• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ كۈن تەرتىپىدىن چۈشمەي كەلدى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سياسەتلىرىنىڭ بىردىنلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى بۇ رايونغا مەركەزلەشتۈردى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ دراماتىك ئۆزگىرىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھۇقۇق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە كۆرىشىمۇ زور دەرىجىدە خەلقئارالاشتى. نەتىجىدە، ئۇيغۇرلار خەلقئارا سورۇنلارنىڭ ئاساسلىق تېمىسىغا ئايلاندى.

ۋاھالەنكى، شەرقىي تۈركىستان قەيەر؟ ئۇيغۇرلار كىم؟ خىتاي رېجىمى نېمىشقا ئۇيغۇرلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يۇقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇرلار نېمىشقا خىتاي دۆلىتىگە قارشى كۆرەش قىلىدۇ؟ نۆۋەتتىكى ئەھۋال قانداق…؟ دېگەندەك سۇئاللار تېخىچە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا ئايدىڭلاشقىنى يوق. بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتى، يەنە بىر تەرەپتىن غەرب، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى دۇنياۋى رىقابەت دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى، خۇسۇسەن غەربكە قارشى مۇسۇلمانلارنى قايمۇقتۇرماقتا. ئەڭ مۇھىمى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «غەربنىڭ پىچكىسى» دەپ قارىلىشى بىلەن غەربكە قارشى دۇنيانىڭ، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن «غەربنىڭ تەشۋىقاتى» دەپ گۇمان قىلىشى كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنى خىتاي رېجىمىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قويماقتا ۋە شۇ تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئالدىدىكى ۋىجدانىي ۋە دىنىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىن توسماقتا.

شۇ سەۋەبتىن، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتىنىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ماھىيىتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ساھىبى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ نوقتىسىدىن يۇرۇتۇش ئىنتايىن مۇھىم. مانا بۇ مەقسەتتە ئۇشبۇ كىتابچىنى تەييارلىدۇق. بۇ كىتابچىدا يۇقۇرىقىدەك سۇئاللارغا ئۇيغۇرلار نوقتىسىدىن ئىخچام، ئەمما چۈشىنىشلىك جاۋاب بېرىلىدۇ. ئىشىنىمىزكى، بۇ كىتابچىنى ئوقۇغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دەسلەپكى قەدەمدە توغرا مەلۇماتقا ئېرىشىسىز.

2022- يىلى 23- نويابىر تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى،

www.uyghurum.org

contact@uyghurstudy.org

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ