• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى لوندوندا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس 2022- يىلى 9- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە ئەنگلىيەنىڭ پاىتەختى لوندون شەھىرىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.

ئۇلار 19- ۋە 20- سىنتەبىر كۈنلىرى لوندوندىكى «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەست تۇر» ھەرىكىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئورتاق ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەر ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشتى.

ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ۋە روشەن ئابباسلار 21- سىنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

شۇ كۈنى كەچتە لوندوندىكى «باربىكان» مەركىزىدە «ھەدەمنى ئىزدەش يولىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلدى. فىلىمنى كۆرۈشكە بىر قىسىم داڭلىق شەخسلەر ۋە مۇخبىرلار قاتناشتى. فىلىمنىڭ ئاخىرىدا ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ھېلىننا كېننىدى، پروفىسسور لاۋرا مۇرپى، خەلقئارا قۇللۇققا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى كلويە كرانستان، روشەن ئابباس ۋە ئابدۇلھەكىم ئىدرىس… قاتارلىقلارنىڭ ئىشتىراكىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئىككى تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ تېرىشچانلىقى ۋە لوندوندىكى ھەر ساھەنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى بىلەن بۇ بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ