• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى

ئاخبارات باياناتى

2023- يىلى 06- ئاينىڭ 28- كۈنى

contact@uyghurstudy.org

 

قۇربان ھېيت مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى دىنىي بايرىمى. بۇ بايرام مۇناسىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئايەم شاتلىقىغا چۆمىدۇ، ئائىلىلەر جەم بولۇپ ھېيتنى بىللە ئۆتكۈزىدۇ. قۇربانلىق قىلىش پۈتۈن ساماۋىي دىنلارنىڭ پەيغەمبىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن قالغان بىر سۈننەتتۇر. ئۇرۇق-تۇققان ۋە دوست-بۇرادەرلەر بىلەن يوقلىشىش بولسا قۇربان ھېيتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرىدۇر.

 شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىڭ يىلدىن بۇيان بۇ ئەنئەنىنى جارىي قىلدۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ھەر يىلى قۇربان ھېيت كەلگەندە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بىلەن تەڭ خۇشاللىقا چۆمەتتى. قۇربان ھېيت ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىسلام ئۈممىتىدىن ئىبارەت چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسىلىق ئىپتىخارىنى ھېس قىلدۇرۇپ كەلگەنىدى.

 70 يىلدىن بۇيان ئاتېئىست خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامىي كىملىكىنى ساقلاپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى بۈگۈن خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. خىتاي رېجىمى نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش ئاچقان بولۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاش  قۇربان ھېيت ئۆتكۈزىشىگە يول قۇيۇلمايدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى نۇرغۇنلىغان مەسچىتلەر يېقىپ تاشلانغان ياكى تاقىۋېتىلگەن بولۇپ، پەقەتلا تەشۋىقات ئېھتىياجى يۈزىسىدىن ئاز ساندىكى مەسچىتلەر ئۇچۇق قالدۇرۇلغان. شۇ ۋەجىدىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت نامىزى ئوقۇش ئىمكانىيىتىمۇ يوق دېيەرلىك

 خىتاي دائىرىلىرى 2017- يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى كىڭەيتىپ، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنى يولغا قويدى. چەتئەل بىلەن ئالاقە قىلىش لاگىرغا تۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار شۇنىڭدىن بۇيان ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن ئالاقە قىلالماي كەلدى. بۈگۈن ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق-تۇققان، -دوست-بۇرادەرلىرىگە تېلېفۇن قىلىپ، «ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن» دېگەن گەپنىمۇ قىلالمايدۇ. ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن 900 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ھېيت ئۆتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاش ھەقىقەتەن ئازابلىق.

 ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئالدى بىلەن، پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ئۇلارنىڭ ھېيتنى ئۇرۇ-تۇققان ۋە دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىنى تىلەيمەن. بىراق، ئۇلارنىڭ ھېيت تەنتەنىسىگە چۆمۈلگەن بىر پەيتتە بۇ نىئ‍مەتتىن مەھرۇم شەرقىي مۇسۇلمانلىرىنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.  خىتاي 1949- يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھۆرلۈك، ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بەردى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار. ئىسلامي قېرىنداشلىق بۇنى تەقەززا قىلىدۇ.»

 ئاخىرىدا، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭمۇ بۇرۇنقىغا ئ‍وخشاش خۇشال-خۇرام ھېيت ئۆتكۈزىدىغان كۈنلىرىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيدۇ!

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ