• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

بىر ئۇيغۇر مۇسۇلماندىن ئىسلام ئۈممىتىگە رامىزانلىق چاقىرىق

— ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىسنىڭ 2023- يىلى 04- ئاينىڭ 12- كۈنى ھىندىنوزىيەنىڭ مەدان شەھىرىدە نۇساناتارا ئەل ۋاشلىيا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

ئالدى بىلەن، ھەممىڭلارنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتۈشىنى تىلەيمەن. ئاللاھ  بارلىق ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى  قوبۇل قىلسۇن ۋە  ساۋابىڭلارنى مول قىلسۇن!

سۆزلىرىمنى  سىلەرگە  رامىزاننىڭ باشقىچە بىر رەسىمىنى سىزىش بىلەن باشلىماقچىمەن. ئىسلامدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە مۇبارەك ئاي بولغان رامىزاننى تەبرىكلەشمۇ چەكلەنگەن بىر جايدا ياشاشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار. بىر رامىزاننى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار كى، ئۇ يەردە مۇستەبىت ھاكىمىيەت سىلەرنى رۇزا تۇتقۇزماسلىق ئۈچۈن تۇغقانلىرىڭلارنى ئۆيىڭلاردا نازارەتچى قىلىپ قۇيىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن كۈندۈزى تاماق يېيىشكە مەجبۇرلايدۇ. كادىرلار ھۆكۈمەتكە روزا تۇتقانلىقىڭىلارنى دوكلات قىلغانلىقى ئۈچۈنلا جازا لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلىدىغان مۇبارەك بىر ئاينى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار. رۇزا تۇتالمايلا قالماستىن، ھەتتا مۇسۇلمان كىملىكىڭلارمۇ يوقۇتۇلماقچى بولغان مۇقەددەس بىر ئاينى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار. دۇئالار ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلىنىدىغان بۇ ئايدا، دۇئا-تىلاۋەت قىلغانلىقىڭلار ۋە ئىسلامىي ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلىنىدىغان بىر جاينى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلا. مال سېتىۋالغاندا سېتىۋالغان نەرسىنىڭ ھالال ياكى ئەمەسلىكىنى سوراش جىنايەت ھېسابلىنىدىغان بىر مۇسۇلمان دىيارىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار.

بۈگۈن مەن بۇ يەرگە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ۋە مەن بايا تىلغا ئالغان بارلىق زۇلۇملارغا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە كەلدىم. ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بىلەن، مەن سىلەرگە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ۋە بۇ مۇبارەك كۈنلەردە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يەتمەكچى بولغان ئاخىرقى نىشانىنى چۈشەندۈرمەكچىمەن.

ھەممىڭلارغا ئايان بولغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان 1949- يىلىدىن باشلاپ خىتاي كوممۇنىست ئىشغالىيىتىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز… قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ۋەتىنى. ۋەتىنىمىزگە تاجاۋۇز قىلغاندىن بۇيان، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى سىستېمىلىق ھالدا بىزنى يوقىتىشقا ئۇرۇندى. چۈنكى، شەرقىي تۈركىستان ھەم جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن، ھەم مول مىنېرال زاپىسى ۋە مۇنبەت تۇپراق جەھەتتىن، ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم بىر ئورۇن. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى خىتاينىڭ ئەڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، بېيجىڭنىڭ ئاسىيادىن – ياۋروپاغىچە سوزۇلغان ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك نىشانىدىكى ھالقىلىق نۇقتا. شۇڭلاشقا، بۇ رايوننى خىتايلاشتۇرۇش ۋە رايوننىڭ مۇسۇلمان كىملىكىنى تامامەن يوقۇتۇش خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن مەۋجۇتلۇق كۆرىشى.

ماۋ دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئوخشىمىغان تاكتىكىلارنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇشقا ئورۇنۇپ كەلدى. قىسقىسى، رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىدە،  خىتايلار ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىن شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ كېلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ نىشانىغا ئاساسەن بالىلارنى تەربىيىلەشكە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئۆز تىلى ، دىنى ۋە مەدەنىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇش پىلانلاندى. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، دىنىي تەلىم-تەربىيە شۇغۇللىنىدىغان ئىسلام مەكتەپلىرى تاقىۋېتىلدى. مەن بىردەمدىن كېيىن قىسقىچە توختىلىدىغىنىمدەك، كۆپ يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىن ئىسلامىي ھاياتنىڭ ئىزلىرىنى ئۆچۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ئويلىشىڭلار  مۇمكىن.

بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى بەزى ئازابلىق ھەقىقەتلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

جازا لاگېرلىرى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان يىل 2014- يىلى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىنى ئوراپ تۇرغان يۈزلىگەن جازا لاگېرلىرى بار. بۇ لاگېرلار خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ تونۇشتۇرۇلغان. ھالبۇكى، بۇ «مەركەزلەر»نىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ھامان قالغان شاھىتلار تەرىپىدىن ئاشكارىلاندى. بۇ مەركەزلەر ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى يوقۇتۇشنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان لاگېرلاردۇر. شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، جازا لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېلىنگەنلەر تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە زىيالىيلىرى ئىدى.

دەسلەپكى مەزگىللەردە، جازا لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلەر بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، ئاندىن قايتۇرۇلغان. بىراق، بۇ جازا لاگېرلىرى سىستېمىلىق تىجارەت قىلىشقا باشلىغاندا، ئىلگىرى ئۇ يەردىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار بۇ زۇلۇم مەركەزلىرىگە قايتىدىن يىغىۋېلىندى. كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ تەشۋىقاتى لاگېرلاردا قالغانلارنىڭ مىڭىسىنى سىستېمىلىق ھالدا يۇيماقتا. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئاللاھقا بولغان ئېتىقادىنىڭ ئورنىغا خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىگە ئىشىنىشكە مەجبۇرلىنىدۇ. بۇنىڭغا قارشى تۇرغانلارغا ھەر خىل قىيناش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ. جازا لاگېرلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار شۈبھىسىزكى ئاياللار. لاگېرلاردىكى قاراۋۇللار كۆزى چۈشكەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئايرىم كامىرلارغا ئەكىرىپ باسقۇنچىلىق قىلىدۇ. لاگېرلاردىكى جىنسىي پاراكەندىچىلىكنىڭ قورقۇنچلۇق دەرىجىسى قېچىپ قۇتۇلغانلار تەرىپىدىن دۇنياغا ئاشكارىلاندى. ئوخشاشلا، لاگېرلاردا قىيناش ئارقىلىق كېسەل بولۇپ قالغان ياكى ئۆلۈم گىردابىغا ئېلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزالىرى ئوغرىلىنىپ، خەلقئارالىق خىرىدارلارغا سېتىلىدۇ. بۇ خىرىدارلار ئىچىدە ئاتالمىش «ھالال ئورگان» سېتىۋالغۇچى مۇسۇلمانلارمۇ بار.

جازا لاگېرلىرىنىڭ سىرتىدىكى تۇرمۇش ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. بۇ زۇلۇم مەركەزلىرىگە قامالغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار يا ئاتالمىش سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە تۈرمىگە سولانغان ياكى زاۋۇتلاردىكى قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان. ئۇيغۇرلاردىن بۇ ئاتالمىش سوتلاردا نېمە ئۈچۈن بالىلىرىغا دىن توغرىسىدا پاراڭلاشقانلىقى ياكى ئۇلارغا قۇرئان ئۆگەتكەنلىكى سورالغان. ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئىبادەتلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئادا قىلغۇچىلار جىنايەتچى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارغا ئېغىر تۈرمە جازاسى بېرىلىدۇ. زاۋۇتلاردا قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇرلانغانلارمۇ ئوخشاشلا تۈرمە مۇھىتى ئاستىدا كۈن كەچۈرىدۇ ۋە ئەركىن ئىرادىسىگە قارشى مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرىلىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمان ئەۋلادلارنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئ‍اياللىرى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىندى. ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلىندى. يېقىنقى يىللاردا تۇغۇلۇش نىسبىتى% 80 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىدى. ئاياللارغا جازا لاگېرلىرىدا سىستېمىلىق دورا ئىچۈرۈلۈپ، ئانىلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىندى. لاگېرلارغا سۇلانمىغان ئاياللارغىمۇ تۇغۇتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەجبۇرىي ئۈسكۈنىلەر ئورنىتىلغان.

ئاتا-ئانىسى جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بالىلاردۆلەت تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن. بۈگۈنكى كۈندە، 1 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلىرىگە، يېتىمخانىلارغا ياكى خىتاي ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ بالىلارغا كوممۇنىزم ئىدىئولوگىيىسى ۋە تەشۋىقاتلىرى مەجبۇرىي سىڭدۈرۈلگەن ۋە ئ‍ۆز مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇشقا مەجبۇرلانغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دىنى بولغان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلماستىن، بەلكى خىتاي كومپارتىيىسى، دۆلەت ۋە پارتىيە ئەمەلدارلىرىغا چوقۇنۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەسىلەن ، بالىسى زورلۇق بىلەن ئېلىپ كېتىلگەن بىر ئۇيغۇر دادىسى بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئوغلىنى سىنئالغۇ لېنتىسىدا كۆرۈپ، ئوغلىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىدىن ئايرىلغاندىكى دەھشەتنى باشتىن كەچۈردى

.ئوخشاشلا، چەتئەلدە بالىسى بار ئائىلىلەرنىڭمۇ بالىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشى چەكلەنگەن. چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش جىنايەت دەپ قارىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ سەۋەبتىن تۈرمىگە تاشلاندى. شۇڭلاشقا ئاپام 2017-يىلى 4-ئايدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا قايتا تېلېفون قىلماسلىقنى ئېيتتى. 2017- يىلى 4- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن باشلاپ، مەن ئاپام ۋە دادامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. مەن، دىئاسپورادا ياشايدىغان ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، ئاتا-ئانامنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكىنىمۇ بىلمەيمەن.

بىلگىنىڭلاردەك، بىر رايوننىڭ ئىسلام دۆلىتى ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئىپادىسى شۈبھىسىزكى مەسچىتلەر، بۇ ئىبادەت ئورۇنلىرىنى زىننەتلەيدىغان مۇنارلار ۋە بۇ مۇنارلاردىن ئاڭلانغان ئەزانلاردۇر. شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلدى. مۇستەقىل تەتقىقاتقا قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى تەخمىنەن 16000 مەسچىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەيران قىلىشىغا ئۇچرىغان. بۇ مەسچىتلەرنىڭ يېرىمى پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلگەن. قەبرىستانلىق ۋەيران بولدى. شەھەر مەركىزىدىكى بىر قىسىم تارىخى مەسچىتلەر كۆڭۈل ئېچىش مەركەزلىرى ۋە قاۋاقخانىلارغا ئۆزگەرتىلدى. كۆرگەزمە ئۈچۈن ئوچۇق قويۇلغان مەسچىتلەردىمۇ ئەزان ئاۋازى ئاڭلانمايدۇ.

چۈنكى، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى ئىسلامغا ئىشىنىشنى جىنايەت، دەپ قارايدۇ، ھەتتا ئىسلامنى دۈشمەن، دەپ قارايدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇ ئىسلامغا قارشى جەڭ ئېلان قىلدى ۋە بۇ ئۇرۇشتا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا غەلىبە قىلىشنى خالايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدىكى مەسچىتلەردىن قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىنى كوممۇنىست تەشۋىقات ئىبارىلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇش، مۇنارلارنى چېقىش ۋە قۇرئان كۆيدۈرۈش بېيجىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئىسلامغا قارشى ئېلان قىلغان ئۇرۇشىدىن كېلىپ چىققان.

كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق رەسىمىنى كۆرگىنىڭىزدە، كاللىڭىزغا كېلىدىغان تەبىئىي سوئال «نېمىشقا؟»، «خىتاي نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟». مۇنداق ئىككى خىل جاۋاب بار: بىرىنچىسى ، كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئىشغال قىلغان شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش نىشانى، ئىككىنچىسى ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك مەنپەئەت.

بىرىنچى تەرەپكە قارايدىغان بولساق، تۆۋەندىكى رەسىمنى كۆرىمىز. مەن باشتا خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ 1949-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى سىستېمىلىق يوقىتىشقا ئورۇنۇپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئىدىم. بۇ سەۋەبتىن، بارلىق ئىسلام مائارىپ مەكتەپلىرى تاقىۋېتىلدى. مەكتەپلەردە دىنىي تەلىم-تەربىيە دەرسلىرى يوق. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى قوغداشتىكى ئەڭ چوڭ قالقاننىڭ دىنىنى قوغداش ۋە بالىلىرىغا ئۆگىتىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭلاشقا ، مەدرىسلەر تاقالغاندا ، ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئۆيدە دىنىي تەلىم بېرىشكە باشلىغان. بىر چاغلاردا، مەھەللىلەردە يۇشۇرۇن قۇرئان ۋە باشقا ئىسلام دەرسلىرىمۇ ئۆگىتىلدى. كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ بارلىق سىستېمىلىق تەشۋىقاتى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە قارىماي، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىسلام كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشى كوممۇنىست ھاكىمىيەت ئۈچۈن تەھدىتى دەپ قارالدى. شۇڭلاشقا ، 2014- يىلىدىن باشلاپ ، ئاتالمىش تۇغقانلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ تۇغقانلار خىتايلار بىلەن مۇسۇلمانلارنى ئارىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەپ قارىلىدۇ. ئەمما بۇ پروگراممىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆيىدىكى تۇرمۇشىنى نازارەت قىلىش. دەرۋەقە ، بۇ تەقسىم قىلىنغان تۇغقانلار پات-پات كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى دائىم كۆزىتىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىغا ئۆيدە دىن ئۆگىتىش پۇرسىتى قولدىن كەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئاتالمىش كوممۇنىست تۇغقانلىرى بىلەن بىللە يېتىشقا مەجبۇرلانغان. بۇ زۇلۇمنىڭ يەنە بىر ئۆلچىمى. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى، كۈندۈزى ھاكىمىيەتنىڭ نازارەت قىلىشى ۋە كېچىدە ئاتالمىش تۇغقانلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا، چىدىغۇسىز ھالغا كەلدى

.ئىككىنچى نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك مەنپەئەتنىڭ رولى ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خىتايدىكى ئەڭ باي رايونلارنىڭ بىرى. بۇ رايوندىكى تەبىئىي گاز، نېفىت، ئۇران، ئالتۇن ۋە باشقا مىنېرال ماددىلار خىتاي ئىقتىسادىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ، شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول تەشەببۇسىنىڭ ھەل قىلغۇچ ھالقىسى. شۇڭلاشقا، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى بۇ رايوننى تولۇق كونترول قىلماقچى. بۇ رايوندىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ۋە ئىسلام كىملىكى ھاكىمىيەت ئۈچۈن تەھدىت، دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك مەنپەئەتكە زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ، ھاكىمىيەت ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق باستۇرۇۋاتىدۇ.

بۇ نۇقتىدا شۇنى ئېيتىش كېرەككى، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىگە چىقىشى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى. ئۆزىنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىغان شى جىنپىڭ دۇنيانى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ زومىگەرلىكى ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن يېڭى سىياسەتلەرنى تۈزدى. بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئالدىنقى سېپىدە بىر بەلۋاغ، بىر يول تەشەببۇسى بولۇپ، قىسقارتىلىپ BRI دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ 2013-يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، دۇنياغا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي گۈللىنىش ئېلىپ كېلىدىغان تۈر سۈپىتىدە بازارغا سېلىنغان.

ئوتتۇرا شەرقتىكى 17 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 140 دۆلەت BRI غا قوشۇلدى. ئىككى چوڭ جۇغراپىيىلىك ئورۇن BRI دىكى ئاساسلىق نىشان بولۇپ، ئۇ خىتايدىن ياۋروپاغىچە سوزۇلغان تارىخى يىپەك يولىنى ئاساس قىلىدۇ. ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق ھەم يەر ئاستى بايلىقلىرى ۋە مەبلەغ سېلىشلىرى ئۈچۈن خىتاي نىشان قىلغان رايون. ھىندونېزىيە ۋە مالايسىيا قاتارلىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ زومىگەرلىكى جەھەتتە ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم رايون ھېسابلىنىدۇ. 2022- يىلدىكى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار يىغىنىغا قاتناشقان ۋاڭ يى ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن BRI ئىچىدىكى 600 تۈرگە تەخمىنەن 400 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. BRI  ئىچىدىكى ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى قوبۇل قىلغان تۈرلەرنىڭ قىممىتى 2020- يىلى%8 تىن%38 كە ئۆرلىدى. خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئەرەب دۇنياسىغا ئاجراتقان سوممىسى ئۈچ ھەسسە ئاشتى. قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە بۇ نىسبەت بىر قاتلاندى.

بۇ تۈرلەر قۇرۇلغان دۆلەتلەردە ئىقتىسادقا قاتقان تۆھپىسى مۇنازىرە قوزغىدى. چۈنكى، بۇ تۈرلەرنى يولغا قويغان شىركەتلەر خىتايدىن كەلگەن، ساھىبخان دۆلەتكە قەرز بېرىدىغان شىركەتلەر خىتاينىڭ، بۇ تۈردە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ تولىسى يەنە خىتايدىن كەلگەن. نەتىجىدە، بىردىنبىر ئۇتقۇچىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكى ئېنىق. سىرىلانكاغا ئوخشاش مەبلەغ سېلىنغان دۆلەتلەر غايەت زور قەرز يۈكىگە دۇچ كەلمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر BRI تۈرلىرىنى مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى.

شەرقىي تۈركىستان خىتاينى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچكە ئايلاندۇرىدىغان BRI ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنىڭ خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان ئورۇنغا جايلاشقانلىقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى. BRI  ئىچىدىكى ئالتە چوڭ سودا كارىدورىنىڭ تۆتى شەرقىي تۈركىستاندىن ئۆتۈپ باشقا رايونلارغا يېتىپ بارىدۇ. شەرقتىكى تارىخى قەشقەر شەھىرىمۇ پاكىستان بىلەن قوشنا بولۇپ، بۇ يەرگە BRI دائىرىسدە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنغان ۋە ئالاھىدە سودا رايونى قۇرۇلغان. 2013- يىلى BRI ئېلان قىلىنغاندىن بىر يىل كېيىنلا شەرقىي تۈركىستاندا تۇتقۇن قىلىش لاگېرلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. 2017- يىلدىن باشلاپ، BRI  تۈرلىرى تېزلەشكەندىن كېيىن، مىليونلىغان ئۇيغۇرلار جازا لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلدى. كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بىر تەرەپتىن سودا جەھەتتە دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقچى، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ مۇستەملىكىچىلىك ئارزۇسى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى يوقاتماقچى.

دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇنىۋېرسال قىممەت قاراشلارغا زىت ھالدا، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر خەلقئارا جامائەت پىكىرىدە ئەكس سادا قوزغىدى. ھازىرغىچە، 14 دۆلەت شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەھشىيلىكنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 2022-يىلى 8-ئايدىكى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق جىنايەتلەرنى» سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2021-يىلى 12-ئايدا ، لوندوندىكى مۇستەقىل خەلق سوت كوللېگىيىسى ئۇيغۇر سوتى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بارلىقىنى بېكىتتى. ۋاھالەنكى، تولىمۇ ئەپسۇس، بىر مۇسۇلمان خەلق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋاقىتتا ئەڭ جىم تۇرغىنى ئىسلام دۇنياسى بولدى. ئىسلام دۇنياسى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، دىپلوماتىك ۋە سىياسىي تەسىرى ئاستىدا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا ئالداندى. بۇ خىل ساختا تەشۋىقاتنىڭ نەتىجىسىدە، ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلەرنى ئۆگىنىشىنىڭ ئالدى تۇسۇلدى. شۇڭلاشقا، سىلەر كۆرسەتكەن مېھماندوستلۇق ۋە  قولللاش بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك.

مەن تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى بېرىش ئارقىلىق سىلەرنى تېخىمۇ چارچىتىشنى خالىمايمەن. قىسقىسى ، شەرقىي تۈركىستانمۇ سىلەرگە ئوخشاش، شەرقتىكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىنىڭ بىرى. مەن يۇقىرىدا تەپسىلىي چۈشەندۈرگىنىمدەك، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى پەقەت بىر جەمئىيەتنىلا نىشانلىمايدۇ. بۇ يەردىكى مەقسەت شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلامنى يوقىتىش. چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى ئىسلامنى ئۆزىگە تەھدىت، دەپ قارايدۇ. بۇ تەھدىدنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئۇ ھەر خىل زىيانكەشلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنى سادىر قىلىدۇ. ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئىنسانىيەتكە زىت كېلىدىغان زىيانكەشلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تېزدىن توختىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەر ئىسلام دۇنياسى ئۆزىنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىنى قوللىمىسا، كىم قوللايدۇ؟ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن دۇنيادا كىم ئاۋاز چىقىرىدۇ؟

مەن سۆزلىرىمنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسى بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچى: «كىمكى بىر يامانلىقنى كۆرسە، ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن. ئەگەر كۈچى يەتمىسە، ئۇنى سۆزى بىلەن ئۆزگەرتسۇن. ئەگەر كۈچى يەتمىسە، ئۇنىڭغا چىن قەلبى بىلەن قارشى تۇرسۇن». نۆۋەتتە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بۈگۈن كۆرسەتكەن قوللىشىڭلارنىڭ داۋاملىشىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ. بۇ مۇبارەك رامىزان ئېيىدا سىلەردىن ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى ۋە دۇئالىرىڭلاردا ئۇلارنى ئۇنۇتماسلىقنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ