• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

مىللەتنىڭ تەقدىرى ۋە مىللەت ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقانلارنىڭ قىسمىتى

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق باش تەپتىشى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس 8-ئاينىڭ 16-كۈنى دادىسى ئابدۇلكەرىم زىكرۇللاھ ئىدرىسنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ئابدۇلھاكىم ئىدرىس دادىسى بىلەن ئاخىرقى قېتىم 2017-يىل 4-ئايدا تېلېفوندا كۆرۈشكەن بولۇپ، ۋاپاتىدىنمۇ 7 ئاي كېچىكىپ خەۋەر ئالغان. ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى دۇچ كەلگەن بۇ قىسمەت ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان بارلىق ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ خىتاينىڭ كۆزىگە مىخ بولۇپ قادالغان سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان زۇلۇم بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۆلەۋاتقان بەدىلى كۆپ ھەم ئېغىر بولماقتا.

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دادىسى بىلەن يىللارچە كۆرۈشەلمىگەنلىكى ۋە مۇسىبەت خەۋىرىنى ۋاقتىدا ئالالمىغانلىقىنى، ھالبۇكى بۇنىڭ بۇ مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەرنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:

https://uygdev.rfaweb.org/uyghur/xewerler/millet-teqdir-08172023174717.html

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ