• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

يوگياكارتا نەھدەتۇل ئۇلەما ئۇنىۋېرسېتىتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

2023- يىلى 04- ئاينىڭ 05- كۈنى ھىندۇنېزىيەنىڭ يوگياكارتا شەھىرىدىكى نەھدەتۇل ئۇلەما ئۇنىۋېرسېتىتىدا «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە تېنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ خەلقئارالىق ئىمكانىيەتلىرى» دېگەن تمىدا بىر قېتىملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى بىلەن يوگياكارتا نەھدەتۇل ئۇلەما ئۇنىۋېرسىتېىتى ۋە باشقا بىر قانچە تەشكىلات بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئېچىلىش سۆزى قىلدى، تەتقىقات مەركىزىمىزنىڭ تەشۋىقات مەسئۇلى ھەزرىتى ئەلى دوكلات بەردى.

يىغىندىن كېيىن ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى يوگياكارتا نەھدەتۇل ئۇلەما ئۇنىۋېرسىتېىتى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ