• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئىككى جۇمھۇرىيەت — ئىككى ساۋاق

 

ئابدۇلھەكىم ئىدرىس

(2023- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق)

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، سەپداشلار، مېھمانلار!

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتىمىزنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 79 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولماقتىمىز.

مەن سۆزۈمنى ئالدى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن باشلىماقچىمەن. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ھەر زامان قۇچاق ئېچىپ كەلگەن بۇ ئولۇغ جۇمھۇرىيەتنىڭ مەڭگۈ داۋام قىلىشىنى ۋە كۈندىن-كۈنگە روناق تېپىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن.

بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز 1933- يىلى قەشقەردە سابىت داموللام باشچىلىقىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتىنى قۇردى. بۇ جۇمھۇرىيەت خوجىنىياز ھاجىم ۋە مۇھەممەت ئەمىن بۇغرا قاتارلىق يىتەكچىلەرنىڭ قانلىق كۆرەشلىرى؛ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتېلى تەۋپىق قاتارلىق ئوت يۈرەك زىيالىلىرىمىزنىڭ ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەنىدى.

شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ يېڭى جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولدى. قەشقەر كوچىلىرى تەنتەنىلەرگە تولدى.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۇنيادىكى تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھېسابلىنىدۇ. ئوسمانلى ۋە موغۇل ئىمپېرىيەلىرى كەينى-كەينىدىن يېقىلىپ، ئىسلام دۇنياسى باش پاناھسىز قالغان تارىخىي بىر پەيتتە، ئىسلام دىنىنى تۈركلەر ئىچىدە ئەڭ بورۇن قوبۇل قىلىپ، دۆلەت دىنىغا ئايلاندۇرغان قاراخانىلارنىڭ پايتەختى قەشقەردە يەنە يەر يۈزىدىكى تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەقىقەتەن بىزنى چوڭقۇر ئىپتىخارلاندۇرىدۇ.

بۇنىڭدىن 90 يىل بۇرۇن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىسلام بىلەن جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈپ، زامانىۋى بىر دۆلەت قۇرۇشقا تۇتۇش قىلغانلىقى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نە قەدەر يىراقنى كۆرەر بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزنىڭ روشەن نامايەندىسىدۇر. بۇ ئىلغار ئىدىيە ئارىدىن بىر ئەسىر ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىلغارلىقىنى ھېچ يۇقاتقىنى يوق.

ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتىمىز دۈشمەنلەرنىڭ سۇيقەستى، ئىچكى ئىختىلاپ ۋە تاشقى شارائىتلارنىڭ يار بەرمەسلىكى سەۋەبىدىن ئاران ئالتە ئاي پۇت تىرەپ تۇرالىدى. سانسىزلىغان شەھىدلىرىمىزنىڭ قېنى بەدىلىگە قۇرۇلغان بۇ جۇمھۇرىيەت يېقىلدى. خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈك ۋە مۇسەقىللىق ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىدى.

بىراق، ئەجدادلىرىمىز ھۆرلۈك يولىدىكى كۆرەشلىرىنى ھېچ توختاتمىدى. ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 1944- يىلى غولجىدا ئېلىخان تۆرەم ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق يولباشچىلىرىمىزنىڭ يىتەكچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى.

بۇنىڭدىن 79 يىل بۇرۇن قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەر جەھەتتىن زامانىۋى دۆلەت تۈسىنى ئالغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆزىنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى تولۇق نامايەن قىلغانىدى.

تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزمۇ ئوخشاش قىسمەتكە دۇچ كەلدى. نۇرغۇنلىغان ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ جان تېكىپ كۆرەش قىلىشى بەدىلىگە قۇرۇلغان بۇ جۇمھۇرىيەت بەش يىل مەۋجۇت بولغاندىن كېيىن، 1949- يىلى خىتاي-سوۋېت سۇيقەستى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

شۇنداق قىلىپ، بۇنىڭدىن 74 يىل بورۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق ئارزۇسى سوۋېت ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى جاھانگىر كۈچ تەرىپىدىن يوققا چىقىرىلىپ، ئۇيغۇرلار خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا ياشاشقا يەنە بىر قېتىم مەھكۇم قىلىندى.

ئارىدىن بىر ئەسىرگە يىقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولۇشىغا قارىماي، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق ئارزۇسىدىن ھېچقاچان ۋاز كەچكىنى يوق. ئۇيغۇرلارنىڭ تىز پۈكمەس ئىرادىسىنى سۇندۇرالمىغان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلىۋاتىدۇ.

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى نېمە قىلىشىدىن قەتئىنىينەزەر، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئۇلار بىزنىڭ ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق روھىمىزنى يۇقۇتالمايدۇ. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق يولىدىكى كۆرەشلىرىنىڭ تارىخى ئابىدىلىرى بولغان ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۈگۈن بۇ يەرگە توپلانغان بولساق، دېمەككى،  بۇ روھ مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ.

گەرچە بۇ ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىز مەۋقۇتلۇقىنى سۈردۈرەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق، ئۇلار زامانىۋى دۇنيادا بىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز ۋە بىرلىكىمىزنىڭ ئولىنى سالدى.

ئىستىقلال مارشى، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى … بىزگە شۇلاردىن مىراس قالدى. بۇلار بۈگۈن بىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ سىمۋولى، سىياسىي نىشانىمىزنىڭ رەھنامىسى ھالىغا كەلدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ جۇمھۇرىيەتلىرىمىزنى ۋە ئۇلارنىڭ قۇرغۇچىلىرىنى خاتىرىلەش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇلار بىزگە داۋاملىق يولىمىزنى ۋە نىشانىمىزنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.

بىراق، تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ تارىختىن ئىبرەت ئېلىش ۋە ئۇنى كەگۈسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتۇر. يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا ئولۇغ ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ ئىككى جۇمھىۇرىيەتىمىزنى ۋە ئۇلارنىڭ قۇرغۇچىلىرىنى سۆيۈنۈش ۋە ھۆرمەت ئىلكىدە ئەسلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ جۇمھۇرىيەتلىرىمىزنىڭ يېقىلىش سەۋەبلىرى ۋە تارىخىي خاتالىقلار ئۈستىدە ئىزدىنىشمۇ ئ‍وخشاشلا زۆرۈردۇر. ئۇيغۇرلار قايتىدىن دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى قايتىدىن چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ تولىمۇ تەخىرسىز بىر خىزمەت ھېسابلىنىدۇ.

دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان، شۇنداقلا ئىبرەت ئالمىغانلارنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەن تولغان، دېگەن گەپ بار. تارىخ تەكراردىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ناۋادا ئوخشاش خاتالىقلارنى تەكرار سادىر قىلساق، يەنە ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولىمىز.

بىزدە ھازىرغىچە ئىككى جۇمھۇرىيەت تارىخىغا ئائىت خاتىرىلەر ۋە ئەسلىمىلەر يېزىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشلىرى،  قۇرۇلۇش جەريانلىرى، يېقىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى،  ئىچكى ۋە تاشقى ئاتموسفىرا… ھەققىدە يىتەرلىك ئىلمىي تەتقىقاتلار، سىياسىي مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلغىنى ۋە ئوبيېكتىپ يەكۈنلەر چىقىرىلغىنى يوق.

ئەجدادلىرىمىز نېمىلەرنى توغرا قىلغان، نېمىلەرنى خاتا قىلغان، بۈگۈن بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟  دېگەندەك سۇئاللارغا ئىلمىي جاۋابلارنى تاپقان ۋە ئ‍ۇلار توغرا قىلغان ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇپ، خاتا قىلغان تەرەپلەردىن ئىبرەت ئالغاندىلا ئاندىن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز. بولمىسا، تارىخىي خاتالىقلارنى يەنە سادىر قىلىپ، ئىنقىلاپ مىۋىلىرىنى يەنە قولدىن بېرىپ قۇيۇشىمىز مۇمكىن.

ئاخىرىدا مەن ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنى قورۇش يولىدا ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلغان بارلىق شەھىدلىرىمىزگە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن.

بۇ پائالىيەتنى تەشكىللەشكە باشچىلىق قىلغان ۋە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن ئابدۇجېلىل تۇران ھاجىمغا ئالاھىدە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن ۋە بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شۇنداقلا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىگە ۋاكالىتەن ھەممىڭلارنىڭ جۇمھۇرىيەت كۈنىنى چىن يۈرەكتىن قۇتلۇقلايمەن.

رەھمەت!

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ