• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئەنقەرەدە بىر قاتار پائالىيەتلەر ئ‍ېلىپ بېرىلدى

ئۇيغۇر تەتققىقات مەركىزى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋەكىللىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەت مۇشۇ ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە تۈركيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس باشچىلىقىدىكى بۇ ھەيئەت تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى، مىللەت ۋەكىللىرى ۋە ئەنقەرەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇيغۇر ھەيئىتىنى تۈركىيەدىكى مۇھىم ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن ئىيى پارتىيىسىنىڭ باشلىقى مەرال ئاكشەنەر  ئۆز ئىشخانسىىدا قۇبۇل قىلدى. مەزكۇر ھەيئەت بۇنىڭدىن سېرت يەنە مەزكۇر پارتىيەنىڭ تۈرك دۇنياسى ئىشلىرى مەسئۇلى ئاييۈجە تۈركەش، غازى ئانتەپ مىللەت ۋەكىلى مەھمەت مۇستافا گۈربان ۋە بۇرسا مىللەت ۋەكىلى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ئەزاسى سەلچۇق تۈرك ئوغلى قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم- ئايرىم كۆرۈشتى. ئۇيغۇر ھەيئىتىنى قۇبۇل قىلغان ئىيى پارتىيە باشلىقى ۋە مىللەت ۋەكىللىرى بىردەك شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تېخىمۇ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇيغۇر ھەيئىتى ئىيى پارتىيەسىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى.

ئۇيغۇر ھەيئىتىنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئاق پارتىيەدىن ئوسمانىيە مىللەت ۋەكىلى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى دەريا يانىك بىلەن ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى ئادەم يېلدىرىم قۇبۇل قىلدى. زىيارەت جەريانىدا، ئۇيغۇر ھەيئىتى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە ئاق پارتىيەدىن ۋە مەجلىس ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىدىن كۆتىدىغان ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دەريا يانېك بىلەن ئادەم يېلدىرىمنىڭ ھەر ئىككىسى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتلىرىگە يۇقۇرى باھا بەردى، شۇنداقلا ھەر پۇرسەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھۇقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇيغۇر ھەيئىتىنى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن كېلەچەك پارتىيەسىدىن مۇغلا مىللەت ۋەكىلى، مەجلىستىكى سائادەت-كېلەچەك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سەلچۇق ئۆزداغ بىلەن بۇرسا مىللەت ۋەكىلى، مەجلىسى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قانى تورۇن قۇبۇل قىلدى. زىيارەت ئەسناسىدا ئۇيغۇر ھەيئىتى سەلچۇق ئۆزداغنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھۇقۇقى ئۈچۈن كۆرسەتكەن زور تېرىشچانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى ۋە ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ھەيئىتى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن ھاتاي مىللەت ۋەكىلى، مەجلىس ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سەرۋەت موللا ئوغلى بىلەن كۆرۈشتى. سەرۋەت موللا ئوغلى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي كۆرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىياسىي پارتىيەلەر زيارىتى قاتارىدا مەزكۇر ھەيئەت جۇمھۇر ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرىدىن بىر بولغان ھۆر دەۋا پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى، باتمان مىللەت ۋەكىلى سەركان رامانلې بىلەن كۆرۈشتى. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر ھەيئ‍ىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇم-سىتەملىرى، ئاسمىلاتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇردى. بۇنى ئاڭلىغان سەركان رامانلې ھۆر دەۋا پارتىيەسىنىڭ مەجلىسكە يېڭى كىرگەنلىكىنى، شۇڭا بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرالمىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا سۆكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ھەيئ‍ىتى بۇ ئەسنادا يەنە شەرقى تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تەۋرەنمەس قوللىغۇچىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى سابىق مىللەت ۋەكىلى ياۋۇز ئاغېر ئالى ئوغلىنى مەخسۇس يوقلاپ بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشتى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تېنىمسىز خىزمەتلىرىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى.

ئەنقەرەدىكى پائالىيەتلەر قاتارىدا مۇشۇ ئاينىڭ 15- كۈنى تۈركىيە ئاياللار جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيتى ئېلىپ بېرىلدى. دوغان تاشدەلەن زامانىۋى سەنئەتلەر مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر پائالىيەتتە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباسنىڭ، ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنى ئىزدەش ھېكايىسى ئاساس قىلىنغان، «ھەدەمنى ئىزدەپ» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قۇيۇلدى. پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس بىلەن تۈركىيە ئاياللار جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى جانان گۈللۈ سەھنىگە چىقىپ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇيغۇر ھەيئىتى ئەنقەرەدىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا بۇلاردىن باشقا يەنە ھەر قايسى ساھەلەردىكى مۇھىم شەخسلەر بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى ۋە يېڭى پۇرسەتلەر ئۈستىدە ئىزدەندى.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ