• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئەنقەرەدە ئۇيغۇر تىلى ۋە كۈلتۈرىنى قوغداش ھەققىدە خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

مۇشۇ ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدە خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تەشكىلات مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە سەنئەتچىلەر ئىشتىراك قىلدى.

بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ مەقسىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداشتا دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش بولۇپ، يىغىنغا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكى، تېنچلىق ئىنىستىتۇتى، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فۇندى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى، تۈركىيەدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتيەلەرنىڭ مىللەت ۋەكىللىرى  قاتناشتى ۋە ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش تېرىشچانلىقلىرىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

15 دۆلەتتىن 30 غا يېقىن تەشكىلات قاتناشقان بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىدىن مۇدىر ئابدۇلھەكىم ئىدرىس باشچىلىقىدا بىر ھەيئەت قاناتشىتى. يىغىندا ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە كۈلتۈرىنى قوغداشتىكى رولى ھەققىدە سۆز قىلدى.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ