• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

30 مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ دىپلۇماتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغانلىقى توغرىسىدا

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى 

ئاخبارات باياناتى

2022- يىلى، 12- ئاۋغۇست

contact@uyghurstudy.org

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكى 30 مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ دىپلۇماتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلماقچى بولدى. خىتاي رېجىمى يەنە تۈركىيەنىمۇ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇسى CGTN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەكىللەر «بۇ رايون  بىلەن بولغان ئۆزئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشقان». خەۋەردە يەنە ئالجېرىيەنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسىنىڭ «بۇ يەرنىڭ مىۋىسى بەك تاتلىقكەن، خەلقنىڭ تۇرمۇشىمۇ بەك ياخشىكەن» دېگەن سۆزلىرى نەقىل قىلىنغان بولۇپ، بۇ باش ئەلچىىنىڭ «ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھەقھۇقۇقلىرىنىڭ ياخشى قوغدىلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقىي ئەھۋال»غا شاھىت بولغانلىقى بايان قىلىنغان. 

بۇنىڭدىن سرت، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى پارتكوم سېكرىتارى ما شىڭروي: «ۋەكىللەرنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەت ئارقىلىق شىنجاڭنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى» ئېيتقان، ھەمدە ئۇلارنىڭ «كۆۋرۈكلۈك رولىنى داۋاملىق جارىي قىلدۇرۇپ، ئىناق، مۇقىم، گۈللەنگەن، شادخۇرام ۋە گۈزەل شىنجاڭنى خەلقئارا جەمئىيەتكە تەشۋىق قىلىشنى» ئۈمىد قىلغان. 

ما شىڭروينىڭ سۆزلىرىدىن ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي رېجىمى مۇشۇنداق ساختا مەنزىرىلەر ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىنى ئالداش ۋە مۇسۇلمانلارغا ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارشى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى يوللۇق كۆرسىتىش مەقسەتلىرىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. خىتاي رېجىمى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئىسلام دۇنياسىدىن ئايرىۋېتىشكە ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «مۇسۇلمانلار بىزنى تاشلىۋەتتى» دېگەن چۈشەنچىنى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. سەئۇدىي ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە ئەمىرلىكى، مالايسىيا ۋە بەھرەينگە ئوخشاش مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى شەرقىي تۈركىستان زىيارەتلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا سۇلاشنىڭ باھانىسى سۈپىتىدە قوللىنىلدى. 

شۇ سەۋەبتىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق تەشۋىقات ۋە يالغان مەنزىرىلىرىگە ئالدانماسلىق كېرەك. چۈنكى بۇ خىل تەشۋىقاتلاردا ھەقىقىي ئەھۋال يۇشۇرىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان غەرب ھۆكۈمەتلىرى ۋە كىشىلىك ھۇقۇق ئورگانلىرىنىڭ چەكلىمىسىز ھالدا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى رەت قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى تەكلىپ قىلىشى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. يەنە كېلىپ، بۈگۈنكىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىسى ۋە دوستلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمايۋاتقانلىقى بىر ھەقىقەت. 

ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي رەئىسي شى جىنپىڭ يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغاندا، «ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش ۋە سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تېرىشچانلىق كۆرسىتىش» توغرىسدا يوليۇرۇق بەردى. بۇ خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشتا داۋاملىق ئىسلامنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ.

ئۇيغۇر تەتقىقات مە ركىزىنىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بو ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنى ۋە باشقا دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەرنى ئالدىيالماي، ئەمدى ئىسلام دۇنياسىنى ئالداشقا بەك كۈچەۋاتىدۇ. خىتاي رېجىمى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ئورنىدىن دەست تۇرۇشىدىن  قورقىدۇ. بىز بارلىق مۇسۇلمانلارنى خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ئالدانماسلىققا، كىشىلىك ھۇقۇق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن ھەقلىق كۆرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويماسلىققا چاقىرىمىز. خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن خاتا يىتەكلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى تەشۋىقاتىنى تەكرارلاۋاتقان مۇسۇلمان دىپلوماتلارغا كەلسەك، بىز پەقەتلا ئۇلارنىڭ ۋىجدانىنىڭ ئويغۇنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاقلاشتىن بۇرۇن قىيامەت كۈنىنى ئۇنۇتماسلىققا چاقىرىمىز. بۇ دىپلوماتلار يىللاردىن بۇيان ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشەلمەيۋاتقان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسىغىمۇ قۇلاق سېلىشى كېرەك».

بۇ مۇسۇلمان دىپلۇماتلارنىڭ دەل ئەكسىچە، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەست تۇر» ھەرىكىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلرىنى قوللاش ئۈچۈن ئىيولنىڭ ئاخىرىدا دۇنيا مىقياسىدا نەچچە يۈزلىگەن مەسچىتلەرنى ۋە مىڭلىغان مۇسۇلمانلارنى سەپەرۋەر قىلدى. بىز تېخىمۇ كۆپ مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى ۋە ئىسلامنى يۇقۇتۇش سىياسىتىگە قارشى ئورنىدىن دەست تۇرۇشىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە خىتاي رېجىمىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنى ئۇزۇنغىچە ئالداش غەرىزىنى بىتچىت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ