• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتى خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى

ئاخبارات باياناتى

2023- يىلى 08- ئاينىڭ 19- كۈنى

contact@uyghurstudy.org

 

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى (OIC)نىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى 2023-يىلى 17-ئاۋغۇست خىتايغا يىتىپ بارغان. جىبۇتىنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى باش ئەلچى دىيا-ئېددىن باماخراما باشچىلىقىدىكى بۇ ئۆمەك مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 ئەزا دۆلەتنىڭ دائىمىي ئەلچىلىرى ۋە ۋەكىللىرىدىن تەركىپ تاپقان. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مەزكۇر ئۆمەكنىڭ «خىتايدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ ئەھۋالى» توغرىسىدا خىتاي تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش پىلانى بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە قارىتا خەلقئارا جەمئىيەتنى، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۇنياسىنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي تەرىپىدىن مەقسەتلىك تەشكىللەنگەن بۇ زىيارەتنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.  بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان مۇسۇلمانلار جازا لاگېرلىرىغا سولانغان بولسا، لاگېرنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەر ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدە قاتتىق نازارەت ئ‍استىدا ياشىماقتا. ئىلگىرى جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەركەزلىرى ۋە زاۋۇتلارغا يۆتكەلگەن بولغاچقا، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى  يەنىلا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى داۋاملاشماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكى داۋاملىق ھۇجۇم نىشانى بولۇپ، ئىسلامىي ئىبادەتلەر ۋە ئەنئەنىلەر پۈتۈنلەي چەكلەنمەكتە.

بۇ خىل ئەھۋالدا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكى پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان پىلانلىغان ساختا نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرىنىلا كۆرەلەيدۇ ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان كىشىلەر بىلەنلا  كۆرۈشەلەيدۇ. يەرلىك كىشىلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋاللىرىنى ئېيتالمايدۇ. خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەمەلدارلار، دىپلوماتلار، ئۆلىمالار ۋە ئاخباراتچىلارنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ خىل زىيارەتلەر ئاخىرىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىنى ئاقلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. تېخى يېقىندىلا ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان ۋەكىللەر ئۆمىكى «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە دىنىي زىيانكەشلىك» نى ئىنكار قىلغانىدى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلار ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە قىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىكىگە سەل قاراش ياكى ئۇنى پەردازلاش ئورنىغا، ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىنى ئەيىبلشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىشى كېرەك، پەقەت لاگېر شاھىتلىرى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئورۇق-تۇققانلىرىلا ھەقىقىي ئەھۋالنى سۆزلىيەلەيدۇ. نۇرغۇنلىغان غەرب ھۆكۈمەتلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاللىقاچان ئېتىراپ قىلىپ بولدى. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىخۇتلۇقتىن ئويغىنىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلامغا ۋە ئىنسانى قەدىر-قىممەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرىدىغان ۋاقتى بوپ كەتتى».

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ قېتىم شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتى ئارقىلىق خىتاي رېجىمى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلايدىغان ياكى پەردازلايدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەرمەسلىكى كېرەك. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقات قۇرالىغا ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى بۇ ھالقىلىق پەيتتە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى «ئەزا بولمىغان دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان توپلۇلۇقلار ۋە ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقى، ئىززەت-ھۆرمىتى، شۇنداقلا دىنىي ۋە كۈلتۈرەل كىملىكىنى قوغداش»تىن ئىبارەت ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىدۇ.

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ