• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ب د ت نىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىدۇ

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى 

ئاخبارات باياناتى

2022- يىلى 1- سىنتەبىر

contact@uyghurstudy.org

2022- يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنى ب د ت كىشىلىك ھۇقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئىشخانىسى ئۇزۇندىن بۇيان ئارقىغا تارتىپ كەلگەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايىي قىلمىشلىرى ھەققىدىكى  باھالاش دوكلاتىنى ئاخىرى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا «ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى قاراقۇيۇق تۇتقۇن قىلىشلار خەلقئارالىق جىنايەتلەرنى، خۇسۇسەن ئىنسانىيلىققا قارشى تۇرۇش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە چىقىرىلدى. گەرچە دوكلاتتا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئېتىراپ قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان ۋەھشىيلىكلەر باھالاپ چىقىلغان.

دوكلاتتا ئۇمۇمەن خىتايدا، خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستاندا دۆلەتنىڭ خەلقنىڭ دىنىي ھاياتىغا دەخلىتەرۇز قىلغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى قانۇنتۈزۈملەردە دىننى قاتتىق باشقۇرۇش بەلگىلەنگەن. دوكلاتتا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاساسىي دىنىي ئەركىنلىكلەرنى چەكلىگەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. ئالايلۇق، خىتاي دائىرىلىرى ھىجابلىنىش، ساقال قۇيۇش، ھالال مەھسۇلات ئىشلىتىش، توردا تەبلىغ قىلىش، ھەتتا بالىلارغا مۇسۇلمانچە ئىسىم قۇيۇشنىمۇ جىنايەت دەپ ھېسابلىغان. 

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس مۇنداق دەيدۇ: «ب د ت ئالىي كومىسسارىنىڭ بۇ دوكلاتى خىتاي رېجىمىنىڭ ئىسلامىي ئەمەلئىبادەتلەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، بارلىق ئىسلامىي ئىشھەرىكەتلەرنى رادىكاللىقنىڭ ئالامىتى دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى ئۆگەنگەنلىكى ۋە ئەمەل قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. بىز يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىنى قىلىشىغا يول قويمىغانلىقىنى دەپ كەلگەنىدۇق. بۇ دوكلات دېگەنلىرىمىزنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەمدى ئىسلام دۇنياسى ۋە مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش ئېچىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. مۇسۇلمانلار ئورنىدىن دەست تۇرۇپ، خىتايغا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىسلامىي ئېتىقاد ۋە ئەمەلئىبادەتلەرنى جىنايەت ھېسابلىشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇشى كېرەك. مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمالىرىنى قوللىماسلىققا باھانىسى قالمىدى».

دۇنيانىڭ ئەڭ نۇپۇزلۇق كىشىلىك ھۇقۇق ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلاتقا ئاساسەن، بىز ئىسلام دۇنياسىنى، خۇسۇسەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىنى ئەيىپلەشكە، شۇنداقلا ناۋادا خىتاي ئىسلامىي ئېتىقاد ۋە ئەمەلئىبادەتلەرنى جىنايەت دەپ ھېسابلىسا، ئۇيغۇر ۋە باشقا شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئېغىر كىشىلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزسە؛ ئۇنداقتا، ئۇنىڭ بىلەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك سودا قىلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قۇيۇشقا چاقىرىمىز. ب د ت دىن قالسا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ خەلقئارا تەشكىلات ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ كوللېكتىپ ئاۋازى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقھۇقۇقلىرى ۋە دىنىي ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ