• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 14 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 14 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.

ئالدى بىلەن، مۇشۇ ئاينىڭ 5- كۈنى  ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىسىنىڭ ئورتاق ساھىبخانلىقىدا ئەنقەرەدە 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 14 يىللىقىنى خاتىرىلەش، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ ۋەھشىي قىلمىشىنى ئەيىبلەش، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئۈرۈمچى قەتلىئامىنى سادىر قىلغۇچىلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلىش مەقسىتىدە بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىگە ۋاكالىتەن پروگرامما مەسئۇلىمىز مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا قاتناشتى.

ئارقىدىن مۇشۇ ئاينىڭ 6- كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلىپ، يېڭىدىن سايلانغان مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. زىيارەت جەريانىدا مىللەت ۋەكىللىرى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىدىن ھال سورىدى. شۇنداقلا خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ قەتلىئامنى ئۇنۇتتۇرۇشىغا ئەسلا يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى. زىيارەت ئەسناسىدا يەنە تۈركىيە پارلامېنتىدا مەخسۇس شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەكشۈرىدىغان بىر كومىتېت قورۇش ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ