• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ياۋرۇپادا بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇشۇ ئاينىڭ 22- كۈندىن 27- كۈنىگىچە ياۋرۇپادىكى بىر قانچە دۆلەتتە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.

خىتاينىڭ كىشىلىك ھۇقۇق خاتىرىسىنى ئۇمۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 45- نۆۋەتلىك يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 22- ۋە 23- كۈنلىرى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى… قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە قاتناشتى. ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىندا خىتاينىڭ كىشىلىك ھۇقۇق ۋەزىيىتىگە ئۇمۇميۈزلۈك قاراپ چىقىلدى. يىغىندا ئ‍ۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى. دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت مۇشۇ ئاينىڭ 24- كۈنى فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە پارىژ شەھىرىنىڭ باشلىقى بىلەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا مەزكۇر ھەيئەت ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. فرانسوز مىللەت ۋەكىللىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر ئۇيغۇر ھەيئىتى يەنە مۇشۇ ئاينىڭ 25- 26- كۈنلىرى ئېرلاندىيەنىڭ پايتەختى دۇبلىندا بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. بۇ جەرياندا ئالدى بىلەن دۇبلىن شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەندى. ئارقىدىن ئۇيغۇر ھەيئىتى ئېرلاندىيە ئىسلام ۋەقپى بىلەن دۇبلىن مەسچىتىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت ئەسناسىدا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇيغۇر ھەيئىتى ئېرلاندىيەدىكى پائالىيەتلىرى ئارىسىدا دۇبلىندا يېڭىدىن قۇرۇلغان «ئېرلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس قاتارلىقلار بۇ يېڭى مەركەزنىڭ ئېچىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك سۆزى قىلدى ۋە بۇنىڭدىن كېينكى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئۇتۇق تىلىدى.

 

 

 

 

 

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ