• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا خىتايغا چاپان يېپىشى جىددىي ئىنكاس قوزغىماقتا

خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىغا قارشى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ كېلىۋاتقان مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى 19-ئاۋغۇست كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن مەقسەتلىك تەشكىللەنگەن بۇ زىيارىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. باياناتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە قارىتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئېغزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئويناۋاتقانلىقى، جازا لاگېرلىرىنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇتلۇقى، زۇلۇمنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭمۇ بۇنىڭغا شېرىك بولماسلىقى لازىملىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

باياناتتا مۇنداق ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن: «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكى پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان پىلانلىغان ساختا نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرىنىلا كۆرەلەيدۇ ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان كىشىلەر بىلەنلا كۆرۈشەلەيدۇ. يەرلىك كىشىلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋاللىرىنى ئېيتالمايدۇ. خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرىمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەمەلدارلار، دىپلوماتلار، ئۆلىمالار ۋە ئاخباراتچىلارنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ خىل زىيارەتلەر ئاخىرىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىنى ئاقلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئىدى.»

خەۋەرنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xitay-teshwiqati-08212023104614.html

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ