھىندۇنېزىيە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ تەشكىللىشىدە بىر قانچە قېتىملىق پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خىتاينىڭ ئىسلامغا قىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلىرى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھالدا بايان قىلدى.

ھىندۇنېزىيەدىكى پائالىيەتلىرى جەريانىدا ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن روشەن ئابباس يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، ھىندۇنېزىيەنىڭ ب د ت كىشىلىك ھۇقۇق كېڭىشىدە خىتاينى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلىكىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا ھىندۇنېزىيە ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر خاتا قارارىدىن يېنىشقا، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولماسلىققا چاقىردى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بۇ قېتىملىق زىيارەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قېتىملىق سەپەر ئارقىلىق ھىندۇنېزىيەدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن ياخىشى مۇناسىۋەت ئورناتتۇق. ھىندۇنېزىيە خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى دىندار ئىكەن، مۇسۇلمانلار يۇلۇقۇۋاتقان مەسىلىلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىكەن. بىز ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۇنۇشتۇرۇپ قايتىپ كەلدۇق. ئىنشائاللاھ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ پائالىيەتلىرىمىز بولىدۇ. ھىندۇنېزىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ھىندۇنېزىيە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان دۆلىتى. بۇ دۆلەتنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا بولسۇن ياكى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا بولسۇن، قايىل قىلىش رولى ئىنتايىن چوڭ. بىزنىڭ بۇ سەپىرىمىز قىسمەن ئۇتۇقلۇق بولدى دەپ ئويلايمەن. ئىنشائاللاھ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەشرىقتىن مەغرىبكىچە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا، پۈتۈن مۇسۇلمان ئۈممىتىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىنى ھەقىقىي ماھىيىتى بىلەن ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

 

 

 

 

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ