• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

دۇنيا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويماسلىقى كېرەك

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى

ئاخبارات باياناتى

2023- يىلى 08- ئاينىڭ 28- كۈنى

contact@uyghurstudy.org

 

خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن شەنبە كۈنى جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن كىسەك ئالتۇن باشلىقلار يىغىنىدىن قايتىش سەپىرىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە توختاپ، يەرلىك دائىرىلەرگە «ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، تېررورلۇققا زەربە بېرىش ۋە ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش…» توغرىسىدا يول-يۇرۇق بەرگەن. شى جىنپىڭ يەنە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش ۋە رايون سېرتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەكىتلىگەن. بۇ خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشنى ھېچقاچان توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

خىتاي رېجىمى 2014- يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا «تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش» نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قۇيۇپ كەلدى. بۇ خىل رەزىل سىياسەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشى نەتىجىسىدە، ھازىرغىچە مىليونلىغان ئۇيغۇرلار يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا سولاندى. تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى يۈزىسىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بەزى جايلىرىدا 0%كە چۈشۈپ قالدى. ئۇيغۇر زىيالىلىرى، دىنىي ئۆلىمالىرى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىندى. ئۇيغۇر تىلى تامامەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئىسلامىي ئىبادەتلەر ۋە قائىدە-يۇسۇنلار تەلتۆكۈس چەكلەندى. مەسچىتلەر چېقىپ تاشلاندى ياكى ساياھەت جايلىرىغا ئۆزگەرتىلدى. قەبرىستانلىقلار ۋەيران قىلىندى. ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاي ئەرلىرى. بىلەن توي قىلىشقا زورلاندى. ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى مەجبۇرىي ئاسمىلاتسىيە قىلىندى. شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ قاتتىق تەقىپ سىياسىتى سەۋەبىدىن دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇلدى.

خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ خىل رەزىل قىلمىشلىرى ئۆتكەن بىر قانچە يىل مابەينىدە خەلقئارا مىدىيالارنىڭ كۈن تەرتىپىدىن چۈشمەي كەلدى. دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر، كىشىلىك ھۇقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ۋىجدانلىق كىشىلەر خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ كەلدى. نۆۋەتتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى 10 نەچچە دۆلەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ ھەقتە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرۈش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لوندوندا تەسىس قىلىنغان مۇستەقىل ئۇيغۇر سوتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى.

مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك دائىرىلەرگە مەۋجۇت سىياسەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەپ ئىجرا قىلىش ھەققىدە يول-يورۇق بېرىشى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ رەزىل ئەپتى-بەشرىسىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا ئوچۇق كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى قىرغىنچلىق ۋە ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشنىڭ تامامەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇماندانلىقى ۋە بۇيرۇقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. دېمەككى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ باش جىنايەتچىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىستىك رېجىمىدۇر.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرىگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە ئىسلامغا قارشى ئورۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى جېكىلىشى بىر ياندىن شى جىنپىڭنىڭ ۋە خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ نەقەدەر رەزىللىكىنى كۆرسەتسە؛ يەنە بىر ياندىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا تۈزۈك بېسىم قىلالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتايغا قارشى بەلگىلىك چارە قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما تولىمۇ ئەپسۇسكى، كۆپىنچە ئىسلام دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى جىنايىي قىلمىشلىرىغا بىر بولسا سۈكۈت قىلدى، بىر بولسا ئاشكارە خىتاينى قوللىدى. شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى سۆزلىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دۇنيانىڭ، خۇسۇسەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ئىلھام بولغان. خىتاي بۇ رەزىل جىنايىتدىن قايتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنى داۋاملىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاشكارە جاكارلىغۇدەك يۈرەككە ئىگە بولغان. بۇ ئۇمۇمەن خەلقئارا قانۇننىڭ، ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىنىڭ مەغلۇبىيىتى؛ خۇسۇسەن ئىسلام ئۈممىتىنىڭ، مۇسۇلمان قېرىنداشلىقنىڭ مەغلۇبىيىتى ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنلارنى كۆزگە ئىلماي، ئۇيغۇرلارغا قارىتا داۋاملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشىغا ئەمدى يول قويماسلىقى كېرەك».

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق قىرىش، ئىسلامغا داۋاملىق قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى يول-يورۇقلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇنىڭغا داۋاملىق يول قويماسلىققا، ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە ۋىجدان ئالدىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىدۇ.  شۇنداقلا خىتاينى داۋاملىق ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشنىڭ، جىنايىي جاۋابكارلىققا تارتماسلىقنىڭ يامان ئاقىۋېتىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ