• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكەتلىرى: كۆلەم، سۈپەت ۋە ئۈنۈم

مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا

 

ئاساسىي مەزمۇن

 

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ۋەھشىيانە زۇلۇم-سىتەملىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىشى ۋە يۇقۇرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ جانلىنىشقا باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىدىغۇسىز بېسىملىرىغا داۋاملىق سۈكۈت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى تۇنۇپ يەتكەن نۇرغۇن كىشىلەر تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە داۋا سېپىگە قۇشۇلۇپ، زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆرەشكە ئاتلاندى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆرەش سەپلىرىگە ئاكتىپ قېتىلىشى يىللاردىن بۇيانقى خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى پاسسىپ ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى. بۇ ماقالىدە، مۇشۇ مەزگىلدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى زۇلۇم ۋە قەتلىئامغا قايتۇرغان ئىنكاسلىرى، قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: خىتاي ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستان، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى.

  1. مۇقەددىمە

خىتاي مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتىنىڭ 2014- يىلى مايدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قۇيۇۋاتقان «قاتتىق زەربە بىرىش»[1] نامىدىكى بىر قاتار باستۇرۇش سىياسەتلىرى 2017- يىلىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە يۇقۇرى پەللىگە چىقتى. بولۇپمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017- يىلى مايدىن بۇيان، كەڭ كۆلەمدە يېغىۋېلىش لاگىرلىرىنى قۇرۇپ، مىليونلارچە خەلقىمىزنى تۇتۇپ سۇلىشى ئاللىقاچان ئىنسانلارنىڭ قۇبۇل قىلىش چېكىدىن ھالقىپ، خەلقئارا قانۇن بۇيىچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت  دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى[2].

خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق ئەسلىي مىللەتلەرنى تەلتۈكۈس يۇقۇتۇپ، «ئەبەدىي ئەمىنلىكنى» قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يولغا قۇيۇۋاتقان بۇ بىر قاتار ۋەھشىي «تەدبىرلىرى» شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزدى. بۇ «تەدبىرلەر» نۇقۇل ۋەتەندىكى كىشىلەرنىلا ئەمەس، بەلكى چەتئەلدىكى مۇھاجىرلارنىمۇ ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچراتتى. نەتىجىدە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئېغىر كۈلپەتكە دۇچار بولدى. چەتئەلدىكى مۇھاجىرلار يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا يىڭى يۈزلىنىشلەرمۇ مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى.

ۋەزىيەتتىكى بۇ خىل تېراگىدىيىلىك ئۆزگىرىش باشتا مۇھاجىرەتتىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنى گاڭگىرىتىپ قويدى. بولۇپمۇ، ئوقۇش، تىجارەت، ساياھەت ۋە ھەج مەقسىتىدە چەتئەلگە چىققان كىشىلەر نېمە قىلارىنى بىلەلمىدى. ۋەتەنگە قايتىش يولى تۇسۇلغان، ۋەتەن بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ۋە ئائىلىسىدىكىلەر تۇتۇپ كېتىلگەن نۇرغۇن كىشىلەر ئېتىراز بىلدۈرۈش بىلەن سۈكۈت قىلىش ئارىسىدا قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلدى. ئۇلار چەتئەلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىپ، خىتاي ئىشغالچى ھاكىمىيىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ياكى داۋاملىق سۈكۈت قىلىپ ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزىتىش ئارىسىدا دىلغۇل بولدى. ۋەتەندىن كېلىۋاتقان شۇم خەۋەرلەرنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئۇلاردىكى پىسخىك بېسىم ۋە ۋىجدان ئازابىمۇ ئېشىۋاتاتتى. بارا-بارا نۇرغۇن كىشىلەر ئاچچىق تاللاشقا دۇچ كەلدى. ھالبۇكى، ئۇلار بۇ خىل تاللاشقا تەييار ئەمەس ئىدى.

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ 2017- يىلى مايدىن بۇيان، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بارغان ۋەھشىيانە زۇلۇم-سىتەملىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىشى ۋە يۇقۇرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ جانلىنىشقا باشلىدى. ۋەتەنگە قايتىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىدىغۇسىز بېسىملىرىغا داۋاملىق سۈكۈت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى تۇنۇپ يەتكەن نۇرغۇن كىشىلەر تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە داۋا سېپىگە قۇشۇلۇپ، زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆرەشكە ئاتلاندى. بۇ كۆرەشلەر داۋامىدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش پائالىيەتلىرى ۋە ھەر تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى. ئۆتكەنكى مەزگىللەرگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، مەيلى كۆلەم جەھەتتىن بولسۇن ياكى شەكىل جەھەتتىن بولسۇن، چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا يۇقۇرى پەللە ياراتتى.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆرەش سەپلىرىگە ئاكتىپ قېتىلىشى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى پاسسىپ ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى. بىر تەرەپتىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توختاۋسىز داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر جامائەت پىكىرىنىڭ كۈچلۈك بېسىمى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئىچكى تالاش-تارتىشنى قۇيۇپ، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا ۋە ئەمەلىي پائالىيىتى ئارقىلىق خەلققە جاۋاپ بېرىشكە قىستىدى. نەتىجىدە، ھەم مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قوللىشى؛ ھەم ئۇيغۇر جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىمۇ زور دەرىجىدە پائالىيەتچانلىق مەيدانغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاز بولمىغان مەسىلىلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى.

بۇ ماقالىدە، مۇشۇ مەزگىلدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى زۇلۇم ۋە قەتلىئامغا قايتۇرغان ئىنكاسلىرى، قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بۇ دائىرىدە، ئالدى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قاراپ چىقىلىدۇ. ئاندىن، قارشىلىق ھەرىكەتلىرى شەكىل، سۈپەت، ئۈنۈم ۋە تەسىر نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىنىدۇ. ئارقىدىن، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپ، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئاخىرىدا، بۇ مەزگىلدىكى پائالىيەتلەر ئۇمۇمىي جەھەتتىن باھالىنىپ يەكۈنلىنىدۇ.

  1. زۇلۇمغا قارىتا ئىنكاسلار

ۋەتەندىكى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان زۇلۇم ۋە قەتلىئاملارغا قارىتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسلىرى پەرقلىق بولدى. بۇرۇندىنلا داۋا سېپىدىكى كىشىلەرنى ھېسابلىمىغاندا، چەتئەلدىكى كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار باشتا بىر مەزگىل سۈكۈت قىلىپ، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزىتىپ باقماقچى بولدى. بۇنداق بولۇشتا، چەتئەلگە يېڭى چىققانلارنىڭ تولىسى ئوقۇش، تىجارەت، ساياھەت، ۋە ھەج مەقسىتىدە چىققان بولۇپ، ئۇلاردا چەتئەلدە قېلىپ قېلىشقا قارىتا يىتەرلىك ئىدىيىۋى تەييارلىق يوق ئىدى.  ئۇلارنىڭ تۇلىسى ۋەتەنگە قايتىشنى، ھېچبولمىغاندا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن نۇرمال ئالاقە قىلىپ تۇرۇشنى ئويلايتتى. ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ باقماقچى بولغانلار ئىچىدە يالغۇز يېڭى چىققانلارلا ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان چەتئەلدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەردىن نېرى تۇرۇپ، ۋەتەن بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى ۋە باردى-كەلدىسىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان كىشىلەرمۇ بار ئىدى.

ۋەتەندىكى ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىق يامانلىشىشى ۋە ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن تۇتۇلۇپ كېتىشى بىلەن سۈكۈت يولىنى تۇتقان كىشىلەرنىڭ ئۈمىدى بارا-بارا ئۈزۈلۈشكە باشلىدى. تۈرمە ۋە جازا لاگىرلىرى ھەققىدىكى ئېچىنىشلىق خەۋەرلەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشىغا ئەگىشىپ بۇلارنىڭ بىر قىسىمى قارشىلىق كۆرسىتىش قارارىغا كەلدى. يەنە بىر قىسمى، بەلكى كۆپ قىسمى يەنىلا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. قارشىلىق كۆرسىتىشنى تاللىغانلارنىڭ بەزىسى ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىققان بولسا؛ يەنە بەزىلىرى يۇشۇرۇن ھالدا قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللاشقا باشلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈسى ئېلىشى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە داۋا سېپىدىكى كونا-يېڭى پائالىيەتچىلەر ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.  خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمى بىر جەھەتتىن، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ داۋا سېپىگە قۇشۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلرىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ يەنە بىر جەھەتتىن، مەۋجۇت تەشكىلاتلارنىڭ ئىچىدىكى ئىختىلاپنى سۇ يۈزىگە چىقىرىپ، پارچىلىنىشنى تېزلەتتى. شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆچىيىۋاتقان زۇلۇم ۋە خەلقئارادىكى ئۆزگىرىۋاتقان ۋەزىيەت ئالدىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆز ئاجىزلىقىنى بىر-بىرلەپ چاندۇردى. ۋەزىيەتكە قانداق تاقابىل تۇرۇش ۋە داۋانى قانداق ئېلىپ بىرىش جەھەتتىكى پەرقلىق قاراشلار تۈپەيلىدىن تەشكىلاتلار ئارىسىدا ۋە تەشكىلات ئىچىدە بىر-بىرىنى ئەيىبلەش، مەسىلىنى قارشى تەرەپكە دۆڭگەش ئەھۋاللىرى بارلىققا كەلدى. نەتىجىدە، بەزى كونا تەشكىلاتلار ئىچىدە پارچىلىنىش يۈز بەردى. كونا تەشكىلاتلاردىن بىر قىسىم غوللۇق ئەزالارنىڭ ئايرىلىپ چىقىشى بىلەن يېڭى تەشكىلاتلار قۇرۇلدى. بەزى تەشكىلاتلار چۇۋۇلۇپ قايتىدىن تەشكىللەندى. پۈتۈنلەي يىڭىدىن قۇرۇلغان تەشكىلاتلارمۇ سەھنىدە رول ئېلىشقا باشلىدى.

ئالدى بىلەن، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا قارىتا ئىنكاسىنى چوڭ جەھەتتىن ئىككىگە ئايرىشقا بولىدۇ. بىرىنچىدىن، مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشى بۇ زۇلۇمغا قارشىلىق كۆرسىتىش ياكى داۋاملىق سۈكۈت قىلىش ئارىسىدا تەڭقىسلىقتا قالدى.  يۇقۇرىدا دەپ ئۆتۈلگەندەك، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى باشتا سۈكۈت قىلىش يولىنى تاللىغان بولسا؛ ئاز بىر قىسمى ئاستا-ئاستا سۈكۈتنى بوزۇشقا قاراپ يۈزلەندى. بۇنداقلارنىڭ سانى بارا-بارا ئاشتى ۋە ئېشىۋاتىدۇ.  يەنە كېلىپ، سۈكۈتنى بۇزۇپ، زۇلۇمغا قارشىلىق كۆرسىتىش يولىنى تاللىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاشكارە مەيدانغا چىقمىدى. بىر قىسمى ئاشكارە گۇۋاھلىق بىرىپ، نارازىلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ ياكى تەشكىللەپ قارشىلىق كۆرسەتسە؛ يەنە بىر قىسمى ئاشكارە مەيدانغا چىقماي، پەردە كەينىدە تۇرۇپ نۇرغۇنلىغان ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسەتتى. دېمەك، بۇ قاتلامدىكى ئىنكاس، ئالدى بىلەن زۇلۇمغا قارشىلىق قىلىش بىلەن داۋاملىق سۈكۈت قىلىش ئارىسىدىكى تاللاش؛ ئارقىدىن سەھنىگە چىقىپ قارشىلىق كۆرسىتىش بىلەن پەردە كەينىدە تۇرۇپ خىزمەت قىلىش ئارىسىدىكى تاللاش شەكلىدە ئىپادىلەندى.

ئىككىنچىدىن، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئىچىدە ۋە ئارىسىدا بۇ يېڭى ۋەزىيەتكە قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە ئېغىر ئىختىلاپ كۆرۈلدى. ھەر قايسى تەشكىلاتلار خىتاينىڭ قەتلىئامى ۋە ئۇيغۇر جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمىغا بىر-بىرىنى ئەيىپلەش، گۇناھنى باشقىلارغا ئارتىپ قۇيۇش بىلەن تاقابىل تۇرماقچى بولۇۋاتقاندەك بىر خىل مەنزىرە ياراتتى. تەشكىلاتلار ئىچىدىكى ۋە ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈرلىشىشى بىلەن بىر قاتار پارچىلىنىش ۋە يېڭىدىن تەشكىللىنىشلەر بولۇپ ئۆتتى. بۇ خىل مەنزىرىدىن ئۈمىسىزلەنگەن بىر قىسىم ئاكتىپلار يېڭىدىن تەشكىلات قۇرۇش يولىنى تاللىدى ياكى مۇستەقىل پائالىيەت قىلىشقا باشلىدى. ئەلبەتتە، بۇلار مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى. يەنە بىر تەرەپتىن، شەرقىي تۈركىستان داۋاسى زىددىيەت ئىچىدە ئىلگىرىلەپ، مۇشۇ قىسقىغىنا بىر قانچە يىلدا، چەتئەل تارىخىدىكى يۇقۇرى سەۋىيەنى ياراتتى. بۇ مەزگىل شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئەڭ كۆپ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تۈرى، شەكلى، ۋە قېتىلغان كىشى سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر مەزگىل بولدى. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەتراپىغا تارىختىكى ھەرقانداق چاغدىكىدىن بەكرەك ئۇيۇشتى. كۆپ تەرەپلىمىلىك قارشىلىق كۆرسىتىش پائالىيەتلىرى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلدى. دېمەك، بۇ قاتلامدىكى ئىنكاس قوش بىسلىق شەكىلدە نامايەن بولدى. ھەم ئىچكى ئىختىلاپقا، پارچىلىنىش، قايتىدىن ياكى يېڭىدىن تەشكىللىنىشكە يول ئاچتى؛ ھەم تېخىمۇ جانلىنىشقا ۋە ئۇيۇشۇشقا سەۋەب بولدى.

ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ زۇلمىغا قايتۇرغان ئىنكاسىنى ئىككى جۈملىگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن: نېمە قىلىش كېرەك؟ ۋە قانداق قىلىش كېرەك؟ يەنى قارشىلىق كۆرسىتىش كېرەكمۇ ياكى سۈكۈت قىلىش كېرەكمۇ؟ قارشىلىق قىلىشقا توغرا كەلسە، قانداق قىلىش كېرەك؟ مانا مۇشۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ئالدى بىلەن داۋا سېپى سىرتىدىكى كىشىلەر ئىككىگە ئايرىلدى: قارشىلىق قىلغۇچىلار ۋە داۋاملىق سۈكۈت قىلغۇچىلار. قارشىلىق يولىنى تاللىغانلار يەنە ئۆز ئىچىدىن ئىككىگە ئايرىلدى: ئاشكارە سەھنىگە چىققۇچىلار ۋە پەردە كەينىدە خىزمەت قىلغۇچىلار. ئارقىدىن، ئاشكارە سەھنىگە چىققانلار يەنە ئىككىگە ئايرىلدى: كونا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغۇچىلار ۋە يېڭىدىن تەشكىلات قۇرغۇچىلار ياكى ئۆز ئالدىغا ئىش قىلغۇچىلار.

  1. قارشىلىق ھەرىكەتلىرى

خىتاي ئىشغالچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2014- يىلىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ يولغا قۇيۇلغان «قاتتىق زەربە بىرىش» نامىدىكى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى 2017- يىلىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى تامامەن يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان بۇ قىرغىنچىلىق بۈگۈن ئەڭ ۋەھشى شەكىلدە داۋام قىلماقتا. بۇ جەرياندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ قەتلىئامىغا قارشى ئۈزلۈكسىز قارشىلىق كۆرسەتتى. بولۇپمۇ، 2017- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، چەتئەلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بىر بالداق يۇقۇرى ئۆرلىدى. بۇ مەزگىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى شەكىل، سان، كۆلەم ۋە تەسىر… قاتارلىق جەھەتلەردىن تارىختىكى ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە چىقتى. بۇ بۆلۈمدە مۇشۇ مەزگىللەردە ئېلىپ بېرىلغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى شەكىل، كۆلەم، سۈپەت، ئۈنۈم ۋە تەسىر نوقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

1.3. قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ شەكىللىرى

بۇ مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، مەزمۇنى مول بولدى. بۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى دىپلۇماتىك پائالىيەتلەر، ئاخبارات جېڭى، گۇۋاھلىق بېرىش، مۇراجىئەت قىلىش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش، لېكسىيە سۆزلەش، ئۇزاققا يۈرۈش، يېڭى تەشكىلات قۇرۇش ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەردىن پايدىلىنىپ زۇلۇمنى پاش قىلىش… قاتارلىق ئون نەچچە كاتېگورىيەگە ئايرىشقا بولىدۇ. بۇ كاتېگورىيەلەرنىڭ ھەر بىرى يەنە ئۆز ئىچىدىن بىر قانچىگە بۆلىنىدۇ. تۈۋەندە بۇلارنى قىسقىچە ئايرىم-ئايرىم بايان قىلىمىز.

بىرىنچى، دىپلۇماتىك پائالىيەتلەر. بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر ئاساسلىقى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى… قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ھەر قايسى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت، ھۆكۈمەت، سىياسىي پارتىيە ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىشىغا ئەگىشىپ مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت، ھۆكۈمەت، سىياسىي پارتىيە ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ كۆپەيدى. جۈملىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ  ب د ت ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرىمۇ جانلاندى. بۇ جەرياندا، ھەر قايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي ساھەسىگە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تېخىمۇ كۆچەپ تۇنۇشتۇردى؛ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جىنايىتىنى پاش قىلدى ۋە خىتايغا قارشى بىرلىك سەپ ھاسىل قىلىشقا تېرىشتى.

ئىككىنچى، نامايىش. شەرقىي  تۈركىستان داۋاسىدىكى ئەڭ كلاسسىك ۋە ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان قارشىلىق كۆرسىتىش شەكىللىرىدىن بىرى نامايىشتۇر. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلدى. بۇ جەرياندا بىر نەچچە قېتىم خەلقئارالىق نامايىش پائالىيىتى تەشكىللىنىپ، ئون نەچچە دۆلەتتە تەڭ ئېلىپ بېرىلدى. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا، سىياسىي مەركەزلەرنىڭ ئالدىدا ياكى شەھەرنىڭ ئاۋات مەيدانلىرىدا سانسىز قېتىملاپ نامايىش ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشى، بىرۇكسىل نامايىشى ۋە جەنۋە نامايىشىنى ئالاھىدە كۆرسىتىش مۇمكىن. بۇ مەزگىلدە يەنە نامايىشلارنىڭ تۈرى كۆپ بولدى. ھەر خىل يېڭى نامايىش شەكىللىرى بارلىققا كەلدى. بۇلارنى ئۇمۇمەن ئوپچە نامايىش، يالغۇز كىشىلىك نامايىش ۋە مارافۇنچە نامايىش، دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىش مۇمكىن. گوللاندىيەدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى ئايلاردىن بۇيان ئامېستېردامدىكى دام مەيدانىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلىپ كېلىۋاتىدۇ[3]. ئامېرىكىدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچى سالىھ خۇدايار باشچىلىقىدا ۋاشىڭگتوندىكى ئاقساراينىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش نامايىشى ئايلارچە داۋام قىلدى[4].

ئۈچىنچى، ئاخبارات جېڭى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى جېڭىنىڭ ئەڭ يارقىن نوقتىسى ئاخبارات جېڭىدۇر. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بۇ جەڭگە ئاتلاندى ۋە بارا-بارا ئاخباراتنى خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىغا قارشى جەھگاھقا ئايلاندۇردى. بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەر مۇنداق ئۈچ نوقتىدىن ئىشلەندى. (1) تاراتقۇلارغا سۆزلەش. بۇ جەھەتتە خېلى كۆپ كىشى ھەر قايسى خەلقئارالىق ۋە يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئاڭلاتتى. بولۇپمۇ، ئۆمەر بەكئالى، گۈلباھار جېلىل، مېھرىگۈل تۇرسۇن… قاتارلىق شاھىتلارنىڭ ئېيتقانلىرى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى ۋە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بايانات بەردى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقنى تۇنۇشتۇردى. بۇ جەرياندا بىر قىسىم ئۇيغۇر پىدائىلىرى ئاشكارە ۋە يۇشۇرۇن ھالدا ئۆزىنى مەخسۇس بۇ ئىشقا ئاتاپ مۇخبىرلار بىلەن ئالاقىلىشىش، زىيارەتنى قۇبۇل قىلغۇچى ئۇيغۇرلارنى تېپىش، ئۇچراشتۇرۇش ۋە تەرجىمانلىق قىلىش… قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ پىدائىلار ئىچىدىن ئابدۇۋەلى ئايۇپنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىش مۇمكىن (2) يېڭىدىن تاراتقۇ تەسىس قىلىش. بۇ جەھەتتە بىر قىسىم تەشكىلات ۋە شەخىسلەر تەرىپىدىن يېڭىدىن تاراتقۇلار تەسىس قىلىندى. بۇ دائىرىدە، يېڭى تور بەتلەر قۇرۇلدى؛ يېڭى ئېكرانلار ئېچىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن، ئۆرنەك سۈپىتىدە «ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى»، «د ئۇ ق تېلېۋىزىيىسى»، «نىدا رادىئوسى»، «پىدائىيلار ئېكرانى» ۋە «تەجەللىي ئېكرانى»… قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن. (3) ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىش. بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن كىشىلەر فېيسبۇك، تېۋىتىر ۋە يۇتىيۇب… قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىنىلىپ ۋەتەندىكى زۇلۇمنى ۋە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلدى. گۇۋاھلىق ۋىدېئولىرىنى ئىشلەپ تارقاتتى.  بۇ ساھەدە يېقىندا فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى خالمۇرات ئۇيغۇر باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان «مەنمۇ ئۇيغۇر» ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھەرىكىتى يۇقۇرى پەللە ياراتتى[5[.

تۆتىنچى، گۇۋاھلىق بېرىش. بۇ مەزگىلدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن بىرى گۇۋاھلىق بىرىش دېيىشكە بولىدۇ. گۇۋاھلىق بىرىش پائالىيىتى مۇنداق ئۈچ شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى. (1) ۋېدىئولۇق گۇۋاھلىق بىرىش. بۇ گۇۋاھلىق بىرىش پائالىيەتلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان بىر تۈر ھېسابلىنىدۇ. 2018- يىلىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشى ۋېدىئو ئىشلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇملارنى پاش قىلدى، ھەمدە تۇتۇلۇپ كەتكەن ياكى يۇقاپ كەتكەن تۇققانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلىدى. بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بۇ تۈرنى مەخسۇس تۇتۇپ خىزمەت قىلدى. بۇ جەھەتتە ئابدۇراخمان ھەسەن، خالمۇرات ئۇيغۇر… قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تېرىشچانلىقى كۆرۈنەرلىك بولدى. (2) يازمىچە گۇۋاھلىق بىرىش. بۇ جەرياندا ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق يازمىچە گۇۋاھلىق بەردى. بۇلار ئاساسلىقى يۇقالغان ياكى تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى فېيسبۇكقا چىقىرىش ئارقىلىق سېرتقى دۇنياغا ئاشكارىلىدى. (3) نەق مەيداندا گۇۋاھلىق بىرىش. گۇۋاھلىق بىرىش پائالىيەتلىرى ئىچىدە تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغىنى جازا لاگىرلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان شاھىتلارنىڭ نەق مەيداندا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى بولدى. بۇ مەزگىلدە، ئۆمەر بەكئالى، گۈلباھار جېلىل ۋە مېھرىگۈل تۇرسۇن… قاتارلىق شاھىتلار بەزى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى ۋە سىياسي، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، نەق مەيداندا گۇۋاھلىق بەردى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ئامېرىكا پارلامېنتىدا بەرگەن گۇۋاھلىقى بىلەن ئۆمەر بەكئالىنىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى گۇۋاھلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. بولۇپمۇ مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى گۇۋاھلىقى زور تەسىر قوزغىدى[6].

بەشىنچى، مۇراجىئەت قىلىش. مۇراجىئەت دېگەندە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئورگانلىرىغا، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا، مەشھۇر شەخسلەرگە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە قىلىنغان ئاشكارە ياكى يۇشۇرۇن خىتاپلار، يوللانغان مەكتۇپلار، شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ تور بەتلىرى ياكى ئىجتىمائىي تور سۇپىلىرىدا قىلىنغان چاقىرىقلار ۋە ئىمزا توپلاش پائالىيەتلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ساھەدىكى خىزمەتلەر ئۇمۇمەن مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن ئىشلەندى. بىرىنچىدىن، بىر قىسىم زىيالىلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ۋە بىر قىسىم نۇپۇزلۇق شەخسلەرگە ئەرز-شىكايەت يېزىش ھەرىكىتى باشلاندى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەلۇم ساندىكى كىشىلەر مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرگە بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنى شىكايەت قىلىپ ۋە ياردەم سوراپ خەت يازدى، ئۇچۇر ئەۋەتتى. ئىككىنچىدىن، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە مۇراجىئەت ئېلان قىلىنىپ كەڭ كۆلەمدە ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ جەھەتتە ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى سالىھ خۇدايار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا ئاقساراي تور بىكىتىدىكى مۇراجىئەت بولدى. مەزكۇر مۇراجىئەتكە ئىمزا قويغانلارنىڭ سانى يۈز مىڭدىن ئاشتى. ئۈچىنچىدىن، ئاممىۋىي مۇراجىئەت سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ خەلقئارا جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلىندى. بۇ جەھەتتە بەزى شەخسلەر ۋە گۇرۇپلار ئاممىۋىي تور سۇپىلىرىدا مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، ئىمزا توپلاش بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ ساھەدە «مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپىسى»نىڭ «www.change.org» تور بېتىدە ئېلان قىلغان بىر يۈرۈش مۇراجىئەتلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيىدۇ.

ئالتىنچى، ئارخىپ تۇرغۇزۇش. بۇ مەزگىلدە زۇلۇمغا قارشى ئىشلەنگەن خىزمەتلەردىن بىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشتۇر. باشتا بۇ خىزمەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن چاقىرىق قىلىنغانىدى. كېين بۇ ئىشقا گېن بۇنىن… قاتارلىق چەتئەللىك پىدائىيلارمۇ ئىشتىراك قىلدى. ھازىرغىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، نۇرۋېگىيە ئۇيغۇر كومېتىتى، گېن بۇنىن گۇرۇپپىسى، ئۇيغۇر ئېيد گۇرۇپپىسى… قاتارلىقلار بۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئابدۇراھمان ھەسەن… قاتارلىق بەزى شەخسلەرنىڭمۇ گۇۋاھلىق ۋېدىئولىرىنى توپلاۋاتقانلىقى مەلۇم. يەنە تاھىر ھامۇت ۋە ئابدۇۋەلىي ئايۇپ… قاتارلىق بىر قىسىم زىيالىلار شەرقىي تۈركىستاندىكى غايىپ بولغان ياكى تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇر سەرخىللارنىڭ تېزىملىكىنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ ساھەدىكى خىزمەتلەر داۋاملىق ئىشلىنىۋاتىدۇ.

يەتتىنچى، لېكسىيە سۆزلەش. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتەندىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىدىن بىرى ھەر تۈرلۈك ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي سورۇنلارغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەش بولدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ كۈچىيىشىگە ۋە خەلقئارا تاراتقۇلار تەرىپىدىن كۆپلەپ خەۋەر قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پائالىيەت ۋە يېغىلىشلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. يەنە بىر جەھەتتىن، بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىلار ۋە پائالىيەتچىلەرمۇ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىپ بەزى پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ تۈرلۈك تۇنۇشتۇرۇش ۋە مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ جەھەتتە، نۇرى تۈركەل، ئەركىن سىدىق ۋە ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق… قاتارلىق كىشىلەر دىققەتكە سازاۋەردۇر.

سەككىزىنچى، ئۇزاققا يۈرۈش. بۇ بىر مەزگىلدە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ خىللاشتى. كونا قارشىلىق ئۇسۇللىرىغا ھەر خىل يېڭى تۈرلەر قېتىلدى. شۇلاردىن بىرى ئۇزۇنغا يۈرۈش پائالىيىتىدۇر. ئۇزۇنغا يۈرۈش پائالىيىتى پىيادە يۈرۈش ۋە ۋېلىسىپىت ياكى ئاپتوموبىل بىلەن ئايلىنىشتىن ئىبارەت ئىككى شەكىلدە ئەمەلىيلەشتى. بۇ ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۈچ كىشىنى كۆرسېتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇلار فىنلاندىيەدىكى ئاكتىپ ياش پائالىيەتچى خالمۇرات ئۇيغۇر، تۈركىيەدىكى دىنىي ئۆلىما ئەلى ئەكبەر دامۇللام ۋە ئاكتىپ ياش پائالىيەتچى ئەرشىدىن ئەركىن قاتارلىقلاردۇر. خالمۇرات فىنلاندىيەدىن ماشىنا بىلەن يولغا چىقىپ ياۋرۇپادىكى بىر قانچە دۆلەتلەرنى ئايلىنىپ چىقتى. ئەرشىدىن ئەركىن ۋە ئەلى ئەكبەر داموللام… قاتارلىقلار بولسا ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىن يولغا چىقىپ پىيادە تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەگە يىتىپ كەلدى[7]. بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرمۇ جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلدى.

توققۇزىنچى، يېڭىدىن تەشكىلات قۇرۇش. بۇ جەرياندا يەنە ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىغا ئەگىشىپ بىر قىسىم يېڭى تەشكىلاتلار قۇرۇلدى. ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن پائالىيەت قىلىدىغان كىچىك گۇرۇپپىلار مەيدانغا كەلدى. بۇ يېڭى قۇرۇلغان تەشكىلاتلار خارەكتېر جەھەتتىن كۆپ خىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمى سىياسىي مەقسەتتە تەسىس قىلىنغان بولسا؛ كۆپ قىسمى ئاخبارات، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ياردەم … قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان. دېمەك، يېڭىدىن تەشكىللىنىشمۇ مۇشۇ مەزگىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ شەكىللىرىدىن بىرىگە ئايلاندى.

ئونىنچى، تۈرلۈك پائالىيەتلەر. ئەمەلىيەتتە بۇ قىسقىغىنا بىر قانچە يىلدا نۇرغۇنلىغان قارشىلىق قىلىش ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ تۈرى كۆپ، مەزمۇنى مول بولۇپ، بىز يۇقۇرىدا پەقەتلا شۇلارنىڭ ئىچىدىن تىپىك بولغانلىرىنى ساناپ ئۆتتۇق. بۇلاردىن سېرت، يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئوخشىمىغان ساھەلەردە ئوخشىمىغان پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىپ، ۋەتەندىكى زۇلۇم تۇنۇشتۇرۇلدى. بۇ دائىرىدە، ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ مەكتەپلىرىدە ۋەتەننى تۇنۇشتۇرۇش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، زۇلۇمنى پاش قىلىش… قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. بەزى يەرلەردە ۋەتەندىكى زۇلۇم، جازا لاگىرلىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىلىرى ئۆتكۈزۈلدى. تۈرلۈك مەزمۇندىكى تەشۋىقات ۋاراقلىرى بېسىلىپ كوچىلاردا ۋە نوقتىلىق يەرلەردە تارقىتىلدى.

2.3. قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆلىمى

يۇقۇرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ مەزگىلدە قارشلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ شەكلى ھەقىقەتەن كۆپ خىل بولدى. بۇ شەكىللەرنىڭ ھەر بىرى بۇيىچە مۇئەييەن كۆلەمدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى. بىراق، بۇ پائاليەتلەرنىڭ كونكېرت سانى ھەققدە ھازىرغىچە بىرەر ئىستاتىستىكا ئېلىپ بېرىلغىنى يوق. شۇڭلاشقا قارشلىق ھەرىكەتلرىنىڭ كۆلىمى ھەققىدە ئېنىق رەقەم بىرىش تەس. شۇ ۋەجىدىن مەزكۇر قارشىلىق تۈرلىرى ئىچىدىن كۆزگە كۆرۈنگەن بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى تىلغا ئېلىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز. تۈرلۈك دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلار سانى كۆپ بولغانلىقى ۋە بۇ مەزگىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە بايان قىلىنمايدۇ.

بىرىنچى، مۇراجىئەت قىلىش جەھەتتە. ھازىرغىچە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ياكى ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە جەمئىي تۆت قېتىم ئىمزالىق مۇراجىئەت ئېلان قىلىنغان. بۇ مۇراجىئەتلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاقساراي» تور بېتى بىلەن ئەنگلىيە، بېرازىلىيە ۋە ئاۋستېرالىيە… قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت تور بەتلىرىدە ئايرىم-ئايرىم ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن «ئاقساراي» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مۇراجىئەتكە قۇيۇلغان ئىمزا سانى 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن[8]. ئاممىۋىي تور سۇپىسى ئارقىلىق قىلىنغان مۇراجىئەتلەر ئىچىدە، «مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر يۈرۈش مۇراجىئەتلەر دىققەتكە سازاۋەر. مەزكۇر گۇرۇپ ھازىرغىچە دۇنياۋىي مۇراجىئەت تور سۇپىسى بولغان «www.change.org» تور بېتىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك خىرىسلارغا ئائىت جەمئىي 13 پارچە مۇراجىئەت ئېلان قىلىنغان. بۇ مۇراجىئەتلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن تارتىپ ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىققىچە بولغان كۆپ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ[9].

ئىككىنچى، نامايىش جەھەتتە، ھازىرغىچە ئۈچ قېتىملىق چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق نامايىش تەشكىللەنگەن. بۇلار 2018-يىلى 15-مارت ئېلىپ بېرىلغان «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» ئاياللار نامايىشى، بىلگىيە پايتەختى برۇكسېلدىكى ياۋرۇپا پارلامېنتى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان «5000 كىشىلىك نامايىش»[10] ۋە شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە نامايىشتىن[11] ئىبارەت. بۇ نامايىشلارنىڭ ھەر بىرىگە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نەچچە مىڭ كىشى قاتناشقان. بۇنىڭ ئىچىدىن «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشى 14 دۆلەتتە بىر كۈندە ئېلىپ بېرىلغان[12].

ئۈچىنچى، گۇۋاھلىق بىرىش جەھەتتە. بىرىلگەن ھەر خىل شەكىلدىكى گۇۋاھلىقلار ھەققىدە دەل بىر ئىستاتىستىكا ئېلىپ بېرىش ئاسان ئەمەس. چۈنكى بەزىلەر نۇقۇل رەسمي تاراتقۇلارغا سۆزلەپ، ئايرىم يازمىچە ياكى سۈرەتلىك گۇۋاھلىق بەرمىگەن بولسا؛ يەنە بەزىلەر كۆپ خىل شەكىلدە گۇۋاھلىق بەرگەن. ھازىرغىچە بىرىلگەن گۇۋاھلىق ۋىدېئولىرىنىڭ سانى ھەققىدىمۇ ئېنىق مەلۇمات يوق. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇراھمان ھەسەن تۈرلۈك شەكىلدىكى گۇۋاھلىقلارنىڭ تەخمىنەن 1000 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا. خالمۇرات ئۇيغۇر باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «Uyghur Aid» گۇرۇپپىسىنىڭ يۇتىيۇب قانىلىدا 500 ئەتراپىدا گۇۋاھلىق ۋىدېئوسى توپلانغان[13[. گۇۋاھلىق بىرىش دائىرىىسدە يەنە ئۈچ قېتىملىق چوڭ تىپتىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇلار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە جازا لاگىرلىرىنىڭ شاھىدى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ئايرىم-ئايرىم ئامېرىكا پارلامېنتىدا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى بىلەن جازا لاگىرلىرىنىڭ شاھىدى ئۆمەر بەكئالىنىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتىدا بەرگەن گۇۋاھلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ[14].

تۆتىنچى، ئارخىپ تۇرغۇزۇش جەھەتتە. ھازىرغىچە «www.shahit.biz» تورىدىكى «شىنجاڭ زىيانلانغۇچىلار ساندانى»دا جەمئىي 2935 كىشىنىڭ ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان[15]. ب د ت ئارخىپلىرىدا 400 دەك كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى بارلىقى مەلۇم. بۇلاردىن سېرت، ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەرىپىدىن ھازىرغىچە جەمئىي 250 تىن كۆپ ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ تېزىملىكى تۇرغۇزۇلغان[16].

بەشىنچى، ئۇزۇنغا يۈرۈش جەھەتتە. ھازىرغىچە ئۈچ قېتىملىق ئۇزۇنغا يۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان. بۇلاردىن بىرى ماشىنىلىق، قالغان ئىككىسى پىيادە يۈرۈشتۇر. فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى خالمۇرات ياۋرۇپادىكى بىر قانچە دۆلەتنى بىلەن ئايلىنىپ چىققان. تۈركىيەدىكى ئەلى ئەكبەر ھاجىم بىلەن ئەرشىدىن ئەركىن باشچىلىقىدىكى كىشىلەر ئايرىم-ئايرىم تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇلدىن 500 كىلومېتىردەك يولنى پىيادە يۈرۈپ تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە يىتىپ كەلگەن[17]

3.3. قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سۈپىتى

بۇ مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سۈپىتىگە قارىتا باھا بىرىش بىر قەدەر تەس. چۈنكى قولىمىزدا بۇ ھەرىكەتلەرنى سۈپەت نوقتىسىدىن باھالايدىغان بىر ئۆلچەم يوق. شۇنداقتىمۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ شەكلى ۋە كۆلىمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سۈپىتىنى بەك ياخشى دېگىلى بولمايدۇ.

نامايىشلار كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلدى. ئەمما، تۆلەنگەن بەدەلگە چۇشلۇق ئۈنۈم قازانغانلىرى كۆپ ئەمەس. تەشكىللەش خىزمىتىدە ئىزچىل بىر قىسىم ئەجەللىك نوقسانلار ساقلىنىپ كەلدى. پىلانلاش ئىشلىرى دېگەندەك ياخشى ئەمەس. بىر نەچچە قېتىملىق سۈپەتلىك چوڭ نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، بىر قىسىم نامايىشلاردا ۋە يىغىلىشلاردا بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەردى.

كۆپلىگەن گۇۋاھلىق ۋىدېئولىرىنىڭ سۈپىتى تۈۋەن. ۋاقىت، كۆرۈنۈش ۋە تېكىست قاتارلىقلار ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان. بەزىلىرىنىڭ ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ، مۇناسىۋەتسىز گەپلەر قىستۇرۇلغان، تېگىشلىك تەپسىلاتلار يىتەرلىك تىلغا ئېلىنمىغان بولۇپ، پاكىتلىق قىممىتى يۇقۇرى ئەمەس. ئەلبەتتە يۇقۇرى سۈپەتتە ئىشلەنگەن گۇۋاھلىق ۋىدېئولىرىمۇ يوق ئەمەس. بىراق، بۇنداقلىرىنىڭ سانى بىر قەدەر ئاز.

دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە ئېغىر. گەرچە «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلرى خېلى سۈپەتلىك بولسىمۇ، بىراق، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. لوبىچىلىق خىزمەتلىرى ياخشى ئىشلەنمەيۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلرى پىلان ۋە تۈر تۇرغۇزۇپ پائالىيەت قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالمىدى. ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئەھۋال تۇنۇشتۇرۇش ۋە دەرت تۆكۈش يەنىلا مۇھىم سالماقنى ئىگىلەۋاتىدۇ.

قىسقىسى، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سانى ۋە كۆلىمى زور بولسىمۇ، سۈپىتى ئادەمنى خۇشال قىلغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس. تەبىئىيكى، يېڭى باشلانغان ھەر قانداق ئىشتىن دەمالىققا يۇقۇرى سۈپەت تەلەپ قىلىشمۇ مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. داۋا سېپىنىڭ بۇ دەرىجىدە كېڭىيىشى مۇشۇ بىر مەزگىلنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، سۈپەت كونترولىنى ساقلاشمۇ قىيىن.

4.3. قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈنۈمى ۋە تەسىرى

خۇددى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سۈپىتىگە قارىتا باھا بىرىش تەس بولغاندەك، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئۈنۈمى ۋە تەسىرىگە قارىتا بىر نەرسە دېيىشمۇ ئوڭاي ئەمەس. چۈنكى ھەرىكەتلەرنىڭ دائىرىسى كەڭ، كونكېرت پىلان ۋە يەتمەكچى بولغان نىشانلار مۈجمەل بولغانلىقى ئۈچۈن، كونكېرت كۆزلەنگەن مەقسەتنىڭ نېمىلىكىنى ۋە بۇ مەقسەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىپ-ئاشمىغانلىقىنى بىلىش قىيىن. شۇنداقتىمۇ بۇيەردە بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئۈنۈمى ۋە تەسىرى سۈپىتىدە بىر قىسىم نەتىجىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۇمكىن.

بىرىنچىدىن، شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ۋە ئۇيغۇرلار كەڭ كۆلەمدە تۇنۇلدى. خەۋەر قىلىنىش جەھەتتە، بۇ قىسقىغىنا بىر مەزگىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرىنىڭ تارىختىكى ھەر قانداق چاغدىكىدىن يۇقۇرى بولغانلقى ئېنىق. «مەنمۇ ئۇيغۇر» ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھەرىكىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى خالمۇرات ئۇيغۇرنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ ئۆزىلا 120 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق چوڭ تاراتقۇ ۋە 800 دىن ئارتۇق يەرلىك تاراتقۇ تەرىپىدىندىن خەۋەر قىلىنغان.

ئىككىنچىدىن، خەلقئارالىق جامائەت پىكىرى يارىتىلدى. خىتاي ئىشغالچى ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى رەزىللىكلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك پاش قىلىنىشى زور دەرىجىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. نەتىجىدە، كۆپلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە دۆلەتلەر كەينى-كەينىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەشكە باشلىدى. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىپ كەلگەن ئىسلام دۆلەتلىرىمۇ خەلقئارا جامائەت پىكىرىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئاستا-ئاستا خىتاينى ئەيىبلەش تەرەپكە ئۆتۈۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە، مالايسىيا بىلەن تۈركىيەنى مىسال كۆرسېتىش مۇمكىن. يەنە نۇرغۇنلىغان ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە ئىلمىي ئورگانلار تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پائالىيەتلەر تەشكىللەندى.

ئۈچىنچىدىن، بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارغا ئائىت قارارلار ئېلىندى ۋە قانۇنلار چىقىرىلىشقا باشلىدى. ھازىرغىچە گېرمانىيە بىلەن شېۋىتسىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدە قارار ئالدى. ياۋرۇپا ئىتتىپاقى قارار ماقۇللاپ جازا لاگىرلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى. ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى قانۇن لايىھىسى تۇنۇشتۇرۇلغان بولۇپ، قانۇن چىقىرىش خىزمەتلىرى ئالاقىدار تەرتىپلەر بۇيىچە داۋام قىلىۋاتىدۇ.

تۆتىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى جازا لاگىرلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى باشتا جازا لاگىرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. قارشلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن خەلقئارالىق بېسىمنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ گەپ ئوينىتىشقا باشلىدى. ئاخىرىدا لاگىرلارنىڭ بارلىقىنى تۇلۇق ئېتىراپ قىلدى. يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان، لاگىر سەتچىلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ياللانما ئۆمەكلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا تەكلىپ قىلىپ، يالغان خەۋەر تارقىتىپ، خەلقئارا جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللەتمەكچى ۋە شۇ ئارقىلىق ئوبرازىنى قوغدىماقچى بولۇۋاتىدۇ.  يەنە بىر قىسىم ساختا لاگىر كۆرۈنۈشلىرىنى تەييارلاپ ئېلان قىلدى.

بەشىنچىدىن، بىر قىسىم كىشىلەر جازا لاگىرلىرىدىن قۇيۇپ بېرىلدى. قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرىدە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جازا لاگىرلىرىدىن قۇيۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم. بەزىلەر گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن، ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ قۇيۇپ بېرىلگەنلىكى ياكى كۆرۈشتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. قازاقىستان قاتارلىق چەت دۆلەتلەرنىڭ ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتكەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ لاگىرغا قامالغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ داۋا قىلىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن قۇيۇپ بېرىلدى.

يۇقارقىلار بۇ مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە مەيدانغا كەلگەن بىر قىسىم نەتىجىلەر ۋە ئىجابىي تەسىرلەردۇر.  ئەلبەتتە، بۇ ھەرىكەتلەر بىر قىسىم ئەكسىلئۈنۈم ۋە سەلبىي تەسىرلەردىن خالىي ئەمەس.

  1. ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر

نۆۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە بىر قىىسىم مەسىلىلەرمۇ ساقلانماقتا. مۇھاجىرەتتىكى خېلى كۆپ سانلىق كىشى تېخىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنى ئېنىق تۇنۇپ يەتكىنى  يوق. تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت ئېغىر. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئوبرازىغا سايە تاشلاپ تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم سەلبىي تەسىرلەر يەنىلا مەۋجۇت. ئەمگەك تەكرارلىقى كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. تەشكىلاتلار ۋە پائالىيەتچىلەر ئارىسىدىكى ماسلىشىش يىتەرلىك ئەمەس. كەسپىي خادىملار كەمچىل. مۇنتىزم خىزمەت قىلىدىغانلار يوق دېيەرلىك. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئىشلار ئويلىغاندەك يۈرۈشمەيۋاتىدۇ. كۆپ قىسىم كىشىلەر تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتمەكتە. تۆۋەندە بىر قىسىم نوقتىلىق مەسىلىلەرنى ئايرىم-ئايرىم مۇھاكىمە قىلىمىز.

(1) ۋەزىيەتنى توغرا تۇنۇپ يەتمەسلىك. يەنىلا مۇھاجىرەتتىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر ۋەزىيەتنى ئېنىق تۇنۇپ يەتمەيۋاتىدۇ. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇمۇمىي سانىغا سېلىشتۇرغاندا، نۆۋەتتە ئاشكارا ياكى يۇشۇرۇن مەيدانغا چىقىپ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى يەنىلا ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ. مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەر يەنىلا «ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىپ كېتىشىنى» كۈتمەكتە. «بىر ئىش قىلغاننىڭ پايدىسى بولۇشىدىن» ئۈمىدسىزلەنمەكتە ياكى «بىر ئىش قىلىپ قۇيۇپ» ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا تخىمۇ كۆپ پىشكەللىكلەرنىڭ كېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. بۇلاردىن چەتئەللەردىكى كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنى ۋە خىتاي مۇستەملىكىچى دائىرىلىرىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى توغرا تۇنۇپ يەتمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. بولىۋاتقان ئىشلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن ياكى كۆرسىمۇ رېئاللىقنى قۇبۇل قىلغۇسى كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەردە يەنىلا ساددىلارچە «بۇ ئىشلارمۇ ئوڭشىلىپ كېتەر» دەيدىغان خاھىش مەۋجۇت. قىسقىسى، مىللەتنىڭ يۇقۇلۇش گىردابىغا كېلىپ قالغانلىقى، خىتاي ئىشغالچى كۈچلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىغا قارىتا كۆپ سانلىق كىشىلەردە تۇنۇش يىتەرسىز، بىخۇدلۇق ئېغىر. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلسىمۇ، پىسخىكىلىق بېسىمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۈگە قۇشقا ئوخشاش، بېشىنى قۇمغا تېقىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا.

(2) ئىچكى نىزا. بىر قىسىم تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر ئارىسىدا زىددىيەت ئېغىر. ئىدېئولوگىيە تۇقۇنۇشى سەۋەبىدىن بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىشىشلار مەۋجۇت. ۋەتەن-مىللەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ئۈچۈن شەخسىي ۋە تەشكىلى مەنپەئەتتىن كېچەلەيدىغان روھ كەمچىل. بۇ خىل ئىچكى نىزالار نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئىنتايىن ئېغىر زىيان سالماقتا. بىر تەرەپتىن، ئىچكى نىزالارنىڭ سېرتقا يامرىشى چەتئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازىمىزنى جىىدىي زېدىلىسە؛ يەنە بىر تەرەپتىن، زۇلۇم تۈپەيلىدىن پىسخىكىسى نازۇكلىشىپ كەتكەن ۋە ھەر قايسى تەشكىلاتلادىن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى كۈتكەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكتە، داۋادىن سوغۇتماقتا.

(3) سەلبىي تەسىرلەر. شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە كۆلەڭگە تاشلاپ تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر بار. مىڭلارچە ئۇيغۇر ئافغانىستان ۋە سۈرىيەدە «تېررورچى» قالپىقىنى كىيىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئاللىقانداق بىر يەرلەردە «تېررورلۇق» ھۇجۇمى سادىر قىلىپ قۇيۇش ئېھتىماللىقى ھەر قاچان مەۋجۇت. تۈركىيەدىكى نامايىشلاردا قارا ھىجاپلىق ئۇيغۇر ئاياللار ۋە دىنىي شۇئارلار داۋاملىق مۇھىم سالماقنى ئىگىلىمەكتە. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تەشكىللىگەن پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بار. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «تېررورلۇق»قا ئائىت مەزمۇنلارنى تارقىتىۋاتىدۇ. خىتاي تارقاتقان بىر قىسىم پايدىسىز مەزمۇنلارنى ئاڭسىزلىق بىلەن تارقىتىۋاتقان كىشىلەرمۇ يوق ئەمەس.  شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلرى ۋە بىر قىسىم داۋاچىلار ئارىسىدىكى زىددىيەت تۇرۇپ-تۇرۇپ سۇ يۈزىگە چىقىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ خىل ئىچكى نىزالار بەزىدە چىگرا ئاتلاپ سېرتقا يېيىلىپمۇ ئۆلگۈرمەكتە. چەتئەللىك قوللىغۇچىلارنى ئۆزىگە قارىتىش ياكى تۆھپە تالىشىش ئۈچۈن پات-پات ئىشلار بوزۇلۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ماسلاشماسلىق تۈپەيلىدىن، بىر ئورۇنغا بىر قانچە تەشكىلات ئايرىم-ئايرىم، ھەتتا قارمۇ-قارشى ئىلتىماس سۇنىدىغان، بىرى-بىرىنىڭ ئىشىنى تۇلۇقلاش ئورنىغا بوزىدىغان ئەھۋللارمۇ مەۋجۇت. مانا بۇلار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە كۆلەڭگە تاشلاپ تۇرۇۋاتقان سەلبىي ئامىللاردۇر.

(4) ئەمگەك تەكرارلىقى. ئەمگەك تەكرارلىقى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا ئىزچىل ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلىدۇر. بۇ مەسىلە ئاساسلىقى ئىككى شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بىرى، بۇرۇنقىلار باشلىغان ئىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئورنىغا، قايتىدىن باشتىن باشلاش. يەنە بىرى بولسا، ئوخشىمىغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئوخشاش ئىشنى ئۆز ئالدىغا قىلىشىدۇر. نۆۋەتتە، بۇ مەسىلە تېخىمۇ ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. ئوخشاش تۈردىكى تەشكىلاتلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشقا زىيادە مەركەزلىشىپ قېلىشى، سىياسەتچىلەر، پائالىيەتچىلەر ۋە ئاكادېمىكلەر ئارىسىدا روشەن بىر پەرقنىڭ بولماسلىقى، ھەممەيلەننىڭ «داۋانى ئاڭلىتىش»تىن ئىبارەت تەشۋىقات ساھەسىگە كىرىۋېلىشى، پۈتۈن سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ «كىشىلىك ھۇقۇق تەلەپ قىلىش» دائىرىسىدە بولۇپ، ئۆزىگە خاس نىشان ۋە يولغا ئىگە پەرقلىق تاللانما ئېقىملارنىڭ شەكىللىنەلمەسلىكى… قاتارلىقلار بۇنىڭ روشەن ئىپادىلىرى بولسا كېرەك.

(5) ئىختىساس ئىگىلىرى كەمچىللىكى. نۆۋەتتە، شەرقىي تۈركىستان داۋا سېپىدە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىختىساس ئىگىلىرىگە بولغان ئېھتىياج جىددىي ئاشماقتا. بولۇپمۇ، ئاخبارت، چەتئەل تىلى، ئالاقە، كومپىيۇتېر، سىياسەت، خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە قانۇن… ساھەلىرىدە ئوقۇغان كەسپىي خادىملارغا ئېھتىياج زور. ھالبۇكى، بۇ ساھەلەردە ئىختىساس ئىگىلىرى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇۋاتىدۇ. ئەسلىدىنلا بۇ ساھەلەردە ئوقۇغانلارنىڭ ئاز بولۇشى ۋە ئوقۇغانلارنىڭمۇ داۋا سېپىدىن يىراق تۇرۇۋېلىشى سەۋەبىدىن بۇ ساھەلەردىكى خىزمەتلەردە جىددى بوشلۇقلار ساقلانماقتا. ھەر قايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئازغىنا ئىختىساس ئىگىلىرى ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايۋاتىدۇ.

(6) مەبلەغ يىتىشمەسلىك. مەبلەغ مەسىلىسى نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۇلۇقۇۋاتقان جىددى مەسىلىلەردىن بىرى. ئىقتىسادىي كەمچىللىك تۈپەيلىدىن نۇرغۇن مۇھىم خىزمەتلەر تاشلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. يەنە شۇ يىتەرلىك ئىقتىساد بولمىغانلىقى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مۇقىم مائاشلىق پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەتچىلەرنى ئىشلىتىشتە قىيىنىلىپ كەلمەكتە. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئاساسەن پىدائىي بولۇپ خىزمەت قىلماقتا. بۇ خىل ۋەزىيەت ئىشلارنىڭ ئاستا ۋە ئۈنۈمسىز بولۇشى، پىلانلىق تەرەققىياتنىڭ بولماسلىقى ۋە مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلغىلى بولماسلىق… دېگەندەك بىر قاتار ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئىقتىسادنىڭ كەمچىل بولۇشى يەنە تەشكىلاتلار ئارىسىدا مەبلەغ مەنبەلىرىنى تالىشىش، تۆھپە تالىشىش… قاتارلىق ناچار رىقابەت خاھىشىغا يول ئاچماقتا.

(7) ئستراتېگىيىلىك پىلان بولماسلىق. قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق ۋەدىلىك ئىستراتېگىيىلىك پىلانلارنىڭ بولماسلىقى چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە ئۇزۇندىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ۋە ئۇمۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان بىر ئېغىر مەسىلىدۇر. بولۇپمۇ، قىسقا ۋە ئوتتۇرا ۋەدىلىك پىلان ۋە بۇ پىلان ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان نىشان ئېنىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش قىلىش ئىستىلى ئۇمۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولماقتا. بۇ ۋەجىدىن، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە تەمتىرەپ قىلىش ئوتتۇرىغا چىقماقتا. قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق ۋەدىلىك ئىستراتېگىيە پىلان بولمىغانلىقتىن قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق ۋەدىلىك مەقسەت-نىشانلارمۇ ئېنىق بولمايۋاتىدۇ. نەتىجىدە، سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ نەتىجىسىنى باھالاشمۇ تەس بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تېخىچە پىلان ۋە تۈر تۇرغۇزۇپ ئىش قىلىشنى ئۆگىنىپ بولالمىدى. ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە تۈرلۈك يەرلىك تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ئالاقىلەردە يەنىلا «دەرت تۆكۈش» ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەۋاتىدۇ. بۇ ھال شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا داۋاملىق بىر ئىزدا چۆگىلەيدىغان قاتمال ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خەلقئارا سەۋىيەدە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۇسالغۇ بولماقتا.

قىسقىسى، بۇ مەزگىلدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە نۇرغۇنلىغان ئىجابىي تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، يۇقۇرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەندەك، يەنىلا ئاز بولمىغان مەسىلىلەرمۇ ساقلانماقتا. بۇ بۆلۈمدە پەقەت ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسمىنى بايان قىلىپ ئۆتتۈق. بۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر نۆۋەتتە بىزنىڭ ھەل قىلىشىمىزنى كۈتمەكتە.

  1. قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

مەسىلە بولغان ئىكەن ئۇنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئالدىنقى بۆلۈمدە بىر قىسىم نىگىزلىك مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۇق. نۆۋەتتە قىلىش تېگىشلىك ئىشلار تەبىئىيكى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتۇر. ماقالىمىزنىڭ بۇ بۆلۈمىدە ئالدىنقى بۆلۈمدە ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان مەسىلىلەرنى چۆرىدىكەن ھالدا نۆۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك بىر قىسىم ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

(1) ۋەزىيەتنى ئېنىق تۇنۇپ يىتىش ۋە تۇلۇق ئويغۇنۇش. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان ئىشلارنىڭ ماھىيىتىنى ۋە خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ مەقسىتىنى توغرا تۇنۇپ يىتىش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مۇتەخەسىسلىرى ئاللىقاچان ۋەتەندە بولىۋاتقان زۇلۇمنى «ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكى» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بولدى. بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەر ھەتتا دۆلەت مەسئۇللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە يۈرگۈزىۋاتقان رەزىل سىياسەتلىرىنى «مەدەنىيەت ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دەپ سۈپەتلىمەكتە.  خەلقئارا تاراتقۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرىنىىڭ ئەينى چاغدىكى ناتسىست «يېغىۋېلىش لاگىرلىرى»غا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مۇشۇنداق بىر شارائىتتا زۇلۇمنىڭ ھەقىقىي شاھىتلىرى بولغان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسسىپ تۇرۇۋېلىشى ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ. شۇنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەككى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى تەلتۈكۈس يۇقاتماقچى. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار ھازىر خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مىللىي مەنپەئىتى ئۈچۈن «تەھدىت». شۇڭا بۇ تەھدىت تامامەن يۇقۇتۇلۇشى كېرەك. خىتاينىڭ نۆۋەتتە ۋەتەندە ئېلىپ بېرىۋاتقىنى تامامەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق. بىزگە كېلىۋاتقان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، ۋەتەندە بولىۋاتقان زۇلۇملار ئاللىقاچان ئادەتتىكى «كىشىلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكى» ياكى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرنى قامال قىلىشى ۋە جىنايەتنى يۇشۇرۇن سادىر قىلىشى تۈپەيلىدىن خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى يىتەرلىك دەلىللىيەلمەيۋاتىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بۇ ھەقتە ئاكتىپ ئىسپات بېرىش، تاشقى دۇنيانى ماتېرىيال بىلەن تەمىلەش چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان تارىخى بۇرچىدۇر. ھالبۇكى، بۇلارنىڭ تولىسى تېخىچە ۋەزىيەتنى توغرا تۇنۇپ، يىتەرلىك دەرىجىدە ئويغانغىنى يوق. ئويغانغانلاردىمۇ ئۈمىدسىزلىك ۋە تېڭىرقاش مەۋجۇت. شۇڭا نۆۋەتتىكى مۇھىم خىزمەتلەردىن بىرى، ۋەزىيەتكە قارىتا ئېنىق تۇنۇش ھاسىل قىلىش، يىتەرلىك دەرىجىدە ئويغىنىش ۋە ئويغىتىشتۇر. بۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ يەنە ئاللىقاچان ئويغانغان، ئەمما نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قېلىۋاتقان كىشىلەرنى يىتەكلەش خىزمىتىنىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش كېرەك.

(2) ئىتتىپاقلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش. تەشكىلات ۋە گۇرۇپلار ئارا ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۆچەيتىش زۆرۈر. ۋەتەن-مىللەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ئالدىدا شەخسىي ۋە تەشكىلى مەنپەئەتلەردىن ۋاز كېچىش روھى تۇرغۇزۇش كېرەك. تەشكىلاتلار ئارىسىدا مۇقىم ئالاقە بولۇشى، خىزمەتلەرنى ماس قەدەمدە ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرلىك سەپ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا پۈتۈن ئۆكتىچى تەشكىلات ۋە گۇرۇپلارنى بىر ئارىغا يىغالايدىغان ئالىي كېڭەش ئورگىنى تەسىس قىلىش  ۋە ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى قۇرۇش… دېگەندەك ئىشلارنى سېناپ بېقىشقا بولىدۇ.

(3) ئوبرازغا دىققەت قىلىش. نۆۋەتتە چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەردىن بىرى ئوبراز ياخشىلاش خىزمىتىدۇر. خۇددى «سىياسىي پائالىيەتلەردە ئوبراز قۇرۇلۇشى» دېگەن ماقالەمدە تەكىتلىگىنىمدەك، چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمىزدە بىر قىسىم ئوبراز مەسىلىسى ساقلانماقتا. بىر قىسم ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىغا چېتىلىپ قېلىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارىلاش تەشۋىقاتلىرى توختىماي شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە سايە تاشلاپ تۇرىۋاتىدۇ. بىراق، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ جىنايەتلىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن پاش بولۇشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارادا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھېسداشلىق شەكىللىنىشكەباشلىدى. بۇ تارىخى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كونا سەلبىي تەسىرلەرنى يۇقۇتۇپ، يېڭىدىن گۈزەل ئوبراز يارىتىش نۆۋەتتەجىددىي قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ.  بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىشلاردىن بىرى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى «تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتلىرىدىن» ئۇزاق تۇرۇشى ۋە ئۇلار بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنى ئۇچۇق-ئاشكارە  ئۈزۈشىدۇر. يەنە بىر جەھەتتىن، بۇ چاغقىچە «خەلقئارالىق تېرورلۇق» پائالىيەتلىرىگە چېتىلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئامالسىزلىقتىن بۇ يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇيقەستى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇنىڭغا خىتاي تەرەپنىڭ مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەش كېرەك. بۇ جەھەتتە، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تېنىچلىقپەرۋەر خەلق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، باتۇر ۋە كۆرەشچان مىللەت ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلەش لازىم. «تېررورلۇقتىن ئۆركۈپ» شەرقىي تۈركىستان داۋاسى يولىدىكى پۈتۈن ھەققانىي قۇراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىنكار قىلماسلىق لازىم. ئەكسىچە، خەلقئارا قانۇنلاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قۇراللىق قارشىلىق قىلىش ھۇقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش كېرەك.  دېمەك، كونا سەلبىي تەسىرلەرنى تۈگىتىش بىلەن بىرگە، بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلەردە ئوبرازغا دىققەت قىلىش سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم خىزمەتتۇر.

(4) ئىش تەقسىماتى قىلىش. مۇھاجىرەتتىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە ساقلىنىۋاتقان ئەمگەك تەكرارلىقى مەسىلىسىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئىش تەقسىماتىنىڭ بولماسلىقىدۇر. تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر ئارىسىدا مۇۋاپىق ئىش تەقسىماتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئوخشاش ئىشنى ئوخشىمىغان تەشكىلات ۋە شەخسلەر قىلىدىغان، نەتىجىدە، ۋاقىت، زېھىن ۋە مەبلەغ ئىسراپ بولىدىغان ئەھۋاللار كېلىىپ چىقىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر ئارىسىدا مۇئەييەن ئىش تەقسىماتى بولۇشى زۆرۈر. يا ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە قىلىشنى ياكى بولمىسا باشقا بوش ساھەلەر بۇيىچە ئىش قىلىشنى ئۆگېنىش كېرەك. بىر تەشكىلات ھەممە ئىشنى قىلىش ياكى ھەممە تەشكىلات ئوخشاش ئىشنى قىلىش ئورنىغا، ساھەلەر بۇيىچە كەسپىيلىشىش ۋە ئۆز ساھەسىدە مۇتەخەسىسلشىش يولىغا قاراپ مېڭىشى لازىم.

(5) كەسپىي خادىملارنى يىتىشتۈرۈش. يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، چەتئەللەردىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، نامايىش… قاتارلىق ئاممىۋى قارشلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى بارغانسېرى ئاشماقتا. بىراق، كەسپىي خادىملارنىڭ يىتەرسىزلىكى ھەر ساھەدىكى خىزمەتلەرنىڭ ساناقلىق كىشىلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. نەتىجىدە، ساھەلەر بۇيىچە كەسپىي خادىملارنى يىتىشتۈرۈش نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش بولۇپ قالدى. كەسپىي خادىم يىتىشتۈرۈشنىڭ ئەڭ ئەپچىل ئۇسۇلى قىسقا مۇددەتلىك كۇرسلارنى ئېچىش ياكى قىسقا مۇددەتلىك تەربىيلەش كۇرسلىرىغا ئادەم ئەۋەتىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك شەخسلەر بۇ خىزمەتنى جىددىي ئىشلىشى لازىم. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئىشخانىلاردا، كومپىيۇتېر ئۈستەللىرىنىڭ ئالدىدا مۇقىم ئىشلەيدىغان كەسپىي خادىملارغا جىددىي مۇھتاج بولماقتا.

(6) مەبلەغ ھەل قىلىش. چەتئەللەردىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى بولمىغان ئەھۋالدا، مەبلەغ ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئىئانە توپلاشتۇر. مەيلى ئۆز ئىچىمىزدىن بولسۇن، مەيلى تاشقى دۇنيادىن بولسۇن، يىتەرلىك ئىئانە يىغالىغاندا نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلاردىن ئاز-تۇلا قۇتۇلغىلى بولۇشى مۇمكىن. ئەسلىدە، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئىگىلىكى بولماي تۇرۇپ بۇ قىيىنچىلىقلاردىن تامامەن قۇتۇلۇش قىيىن. لېكىن نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مىللىي ئىگىلىك بەرپا قىلىشتىن سۆز ئېچىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن تەۋسىيە ھېسابلانمايدۇ. شۇڭا يەنىلا ئەڭ قۇلاي ئۇسۇل ئۈنۈملۈك شەكىلدە ئىئانە توپلاشتۇر. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۆز ئىچىمىزگە قارىتىلغان ئىئانە يىغىشتىن جېق نەتىجە چىقمايدۇ. شۇڭا ئىئانە توپلاش خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشىنى تاشقى دۇنياغا قارىتىش كېرەك. نۆۋەتتە نۇرغۇن دۆلەت، خەلقئارا تەشكىلات ۋە خۇسۇسىي ئاپپاراتلارنىڭ قاراتمىلىق فوند ۋە ياردەم تۈرلىرى بار. يىللىق چىقىمى نەچچە ئون مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان، ئەمما پەقەت ئىئانە بىلەنلا يۈرۈشىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مەۋجۇت. دېمەك، يەتتە مىليارد نۇپۇسلۇق يەر شارىدا قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمىزنى قامدىيالىغۇدەك ئىئانە يىغىش يۇشۇرۇن كۈچى تامامەن بار. بىراق، بىزدە ئىئانە قىلغۇچىلارنى قايىل قىلالىغۇدەك ئاساس بولۇشى كېرەك. نۆۋەتتە بىز ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىزنى خەلقئارالىق ھېسداشلىققا ئېرىشتۈرىدىغان ئەڭ ياخشى ئامىل.  ئەمدى بىزگە قالغىنى بۇ خىرىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، دۇنيانىڭ كۆز ئالدىغا ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىرىدىغان پىلان ۋە تۈرلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىش. ئىچ ئاغرىتىش تىپىدىكى ئىئانىلەر بىلەن مەسلە ھەل بولمايدۇ. مۇھىمى، مەبلەغ سېلىش تېپىدىكى ئىئانىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

(7) پىلانلىق ئىش قىلىش. پىلان بولغاندىلا قايمۇقۇش بولمايدۇ. چۈنكى پىلان تۈزۈش ئۈچۈن ۋەزىيەتنى ئالدىن مۆلچەرلەشكە توغرا كېلىدۇ. پىلان بولغاندىلا بىر ئىزدا چۆگىلەشتىن قوتۇلغىلى، ئەمگەك تەكرارلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. چۈنكى، پىلان تۈزۈش ئۈچۈن ئۆتمۈشنى ئەسلەشكە ۋە ئۆزىنى دەڭسەشكە توغرا كېلىدۇ. يەنە شۇ پىلان بولغاندىلا مەقسەت ۋە نىشان ئېنىق بولىدۇ. نەتىجىدە، بۇ مەقسەت ۋە نىشانلارنىڭ ئەمەلگە ئاشقان-ئاشمىغانلىقىغا قاراپ، قوللانغان سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغان-بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى، رەھبەرلەرنىڭ تۆھپىسىنى تارتۇقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ چۇقۇم قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن ۋەدىلىك ئىستراتېگىيىلىك پىلان ۋە لايىھەلىرى بولۇشى شەرت. ھەر قايسى تەشكىلات ۋە گۇرۇپلار ئۆز ساھەسىگە ۋە دائىرىسىگە قارىتا قىسقا ۋە ئوتتۇرا ۋەدىلىك پىلانلارنى تۈزۈشى، مەقسەت-نىشانلارنى ئېنىق بەلگىلىشى، بۇ مەقسەت-نىشانلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىپ ئاشمىغانلىقىنى تەشكىلات رەھبەرلىكىنى باھالاش ۋە قايتا سايلاشنىڭ ئۆلچىمى قىلىش كېرەك.

يۇقۇرىدا نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، بىر قىسىم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدۇق. بۇ ئىشلار بىزنىڭ جىددىي بىر تەرەپ قىلىشىمىزنى كۈتمەكتە. ئەمەلىيەتتە، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ ئۇلارنى بىر-بىرلەپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇزۇندىن بۇيان ھەل قىلىنماي كەلگەن كونا مەسىلىلەرنىڭ دۆۋىلىنىشى ۋە ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشى بىلەن يېڭى مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى تارىخ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرماقتا.

  1. ئۇمۇمىي باھا ۋە خۇلاسە

بۇ بىر قانچە يىل مابەينىدە ئېلىپ بېرىلغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە باققىنىمىزدا، ئۇمۇمەن، زۇلۇمنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ قارشىلىق كۈچىنىڭمۇ ئاشقانلىقىنى كۆرىمىز. باشتا ئىككىلەنگەن ۋە ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ بېقىش تەرەپدارى بولغان كىشىلەر ئاستا-ئاستا ئىشنىڭ ماھىيىتىنى تۇنۇپ يىتىپ قارشىلىق سېپىگە قۇشۇلغان. ۋەزىيەتنىڭ تېراگىدىيىلىك ئۆزگىرىشى ۋە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ داۋا سېپىگە قۇشۇلۇشى چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا ھەم پۇرسەت، ھەم خىرىس ئېلىپ كەلگەن. جىددىي ۋەزىيەتكە قانداق تاقابىل تۇرۇشقا نىسبەتەن تەشكىلاتلار ئارىسىدا نىزالار ئوتتۇرىغا چىققان. نەتىجىدە، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئىچىدە پارچىلىنىش، قايتا تەشكىللىنىش ۋە يېڭىدىن تەشكىللىنىشلەر بارلىققا كەلگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قايتۇرغان ئىنكاسى پەرقلىق بولۇپ، مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەر باشتا ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ باقماقچى بولۇپ، قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ئۇزاق تۇرۇشقا ئۇرۇنغان. بۇ كىشىلەرنىڭ ئاز بىر قىسىمى بارا-بارا قارشىلىق كۆرسىتىش يولىغا كىرگەن. بىراق، بۇلارنىڭ بىر قىسمى مەۋجۇت تەشكىلاتلار بىلەن پىكىرى ئوخشىمىغانلىقى ياكى ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن ئايرىم تەشكىلات قۇرغان ياكى مۇستەقىل پائالىيەت قىلىش ئۇسۇلىنى تاللىغان. يەنىلا چەتئەللەردىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر سۈكۈت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئېنىق تۇنۇپ يىتەلمەيۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇھاجىرەتتىكى خېلى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تېخىچە خىتاي ۋەھىمىسىدىن قۇتۇلۇپ بولالىغىنى يوق. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر قارشىلىق كۆرسىتىشتىن قورقىدۇ ياكى نەتىجىسىدىن ئۈمىدسىز.

خىتاي ئىشغالچى كۈچلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا باستۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزگەن بولسىمۇ، چەتئەللەردىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ جانلىنىشىغا سەۋەب بولغان ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تارىخىي پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلىگەن. نەتىجىدە، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا يېڭى قانلار قېتىلغان. قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەر قايسى جەھەتتىن تارىختىكى يۇقۇرى پەللىگە چىققان.

بۇ بىر مەزگىلدە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ شەكلى كۆپ، كۆلىمى زور بولغان بولۇپ، قىسقىغىنا بىر قانچە يىل ئىچىدە ئون نەچچە تۈر بۇيىچە كەڭ كۆلەمدە قارشىلىق پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلغان. قارشىلىق پائالىيەتلىرىگە قۇشۇلغان ئادەم سانى تارىختىكى ھەر قانداق چاغدىكىدىن كۆپ بولغان. قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ شەكلى ۋە كۆلىمىگە نىسبەتەن سۈپىتىنى تۆۋەن دېيىشكە بولىدۇ. تەشكىللەش، پىلانلاش ۋە لايىھەلەش جەھەتلەردە بىر قىسىم ئېغىر مەسىلىلەر ساقلانغان. ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى ياخشى ئىشلەنمىگەن. سۈپەت كونترولى چىڭ تۇتۇلمىغان.

قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈنۈمى ۋە تەسىرى سۈپىتىدە بىر قىسىم نەتىجىلەرنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. بۇ قىسقىغىنا بىر قانچە يىل ئىچىدە، ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە خەۋەر قىلىنغان. بۇھال ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۇنۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىر قىسىم دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارغا ئائىت قارار ئالغان ۋە قانۇن چىقىرىش يولىغا كىرگەن. گۇۋاھلىق بىرىش دېگەندەك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە بىر قىسىم كىشىلەر لاگىرلاردىن قۇيۇپ بېرىلگەن ياكى  ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلگەن. خەلقئارا جامائەت پىكىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار خەلقئارادا قوللاشقا ئېرىشىشكە باشلىغان. بۇنىڭدىن چۆچىگەن خىتاي دائىرىلىرى لاگىرلارنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە تۈرلۈك ئۇيۇن ئويناشقا مەجبۇر بولغان.

بۇ مەزگىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە كۆپلىگەن مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان. جۈملىدىن ۋەزىيەتنى توغرا تۇنۇش يىتەرسىز بولغان. ئىچكى نىزالار ئېغىرلاشقان. ئەمگەك تەكرارلىقى كېلىپ چىققان. يەنە ئىختىساس ئىگىلىرى كەمچىل بولۇش، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئېغىر بولۇش ئەھۋالى داۋام قىلغان. قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن ۋەدىلىك ئىستراتېگىيەلىك پىلانلار بولمىغان.

يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كەلگۈسىدە قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ۋەزىپىلەر بىزنى كۆتۈپ تۇرماقتا. تۇنۇشنى ئۆستۈرۈشكە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى توغرا تۇنۇش ۋە تۇنۇشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ھەم بۇ جەھەتتە مۇكەممەل مىخانىزم بەرپا قىلىش كېرەك. ئىش تەقسىماتى قىلىش ۋە كەسپىيلىشىش ئارقىلىق ئەمگەك تەكرارلىقىدىن ساقلىنىش زۆرۈر. ئىجابىي ئوبراز يارىتىپ، سەلبىي تەسىرلەرنى تۈگىتىش مۇھىم. ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش دەۋرنىڭ تەقەززاسى. كىتەرلىك مەبلەغ ھەل قىلماي بولمايدۇ. قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن ۋەدىلىك ئىستراتېگىيىلىك پىلانلارنى تۈزۈش ۋە شۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىش شەرت. دېمەك، ئالدىمىزدا يول يىراق، مەنزىل ئۇزۇن.

يېقىن كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا، ئالدىمىزدا تېخىمۇ چوڭ خىرىس ۋە پۇرسەتلەرگە يۇلۇقۇشىمىز مۇمكىن. بىرىنچىدىن، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، ئىقتىسادىي چېكىنىش تېزلىشىۋاتىدۇ، ئىجتىمائىي ۋەقەلەر كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە. كومپارتىيەنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ھۇقۇق كۆرىشى بولۇۋاتىدۇ. چېرىكلىك مەسىلىسى ئېغىر. ھەر ۋاقىت ئىچكى قالايمىقانچىلىق  چىقىش ۋە سىياسىي ئۆزگىرىش بولۇش ئېھتىمالى بار. خىتاي مىللەتچىلىكى شىددەت بىلەن ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر، تىبەت… قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ چەتكە قېقىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. خىتاي رەھبەرلىك قاتلىدىمىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىدە يېقىن كەلگۈسىدە يۇمشاش بولىدىغاندەك ئەمەس. تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىش ئېھتىماللىقى چوڭ.

ئىككىنچىدىن، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش زور. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيا تەرتىپى بوزۇلۇۋاتىدۇ. دۇنيا يېڭى خەلقئارا سىستېما ئىزدەشكە باشلىدى. بۇ يېڭى سىستېمىدا خىتاي باشلامچى رول ئويناشنى ئارزۇ قىلماقتا. بۇ ھال مەۋجۇت سىستېمىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنى راھەتسىز قىلماقتا. ئامېرىكا خىتايغا سودا ئۇرۇشى ئېچىۋاتىدۇ. ماھىيەتتە، بۇ نۇقۇل تىجارەت ئۇرۇشى ئەمەس، بەلكى دۇنياۋىي ھۆكۈمرانلىق تالىشىش ئۇرۇنۇشى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ يېرىكلىشىشى، ئامېرىكا ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ۋە خىتاينى تىزگىنلەش ئۈچۈن تېخىمۇ كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىشى مۇمكىن. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە ھەم خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ ھەم پۇرسەتلەرنى يارىتىدۇ. بۇ خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتالامدۇق-يوق؟ بۇنىڭغا يەنىلا ۋاقىت جاۋاب بېرىدۇ.

پايدىلىنىش مەنبەلىرى:

【1】新华网, “新疆政法部门发布《关于依法严打暴恐活动的通告”,2014年05月25日,http://politics.people.com.cn/n/2014/0525/c1001-25061876.html (2019.03.06)。

[2] Frances Eve, “China is committing ethnic cleansing in Xinjiang – it’s time orlde orld to stand up”,  The Guardian, 3 November 2018, https://www.theguardian.com/world/2018/nov/03/china-is-committing-ethnic-cleansing-in-xinjiang-its-time-for-the-world-to-stand-up(2019.03.06(.

[3] مېھرىبان، «ئابدۇرېھىم غېنى: جازا لاگېرلىرىغا قارشى يالغۇز كىشىلىك نامايىشىمنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىمەن»، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، 2018-يىلى، 18-دىكابىر، https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yalghuz-namayish- 12182018175718.html (2019.03.05).

[4] نىدا رادىئوسى، «ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان 2 ئايلىق نامايىش توغرىسىدا مەخسۇس سۆھبەت» (رادىئو سۆھبىتى)، 2018-يىلى، 09-ئىيۇل، http://www.untr.org/amerikida_otkuzuliwatqan_2_ayliq_namayish_toghrisida_mexsus_sohbet/ (2019.03.05).

[5] Pratik Jakhar & Sherie Ryder, “Uighurs ask China: ‘Show me my mother and father are alive’”, BBC, 12 February 2019, https://www.bbc.com/news/blogs-trending-47210039 (2019.03.07).

[6] Harry Cockburn, “Muslim woman describes torture and beatings in China detention camp: ‘I begged them to kill me’”, Independent, UK,  28 November 2018, https://www.independent.co.uk/news/world/asia/uighur-muslim-china-mihrigul-tursun-torture-reeducation-camps-a8656396.html (2019.03.05).

[7] ئىقبال، «ئەلى ئەكبەر داموللامنىڭ سەپىرى داۋام قىلماقتا»،   ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2019-يىلى، 11-يانۋار، ۋاشىنگتون، http://iuyghur.com/?p=9750 (2019.03.05).

[8] تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان، «ئۇتۇق قازانغان بىر تەشەببۇس: 100 مىڭ كىشلىك ئاق ساراي ئىمزاسى»، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2018-يىل، 11-ئۆكتەبىر، ۋاشنگىتون، http://iuyghur.com/?p=7581 (2019.03.05).

[9] مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇراجىئەتلىرى ئۈچۈن قاراڭ:

(2019.03.05).ttps://www.change.org/o/group_of_uyghurs_living_abroad

[10] قۇتلان ۋە ئەكرەم، «ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زور نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى»، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، 2018-يىل، 27-ئاپرىل، ۋاشىنگتون، https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yawropada-chong- namayish-04272018195130.html (2019.03.05).

[11] ئەكرەم ۋە سادا، «جەنۋەدىكى ب د ت باش شتابى ئالدىدا خىتايغا قارشى زور نامايىش ئۆتكۈزۈلدى»، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، 2018-يىل، 06-نويابىر، ۋاشىنگتون، https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/jenwe-namayish-11062018110919.html (2019.03.05).

[12] ئىرادە، «ئۇيغۇرلار ‏15-مارت كۈنى «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» دە نامايىش قىلدى»، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، 2018-يىل، 15. مارت، ۋاشىنگتون، https://www.rfa.org/uyghur/qis

_xewer/bir-awaz-bir-qedem-03152018153800.html (2019.03.05).

[13] گۇۋاھلىق ۋىدېئولىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېيد (Uyghur Aid) يۇتىيۇب قانىلىغا قاراڭ: https://www.youtube.com/channel/UCBQSFr5HNo9cZQLLoL8v9tA/videos (2019.03.05).

[14] US.Congressional-Executive Commission on China (CECC), “Rubio Chairs China Commission Hearing on Xinjiang’s Human Rights Crisis”, July 26 2018, Washington, D.C., https://www.rubio.senate.gov/public/index.cfm/press-releases?id=58FEF0FD-A670-4587-A912-408A006A16D4 (2019.03.05) .

[15] زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئارخىپى ئۈچۈن قاراڭ: https://www.shahit.biz/uig/# (2019.03.05).

[16] تۇتۇلغان ئۇيغۇر زىيالىلار تىزىملىكى ئۈچۈن قاراڭ: https://m.facebook.com/ abduwali.ayup.3/posts/2416004261768785 (2019.03.05).

[17] ئەركىن تارىم، «ئەرشىدىن ۋە زۇلپىقار: 451 كىلومېتىر يولنى پىيادە مېڭىپ، تۈرك خەلقىگە تەسىر كۆرسەتتۇق»، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، 2018-يىل، 13-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون، https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-dewasi-12122018171020.html (2019.03.05).

 

2019-يىل، 08-مارت، ئەنقەرە

 

مەنبە:

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى:

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكەتلىرى

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ