• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

رۇزا تۇتۇشتىن مەھرۇم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنە بىر ئېچىنىشلىق ھېيت

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى

ئاخبارات باياناتى

2023- يىلى 04- ئاينىڭ 21- كۈنى

contact@uyghurstudy.org

 

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رۇزا ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ. رۇز ھېيتىڭلار خۇشاللىق، ھۇزۇر ۋە ئىسەنلىك ئىچىدە ئۆتكەي!

مۇبارەك رامىزان ئېيى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى بۇ خۇشاللىق پەيتتە، بىز يەنە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئ‍ېچىۋاتقان ئۇرۇشىنى سەمىڭلارغا سالىمىز. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى تەقىپ ۋە زۇلۇم ئاستىدا يەنە بىر رامىزاننى ئۆتكۈزدى. ئىسلام دۇنياسى ھېيت تەنتەنىسىگە چۆمگەندە، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالىنىۋاتىدۇ  ۋە چەتئەلدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ، دوست-يارەنلىرىنىىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايۋاتىدۇ.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئىسلامنىڭ بارلىق ئىزلىرىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلار 2017-يىلىدىن باشلاپ رۇزا تۇتۇش ۋە ھېيت ئۆتكۈزۈشتىن  چەكلەندى. ھەر يىلى رامىزاننىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنى ئىسلام كالېندارىدىكى ئەڭ مۇقەددەس بۇ ئايدا روزا تۇتۇشتىن مەھرۇم قۇيىدۇ. يەنە كېلىپ، مەسچىتكە بېرىش ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا ئەۋەتىشنىڭ باھانىسى سۈپىتىدە جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەرنى تاقىدى، چېقىۋەتتى ياكى ئۆزگەرتتى. شۇ سەۋەبتىن، نوۋەتتە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھېيت نامىزىنىمۇ ئوقۇيالمايدۇ.

بۇ زور زۇلۇم ۋە دىنىي دەپسەندىچىلىككە قارىماي، مۇسۇلمان دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان جىنايىتىگە داۋاملىق سەل قاراۋاتىدۇ. مۇشۇنداق مۇھىم بىر پەيتتە، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۆز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى قوللىمىغانلىقىنى كۆرۈش كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ. ھۆكۈمەتلەردىن ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن تارتىپ داڭلىق ئىسلام ئورگانلىرىغىچە، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا، خىتاي بىلەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك سودا قىلالمايدىغانلىقى توغرىسىدا كۈچلۈك سىگنال بىرەلمىدى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئىسلام دۇنياسىنىڭ رۇزا ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز. بىراق، رۇزا ھېيت بىز ئۈچۈن خۇشاللىق ئەمەس. ھەر قېتىملىق رۇزا ھېيتتا، بىز يۇرتىمىزدىكى تۇغقانلىرىمىز دۇچ كەلگەن بېسىم ۋە زىيانكەشلىكنى قەلبىمىزدە چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. رامىزاندا روزا تۇتۇشى مەنئى قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ بايراملىق دەم ئېلىش كۈنى يوق. ئۇيغۇرلار خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ سىستېمىلىق، ۋەھشىي مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتىگە تەسلىم بولۇپ، ئىسلام دىنىغا بولغان ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىش بىلەن تۈرمىلەردە چىرىپ، غايىب بولۇشتىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىسلام دۇنياسى تاشلىۋەتكەن ھالدا يەنە بىر رۇزا ھېيتقا قەدەم قويدى ».

بۇ رۇزا ھېيتتا، بىز مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە دىنىي زىيانكەشلىكلەرگە قارشى كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىمىز. بىز يەنە ئىسلام ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبەرلىرىنى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇشقا چاقىرىمىز. ھېچبولمىغاندا، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا، مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىدا ئازابلىنىۋاتقان ۋە ئورۇق-تۇققانلىرىدىن ئايرىلغان ئاشۇ كىشىلەرنى دۇئالىرىمىزدا بولسىمۇ ئۇنۇتمايلى.

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ