• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى 2023- يىلى 04-ئاينىڭ 29- كۈنى «خىتايدىكى ئىسلام ئۆچمەنلىكى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ پوزىتسىيەلىرى» ناملىق يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھىندۇنېزىيە ياشلار شۆبىسى ۋە ھىندۇنېزىيە مەملىكەتلىك ياشلار كېڭىشى… قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئاكادېمىسيەنلەرۋە تەتقىقاتچىلار ئىشتىراك قىلدى، شۇنداقلا دوكلات ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

يىغىنغا سانتېرى دىپلوماتىيە ئاكادېمىيەسىنىڭ دېرىكتورى سۇرۇروھ ئۇسمان رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى. ئارقىدىن ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ تۈر باشقۇرغۇچىسى ئابدۇلمۇقتەدىر ئۇدۇن دوكلاتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا بىر قىسىم مەسئۇللار ۋە تەتقىقاتچىلار خىتايدىكى ئىسلام دۈشمەنلىكى، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئەھمىيىتى… قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۇنجى بولۇپ  ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھىندۇنېزىيە ياشلار شۆبىسىنىڭ باشلىقى ئاستېرىد ناديا رىزقىتا سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بىر ئارىغا كېلىشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە مۇسۇلمانلارغا خىتايدىكى ئىسلام ئۆچمەنلىكىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ۋە بۇ جەھەتتە مەزكۇر دوكلاتنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئارقىدىن جاكارتا مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى دوكتور ئاسېف سېتىياۋان خىتاينىڭ ئىسلامغا قاراتقان ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىدىكى قارمۇ-قارشىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئىچكى قىسىمدا مۇسۇلمانلارنى يەكلەۋاتقانلىقىنى، ئەمما تاشقى جەھەتتىن ئىسلام دۇنياسىغا «دوست» كۆرۈنۈشكە ئورۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۈچىنچى بولۇپ يوگياكارتا نەھدەتۇل ئۆلەما ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتور نور ئىسماھ سۆز ئېلىپ، مەزكۇر دوكلاتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى ۋە دوكلاتقا يوقۇرى باھا بەردى. ئۇ سۆزىدە بۇ دوكلاتنىڭ تۇنجى قەدەم ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق خىزمەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇنىڭغا ئۇلاپلا پېرسىس تەشكىلاتىدىن دوكتور تىيار ئەنۋەر بەختىيار سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەشنىڭ تارىخى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختالدى. ئارقىدىن ئەل ۋاشلىييا جەمئىيىتىدىن دوكتور نىرۋان سىيافرىن سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر مەسىلىسنىڭ ئىسلام بىلەن خىتاي ئوتتورىسىدىكى زىددىيەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي بىلەن ئىنسانىيلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا مەزكۇر دوكلاتنىڭ باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھىندۇنېزىيە مەملىكەتلىك ياشلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى تانتان تاۋفىق لۇبىس ئەڭ ئاخىرقى سۆز ئالغۇچى سۈپىتىدە ئىسلام دىنىنىڭ خىتايغا تارقىلىش تارىخى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ خىتايدىكى ئىسلام ئۆچمەنلىكى ھەققىدە توختالغاندا خىتاي رېجمىنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى خەلقئارا تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس مەزكۇر دوكلاتنى روياپقا چىقىرىشقا كۈچ قوشقان تەتقىقاتچىلارغا ۋە مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى.

 

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ