تۇردى ئىلى (ئىلىيوف) – بىر گىگانت ئىنسان ھەققىدە ئىسىمدە قالغانلار
.
ئەرتېكىن ئوغۇز
.
مەن تۇردى ئىلى بىلەن 1983-يىللىرى يەركەن مەھبۇسلار لاگىرىنىڭ 3-چوڭ ئەترىتىدە تونۇشقان ئىدىم. ئىگىز بوي، قەددى-قامەتلىك، سۈرلۈك بۇ ئادەم شۇ چاغلاردا بەلكىم 60-65 ياشلار ئەتراپىدا ئىدى. كىشىلەر ئۇنى ئىلىيوف دەپ چاقىراتتى. ئىسمىنىڭ ئارقىدىكى „ئوف“ ئىبارىسىگە قاراپ، ئۇنى „ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى“غا قاتناشقان بولسا كېرەك، دەپ ئويلىغان ئىدىم. بۇ ئادەم تۇرمىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئاتىسى سۈپىتىدىكى بىر كىشى ئىدى. بۇ تۇرمىدىكى 200 گە يېقىن مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. تۇرما ساقچىلىرىمۇ تەپ تارتاتتى. ئۇ تۇرمىنىڭ بىر ئېغىزلىق كۈتۈپخانىسىدا يالغۇز تۇراتتى. كىشىلەرگە ئىللىق مۇئامىلە قىلاتتى. بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش سىياسىي مەھبۇسلار بىلەن يېقىن ئۆتەتتى.
مەن 1982-يىلى يەركەن مەھبۇسلار لاگىرىنىڭ 4-چوڭ ئەترىتىدە بىر يىلدەك تۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن 3-چوڭ ئەترەتكە يۆتكىۋېتىلگەن ئىدىم. بۇ يەردە ئابدۇلغەنى ئابدۇلكەرىم ئىسىملىك بىر سەپدىشىم بار ئىدى. بەلكىم شۇنىڭدىن ئاڭلىغان بولسام كېرەك، تۇردى ئىلىنىڭ تېگىنىڭ قۇمۇللۇق ئىكەنلىكى، ئەينى چاغدا خوجانىياز ھاجى قوزغىلىڭىغا قاتناشقانلىقى، كېيىن غۇلجىدا مىللىي ئارمىيە سېپىدە خىزمەت قىلغانلىقى، 50-يىللاردىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قەشقەرگە ۋەزىپە بىلەن كېلىپ، „قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى“نىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقى، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى قەشقەر شۆبىسىنىڭ رەئىسى بولغانلىقى، 1969-يىلى قەشقەردە پارتلىغان ئاخۇنوف-مىجىد قوزغىلىڭىدىن ئىلگىرى قولغا ئېلىنغانلىقى …. قاتارلىقلار ئىسىمدە قاپتۇ.
تۇردى ئىلى بىلەن تۇرمىدا ئاتا-بالا كەبى ياخشى ئۆتكەن بولساقمۇ، ئۇنىڭدىن كەچمىشلىرىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغۇدەك بىر پۇرسەت بولمىغان ئىكەن. چۈنكى، مەن تۇرمىنىڭ سىرتىدىكى چوڭ بىر مېۋىلىك باغقا مەسئۇل قىلىنغان ئىدىم. تۇرمىدىن ئەتىگىنى چىقىپ كەتسەم، كەچتە قايتىپ كىرەتتىم. ئۇ چاغدا، يەنى 1980-يىللاردا تۇرمىلاردىكى ئەكسىل ئىنقىلاپچىلار ھەم مەھبۇسلارنىڭ نەزىرىدە، ھەم ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ نەزىرىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر سانىلاتتىكەن. „ۋەتىنى ئۈچۈن كۆرەش قىلغان ئەزىمەت ئىنسانلار“ مۇئامىلىسىگە ئۇچرايدىكەن. ئېسىمدە توغرا قالغان بولسا، بۇ 3-چوڭ ئەترەتتە شۇ چاغدا قەشقەر شەھرىدىن ۋە مارالبېشى، مەكىت، يوپۇرغا، ئاقتۇ قاتارلىق قەشقەر ۋىلايىتىگە تەۋە ناھىيەلەردىن خىتايغا قارشى سۆز-ھەرىكەتلەردە بولۇپ، مەخپىي تەشكىلاتلار قۇرۇپ ياكى شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ تۇتۇلغانلاردىن 10 ئەتراپىدا سىياسىي مەھبۇس بار ئىدى.
مېنىڭ تۇردى ئىلىنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە يىتەرلىك مەلۇماتىم يوق. بۈگۈن بۇ ئادەم توساتتىن يادىمغا كېلىپ قېلىپ، ئۇنىڭ شۇ زامانلاردىكى سىماسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم، تورلاردىن ئۇنىڭغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ باقتىم. پەقەت بىر پارچە سۈرەت تاپالىدىم. بۇ سۈرەت 1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى تارتىلغان بولسا كېرەك.
شىۋېتسىيەدىكى ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئۆزىنىڭ <<قارا جۈلدىكى جەڭ>> ناملىق ئەسىرىدە <<تۇردى ئىلىنىڭ ئەسلى يۇرتى ئاقسۇ ئاۋات ئىدى. مىللىي ئارمىيەگە قاتناشقان. شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى جەنۇبىي تەنغرىتاغ بۈروسىنىڭ 1-مۇئاۋىن سېكرىتارى، دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، شۇ ۋاقىتتا 51 ياشتا ئىدى، دەسلەپتە ئاقسۇ ئاۋاتتا، كېيىن ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلغان، 11 بىتىمدىن كېيىن غۇلجىدا مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلغان، 1949-يىلىدىن كېيىن ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدا ئىشلىگەن، 1998-يىللىرى ئالەمدىن ئۆتتى.>> دېيىلگەن.
بۇ مەلۇماتنىڭ قانچىلىك توغرىلىقىنى بىلمەيمەن. ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندىنىڭ تۇردى ئىلىنىڭ „قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى“نىڭ مۇدىرى بولغانلىقىنى بىلمىگىنىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ھەققىدە يىتەرلىك چۈشەنچىسى يوقلىقى مەلۇم. ئەمما مەن 1985-يىلى تۇرمىدىن چىققاندا، قەشقەردىكى بايلارنىڭ ئۆزارا پۇل يىغىش قىلىشىپ، تۇردى ئىلىغا بىر كىچىك توقۇمىچىلىك فابرىكىسى قۇرۇپ بەرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم. 20 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان تۇردى ئىلى ھەرھالدا 1984-يىلى تۇرمىدىن چىققان بولسا كېرەك. مەن 1985-يىلى، تۇردى ئىلىنىڭ ئۆستەڭبويى يولىدىكى ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان بىر بىنانىڭ 2-قەۋىتىگە ئورۇنلاشقان چوڭ بىر زالدىكى بۇ فابرىكىسىنى زىيارەت قىلغان ئىدىم. بۇ يەدە ئاياللار يۇڭ ئىشتان، يۇڭ پوپايكا توقۇۋاتاتتى. ئارىدا تۇردى ئىلىنىڭ „قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى“ ئائىلىكلەر قوراسىدىكى ئۆيىگە چىقىپ، بىرقانچە قېتىم سۆھبەتتە بولغانلىقىم ئېسىمدە.
مەن 1986-يىلى <<شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى>>غا ئوقۇشقا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئالاقىمىز ئاساسەن ئۈزۈلۈپ قالدى. بىر قېتىم يازلىق تەتىلدە يۇرتقا قايىتقاندا، ھېيت مەزگىلىگە توغرا كېلىپ قالغان ئىدى. بىرقانچە دوستلىرىم بىلەن بىرگە تۇردى ئىلىنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ چىقتىم. ئايالى ۋە قىزى بار ئىكەن. بىزنى قىزغىن قارشى ئالغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن كۆرۈشەلمىگەن ئىدىم.
مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، خىزمەت ھوقۇقىمدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە چىقىپ كېتىپ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن بولدۇم. 1997-يىلى ئەتىياز مەزگىللىرىنىڭ بىرىدە، تۇردى ئىلى ئۈرۈمچىگە مېنى ئىزدەپ چىقىپتۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھال-ئەھۋالى يامان ئەمەسكەن. تەن ساغلاملىقىمۇ ياخشىدەك قىلاتتى. تىمەن كۆرۈنەتتى. تاغدەك بەستى بار بۇ ئادەم ماڭا قەشقەردىكى توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ كۆلىمىنى بىراز كېڭەيتكەنلىكىنى، تىجارىتىنىڭ ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ „مېنىڭ سىزنى ئىزدەپ چىقىشىمدىكى سەۋەب: مەن ياشىنىپ قالدىم، فابرىكىنى سىزگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارارىغا كەلدىم، سىزدىن بىر سېنت ھەق ئىستىمەيمەن، خالىسىڭىز قەشقەرگە قايتىپ، ئىشنىڭ بېشىغا ئۆتۈڭ“ دېدى. ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالدا ياشاۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. مەن بىراز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، قەشقەرگە قايتىش نىيىتىم يوقلىقىنى، چۈنكى قەشقەردىكى ساقچى ۋە خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئاۋارىچىلىقلىرىدىن زېرىككەنلىكىمنى، فابرىكىنى ئۆتكۈزىۋېلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى چىرايلىقچە بىلدۈرۈپ رەت قىلدىم. بۇ بىزنىڭ ئاخىرقى كۆرۈشىشىمىز بولۇپ قالغان ئىدى. مەن 1998-يىلى ۋەتەننى تەرك ئەتتىم.
ئارىمىزدىكى بىز بىلەن تەڭ دىمەتلىكلەر بىر بىرلەپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كېتىۋاتىدۇ. بىزنىڭمۇ بۇ سەپەرگە ئاتلىنىدىغان دەۋرىمىزنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. تۇردى ئىلى – ئىلىيوفقا ئوخشاش ئۆمۈر بويى ۋەتەن- مىللىتىنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلغان ئىنسانلارنى ئۇنتۇپ كەتكەن بۇ دۇنيا، ئەرتە-ئۆگۈن بىزنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، قەلبىمىزدە چۇڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرغان گىگانت ئىنسانلارنى كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سېلىش مەجبۇرىيىتىمىزنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم، دېگەن ئويدا، بۇ قىسقا ئەسلىمىنى قالدۇرۇپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم.
نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ

Leave Your Comments