• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

بەش يىل ناھەق تۇتقۇن قىلىش: خىتاي دائىرىلىرى دوكتور گۈلشەن ئابباسنى قويۇپ بېرىشى كېرەك

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى

ئاخبارات باياناتى

2023- يىلى 09- ئاينىڭ 12- كۈنى

contact@uyghurstudy.org

 

2023-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پىنسىيەگە چىققان ئۇيغۇر دوختۇر دوكتور گۈلشەن ئابباسنى قارىغۇلارچە قولغا ئالغانلىقىغا بەش يىل توشقان كۈن. بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇنقى بۈگۈن كۈندە خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىدىكى سىڭلىسى رۇشەن ئابباسنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقان قىلغانلىقىنى تېنچ ئەيىبلىگەنلىكىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن دوكتور گۈلشەن ئابباسنى ناھەق تۈرمىگە تاشلىغانىدى.

دوكتور گۈلشەن ئابباس بىر ئۆمۈر خەلقىگە خىزمەت قىلغان تېببىي خادىم بولۇپ، پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى ئۆمرىنى يېقىنلىرى بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇ 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەن. شۇنىڭدىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى ۋە سالامەتلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەي، ئائىلىسىنى غايەت زور ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچار قىلدى. خىتاي ھاكىمىيىتى يېقىنلىرىنى ناھەق ھالدا جازا لاگېرلىرىغا ، مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ قويغانلىقتىن، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «دوكتور گۈلشەن ئابباس ئايالىم رۇشەن ئابباس ئائىلەمدىكىلەرنىڭ يۇقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا سۆزلىگەندىن كېيىن قولغا ئېلىندى. ئۇنىڭ رۇشەندىن ۋە مېنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە ئادالەت تەلەپ قىلغانلىقىمدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئېنىق. خىتاي رېجىمى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دوكتور گۈلشەن ئابباس ۋە باشقا قارا-قۇيۇق تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى سانسىزلىغان تەلەپلىرىگە جاۋاب قايتۇرمىدى. خەلقئارا جەمئىيەت ۋە دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى، ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىشى ئۈچۈن كۈچلۈك بېسىم قىلىشى كېرەك».

بۈگۈن ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە، خىتاي دائىرىلىرىنى دوكتور گۈلشەن ئابباس ۋە خالىغانچە قولغا ئېلىنغان باشقا كىشىلەرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدۇ. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىدۇ. ئۇ يەنە  مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ئەيىبلەشكە چاقىرىدۇ. ئاخىرىدا، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئورۇق-تۇققانلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي يوقۇتۇۋېتىلگەن ياكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە ھېسداشلىق قىلىدۇ.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ