• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئۇ ت م ھەيئىتى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى (ئۇ ت م) ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت 2023- يىلى 09- ئاينىڭ 25- ۋە 26- كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە بىر قاتار زىيارەتلەردە بولۇپ، سىياسىي پارتىيە مەسئۇللىرى ۋە ئاكادېمىسيەنلەر بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ۋە پروگرامما مەسئۇلى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئۇ ت م ھەيئىتى 25- سىنتەبىر تۈركىيەدىكى مۇھىم ئۆكتىچى سىياسىي پارتىيەلەردىن بىرى بولغان ئىيى پارتىيەسىنىڭ ئەنقەرەدىكى مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر پارتىيەنىڭ تۈرك دۇنياسىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ئاي يۈجە تۈركەش بىلەن كۆرۈشتى. سۆھبەت جەريانىدا ئىككى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. ئۇ ت م نىڭ خىزمەتلىرىگە يۇقۇرى باھا بەرگەن ئاي يۈجە تۈركەش تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قايتىدىن كۈن تەرتىپكە ئەكىلىش ۋە ئەمەلىي ئىش قىلىش ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلىشىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاي يۈجە تۈركەش سۆز ئارىلىقىدا «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ دادىسى ئالپ ئارسلان تۈركەشنىڭ مىراسى» ئىكەنلىكىنى، بۇ دەۋاغا ئاخىرىغىچە ئىگە چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ت م ھەيئىتى شۇ كۈنى يەنە تۈرك ئوجاكلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرەدىكى باش مەركىزىنى زىيارەت قىلدى. ئۇ ت م ھەيئىتىنى ئوجاكنىڭ باشلىقى خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆز ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى. ئىككى تەرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ھازىرغىچە قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ئىلمىي خىزمەتلىرى ئۈستىدە قىزغىن پاراڭلاشتى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن ئىلمىي ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

ئۇ ت م بۇلاردىن سېرت 25- ۋە 26- سىنتەبىر كۈنلىرى ئەنقەرەدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاكادېمىسيەنلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ